• 2008-11-06

    ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق مەدرىسسى<<مەدرىسەئى ساجىئە>>نىڭ ئورنى Uyghurlarning dangliq medrisisi <>ning orni - [تارىخ]

    ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق مەدرىسسى<<مەدرىسەئى ساجىئە>>نىڭ ئورنى

    Uyghurlarning dangliq medrisisi <>ning orni

     

    <<مەدرىسەئى ساجىئە>>(ساجىئە مەدرىسەسى)ئۇيغۇرلار خانلىقلىرىنىڭ ئىچىدە قاراخانىلار خانلىقى دەۋىرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،11-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ قاراخانىلار خانلىقى تەۋەسىدە پەن-مەدەنىيەت،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز گۈللۈنۈپ،راۋاجلىنىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان،ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر بۇ مەزگىلدە ************ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ داڭلىق مەركىزىگە ئايلانغان.
      بولۇپمۇ قاراخانىلار خانى يۈسۈپ قىدىرخان تەخىتتە ئولتۇرغان دەۋىر(1024-1032)گە كەلگەندە، ئالىي ئوقۇش يۇرتى-<<مەدرىسەئى ساجىئە>>تەسىس قىلىنغان بولۇپ،ئۆز زامانىسىنىڭ يۇقىرى ئىلىم مەركىزى بولۇپ قالغان ئىدى بۇ مەدرىس ئەتراپىغا شۇ دەۋىرنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە ئەدىبلىرى توپلانغان ئىدى.
      ئۆز دەۋىرىدە ئوتتورا ئاسىيادىكى مەشھۇر مەدرىسلەردىن بىرى بولۇپ،جامال قارىشىنىڭ يېزىشىچە:<<بۇ مەدرىسكە ھەممە ئېقىملاردىن ھەريىلى مىڭلاپ ئوقوغۇچىلار كىلىپ بىلىم ئالغان.بۇيەردە يالغۇز ئىلاھى بىلىملەر ئوقۇتۇلۇپلا قالماي ئارىستوتىل،سوقرات،فارابى(950-870)،ئەبۇئەلى ئىبىن سىنا (1093-1007)ۋە خارازىمى قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپىلىرىمۇ ئوقۇتۇلغان>>.بۇمەدرىسكە كېرەكلىك چىقىملار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ ۋەخپە كىرىمىدىن چىقىم قىلىنغان.
      ساجىئە مەدرىسىدە دىنى دەرىسلەردىن باشقا تارىخ،جۇغراپىيە،ئاستىرىنومىيە،پەلسەپە،تەبىئەت شۇناسلىق،جەرراھلىق(تىۋىپلىق)،تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،ھەندەسە(گېئومىتىرىيە)،بىناكارلىق،شەرھشۇناسلىق دەرىسلىرى ئۆتۈلگەندىن باشقا يەنە شەرق كىلاسسىكلىرىدىن ئابدۇراخمان جامى،نەۋائىي(1501-1441)،شەيىخ سەئدى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى قوشۇپ ئوقۇتۇلغان.
      <<مەدرىسەئى ساجىئە>>دە ئوبول ھەسەن سەيىر ھاتەم،سەيىر جالالىدىن باغدادى،جامالىدىن قەشقىرى قاتارلىق ئالىملار دەرس ئۆتكەن بولۇپ،بۇ مەدرىسلەردە ئوقۇغانلاردىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر زاتلار،يېتىشكەن ئالىم،جەرراھ،ھۆنەرۋەن،دانىشمەنلەر يېتىشىپ چىقىپ دۇنياغا تونۇلغان.
     

      <<مەدرىسەئى ساجىئە>>نىڭ ئورنى دەل ھازىرقى ئاتۇشنىڭ مەشھەد دېگەن يېرىدە.گەرچە بۇ شەرىقتىكى ئالىي بىلىم يۇرتى ئاللابۇرۇن تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن بولسىمۇ،لىكىن بۇ بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۈكسەك ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىزنىڭ مەھسۇلى.
      بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۇستازى11-ئەسىردىكى تۇنجى شەھەر باشلىقى ھۆسەيىن ئىبنى فەلەق قەشقىرى قاتارلىقلار يېتىشىپ چىققان.
      مەدرىسەئى ساجىئەدە كىيىنكى دەۋىردە ئوقۇغان ۋە يېتىشىپ چىققان ئالىملاردىن شائىر،تارىخچى جامائەت ئەربابى مەھمۇد ھېكىم بەگ(1902-1818)،سالىھ داموللا ھاجىم(1957-1894)،شائىر ۋە مەسخىرچى ئەمەت داموللام(1961-1878)،جاھالەتكە قارشى پىداكار جەڭچى ئابدۇقادىر داموللام(1924-1862)...قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز يېتىشىپ چىققان.
     

      ئاتۇش ھەقىقەتەن <<مەرىپەت بۆشىكى>> دىگەن نامغا مۇناسىپ،ئۇ ئۇيغۇر قەدىمىي مائارىپىنىڭ ئوچىقى،ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ بۆشۈكى.



      بۇ يازما <<قىزىلسۇ>>ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق1-سانىدىكى ساۋۇتجان ************ ئەپەندىنىڭ<<ئاتۇشنىڭ مائارىپ تارىخىغا نەزەر>>دېگەن ئەسەرىدىن پايدىلىنىلدى. ھەمدە ساۋۇتجان ************ ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us