•  

    سۇمرۇغ تورى خەۋىرى: موڭغۇلىيەدە تۈركلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەدىمكى قەۋرىسى تېپىلغان بولۇپ، يېقىندا قەدىمكى قەۋرىدىن تېپىلغان بۇيۇملار رەسمىي ھالدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. بۇ ھەم موڭغۇلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركلەرنىڭ دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرگەزمىگە قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەدىمىي قەۋرىنى موڭغۇلىيە بىلەن روسىيە بىرلەشمە ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ جامار ناھىيىسىدىن بايقىغان بولۇپ،قەۋرە 6 مىتىر چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەن ئىكەن. كۆرگەزمە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر قەۋرىنىڭ تۆت ئەتراپى 90 مىتىر ئېگىزلىكتىكى توپا تام بىلەن قورشالغان بولۇپ، جەنۇب تەرىپىدە بىر چىقىش ئېغىزى بار ئىكەن. ھەمدە قەۋرىنى بايقاشتىن بۇرۇن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىر كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەۋرىسى دەپ بېكىتكەن.

    ...

  • بۇ دۆلەت مانا شۇنداق قۇرۇلغان
    Bu Dölet mana mushundaq qurulghan

  • مارتىن لوتېركىڭ نوتۇق ئۈستىدە

     

    ئوبامانىڭ خۇشاللىق كۆز ياشلىرى

     
          2008-يىلى 11-ئاينىڭ4-كۈنى :دىمكىراتلار پارتىيىسى نامزاتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلىمىدا 297:139بىلەتلىك نەتىجى بىلەن غەلىبە قىلىپ،ئامىر...

  • غەززادىكى ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى



    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى پەلەستىنگە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجىمى قوزغىدى.2009-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىشىغا قارىماي قۇرۇقلۇق ھۇجىمىنى قوزغىدى. ئىسرائىليەنىڭ غالجىرلارچە <<خاماس>>قا تازلاش ئېلىپ بېرىشى نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى،ۋە يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قانخورلارچە ئۆچ ئېلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ زومىگەر ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنى بىر قېتىم تونىتتى.  

    پەلەستىن خەلقى دەريا بولۇپ ئېقىۋاتىدۇ،خۇددى قانلىرى دەريا-دەريا ئاققاندەك
     

    ئۇرۇش تۇمانلىرى
     
     

     

     

  • مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ!

    Mehmud kashgheri yili menggu untulmaydu!



    2008-يىلى بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت بىرلىگى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن <<مەھمۇد كاشغەرىي يىلى>>دۇر. ھەش-پەش دېگۈچە 2008-يىلىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. شۇغىنىسى بۇ تەنتەنىلىك سادانىڭ شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدا كېچىكىپ تەشۋىق قىلىنىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىش بولدى. كېچىكىپ بولسىمۇ ئېلان قىلىنغىنى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈردى، چەكسىز ئىپتىخارلاندۇردى. بىر مىللەتتىن چىققان شەخىسنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا داغدۇغا پەيدا قىلىشى بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ھاياجانلىق مەزگىللەرنىڭ بىر مىللەتنىڭ بېشىغا قونىشى ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە، بىر قېتىم قونۇپ بولغان يەنە بىر قىتىم قونىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ ئۇنىڭغا بىر بەرسە دېيىش قىيىن.

    2008-يىلىنىڭ بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن <<مەھمۇد كاشغەرىي يىلى>> قىلىپ بېكىتىلىشىدەك زور ئىش مىللىتىمىزنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغۇسى!ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقۇسى!

    مەن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدىكى <<مەھمۇد كاشغەرىي يىلى>>غا مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلارنى توپلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ھەمدە تور بەتلەردە ئېلان قىلغان .بۇ قېتىم تېخىمۇ كۆپ يوللانمىلارنى توپلاپ <<مەھمۇد كاشغەرىي يىلى>> ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئازراق ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. كېيىنچە تورداشلىرىمىزغا ماتىرىيال ئىزدەشتە ئوڭايلىق ئېلىپ كەلسە بەختىم دەپ ھېسابلايمەن.

    مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئالەم شۇمۇل ئەسىرى-دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك

  •      20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئارغۇ يېزىسى تەۋەسىدە تاشقا ئايلانغان ئادەم بېشىنى بايقىغان. ھەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ تاشقا ئايلانغان ئادەم بېشىنىڭ بۇنىڭدىن ...

  • <<كۆچ-كۆچ قوشىقى>> ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قوشاق تۈرىنىڭ تارىخى قوشاقلار تۈرىگە كىرىدۇ.ئۇ 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كىيىنكى 1881-يىللىرى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتىكى چارروسىيە ھۆكىمىتىنىڭ زىمىنىمىزنى بېسىۋېلىپ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى يۈرگۈزگەن دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلىشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن خەلقىمىزنىڭ قوشاقلىرى ھېسابلىنىدۇ.  

  • تەڭرىقۇتلارنىڭ ئۈنۋانى     تەڭرىقۇتلارنىڭ ئىسمى        

    1.تۈمەن تەڭرىقۇت
    2.باتۇر تەڭرىقۇت
    3.ئاغا تەڭرىقۇت             قايۇق،كىئوك ...
  • <<مەدرىسەئى ساجىئە>>(ساجىئە مەدرىسەسى)ئۇيغۇرلار خانلىقلىرىنىڭ ئىچىدە قاراخانىلار خانلىقى دەۋىرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ،11-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ قاراخانىلار خانلىقى تەۋەسىدە پەن-مەدەنىيەت،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز گۈللۈنۈپ،راۋاجلىنىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان،ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر بۇ مەزگىلدە ************ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ داڭلىق مەركىزىگە ئايلانغان.
      بولۇپمۇ قاراخانىلار خانى يۈسۈپ قىدىرخان تەخىتتە ئولتۇرغان دەۋىر(1024-1032)گە كەلگەندە، ئالىي ئوقۇش يۇرتى-<<مەدرىسەئى ساجىئە>>تەسىس قىلىنغان بولۇپ،ئۆز زامانىسىنىڭ يۇقىرى ئىلىم مەركىزى بولۇپ قالغان ئىدى بۇ مەدرىس ئەتراپىغا شۇ دەۋىرنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە ئەدىبلىرى توپلانغان ئىدى.

  • ھازىرقى ئارخىلوگىيىلىك ماددى .ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئۆتۈك دېگەن بۇ ئاياغ كىيىمىنى ئىجاد قىلىپ،ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ۋە بۇ ھۆنىرىنى شەرىقى ئاسىيا ۋە جەنۇبى ياۋرۇپا ئەللىرىگىچەتارقاتقان.
      مىكوېنىڭ<<ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى>>دېگەن كىتابىدا:<<نېل،ھىندى،دېكرىس-يۇخاراپىس دەرياۋادىسى،شۇنداقلا خۇاڭخې دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارداياشايدىغان قەدىمكى كىشىلەر ياغاچ كەش كىيەتتى،تېرە ئۆتۈك ئوتتورا ئاسىيانىڭ بولۇشى مۇمكىن>>دەپ خۇلاسە چىقارغان.بۇ خۇلاسە شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسىدە ئىسپاتلىنىپ،سىناقتىن ئۆتتى.بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى،شىمالىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەر دەرياۋادىلىرى ۋە شەھەر قەلئە خارابىلىرىدىن تېپىلغان6400،6000،4000،2500،2000يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە بەزىسى ئىپتىدائي چەم،كۆن،خۇرۇملاردىن تىكىلگەن ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرى بار.ھەتتا 4000يىل بۇرۇنقى زامانلاردا مۇشۇ زىمىندا تىرىكچىلىك قىلىپ ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىيگەن ئۆتۈكلىرى ناھايتى سىپتا تىكىلگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خام تېرە،ئاشلانغان تېرە،چەم،كۆن،خۇرۇملارنىڭ پۇختىلىقى،ئۆتۈكنىڭ چەمى،باشلىقى،قونچى ۋە پاشنىلىرىنىڭ مەزمۇتلىقى،بوياقلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئۆڭمىگەنلىكى بىلەن ئارخىلوگلارنى ھەيران قالدۇرغان.