• 2010-09-18

    بۇ دۆلەت مانا شۇنداق قۇرۇلغان Bu Dölet mana mushundaq qurulghan - [تارىخ]

    بۇ دۆلەت مانا شۇنداق قۇرۇلغان
    Bu Dölet mana mushundaq qurulghan

    باش مىنىستىر ئەردوغان، «تۈرك مىللىتى ئۆتمۈشتىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن
    ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ھەم قەتئىي باش ئەگمەيدۇ» دەپ سۆز قىلدى

    (18-03-2009)- تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

    مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان 18 - مارت
    شىھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 94 - يىلى قىزغىن
    مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەندى.

    چاناققەلئەدىكى مۇراسىملاردا سۆز قىلغان باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان،
    چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تەڭداشسىز داستان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

    ئانتانتا دۆلەتلىرى 1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىراتورلىقىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى
    ئىشغال قىلىش پىلانىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى سۈپىتىدە، ئەڭ كاتتا دېڭىز ئارمىيە
    ئەترەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چاناقەلئە بوغۇزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن
    تېرىشىپ باققان ئىدى.

    بىراق تۈرك ئارمىيىسى ماددىي ئىمكانىيەتلىرىنىڭ شۇنچە يېتەرسىزلىكىگە پىسەنت
    قىلماستىن، دۈشمەننىڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردى.
    ھەمدە 1915 - يىلى 18 - مارتتا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز قوشۇنىنى
    ۋەيران قىلىپ، چانەققەلئە بوغۇزىدا سۇغا غەرق قىلدى.

    چاناققەلئەدە ئىنتايىن مۇھىم دېڭىز زەپىرىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈرك ئارمىيىسى،
    شۇنىڭدىن كېيىنكى فرونتلاردا قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغان ھۇجۇملارغا قارشى ئۆزىنى
    مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر قانلىق بەدەللەرنى تۆلىدى.

    تۈرك ئارمىيىسىنى دېڭىز ئۇرۇشى بىلەن يېڭەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن
    ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئانزاك قىسمى
    25 - ئاپرىل ۋە 6 - ئاۋغۇست كۈنلىرى گەلى بولۇ يېرىم ئارىلىغا
    ئەسكەر چىقىرىپ ئەڭ قانلىق ئۇرۇش باشلىدى.

    شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ تار ئۇرۇش مەيدانىدا ئاجايىپ قانلىق گىرەلەشمە
    ئۇرۇش يۈز بەردى.

    مۇستاپا كامالنىڭ «مەن سىلەرنى ھۇجۇم قىلىشقا ئەمەس، ئۆلۈشكە بۇيرۇيمەن»
    دېگەن سۆزى بىلەن باشلانغان ۋە تارىخ سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان
    قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى تۈركلەرنىڭ جاسارىتىنى ۋە چۇڭقۇر ۋەتەن سۆيگۈسىنى
    مەڭگۈگە نامايان قىلدى.

    بۇ ئۇرۇشتا 500 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. جەمئىي 253 مىڭ شەھىتنى
    قۇربان بېرىش ئارقىلىق ۋەتىنىنى قوغدىغان جەسۇر تۈرك خەلقىنىڭ بۇ شانلىق
    تارىخى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇستەملىكە دۆلەتلەرنىڭ
    ئازادلىق ئۇرۇشلىرىغا ئۆرنەك بولدى.

    چاناققەلئە 18 - مارت تەنتەربىيە زالىدا چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 94 - يىلىنى
    تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنجى قېتىم مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

    مۇراسىمدا باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئوردوغان، چاناققەلئە زەپىرىنىڭ
    تەڭداشسىز بىر داستان ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ داستاننى يازغان قەھرىمانلارنىڭمۇ
    مەڭگۈ ھايات ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

    مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى
    تەكىتلىنىپ تۇرىشى لازىملىقىنى قەيت قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغان،
    «تۈرك مىللىتى ئۆتمۈشتىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن ۋە بۇندىن
    كېيىنمۇ ھەم قەتئىي باش ئەگمەيدۇ» دەپ سۆز قىلدى.

    ئىنتايىن كۆپ ساندىكى خەلق ئاممىسى قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا شېئىرلار ئوقۇلدى،
    خەلق ئويۇنلىرى كۆرسىتىلدى
    .

     بۇ تېما ت ر ت تورىدىن ئېلىندى. كۆرۈپ ھەقىيقەتەنمۇ تۈركلەرنىڭ جاسارەتلىك بىر مىللەت ئئكەنلىكى نامايەن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن يۆتكەپ كىلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ھېيىت كونىراپ قالغان بولسىمۇ پەتىلەپ كەلدىم..
    回复بارخان说:
    بىرگە بولسۇن قېرىندىشىم. سىزنىڭ سالىمىڭىزغا رەھمەت. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغاي. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن! ئامان بولۇڭ قېرىنشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-09-21 20:52:30
  • پىكىرىڭىزگە قۇشۇلىمەن،تۈركىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا رەھبەرلىك قىلىپ،ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    回复ھونزادە 说:
    توغرا دەيسىز قېرىندىشىم. يېقىندا تۈركىيە باش مېنىستىرى ئەردوغان 29 تۈرلۈك تۈزىتىش تەدبىرىنى ئاۋامنىڭ ئاۋاز قويىشىغا تاپشۇرۇپ %58 كىشىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ قارار ماقۇللاندى. ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ يېقىندىن بۇيان پەلەستىنگە ئىنسانپەرۋەرلىك يەتكۈزۈش ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان پاراخوتقا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوق چىقىرىپ 11 كىشىنىڭ ئۆلۈشى(ئىچىدە 8 كىشى تۈركىيىلىك)نى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيىگە تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيىسى ۋە بىرلەشمە مانىۋېرنى ئەمەلدىن قالدۇرىشى ھەمدە ئامىرىكىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىرلەشمە مانىۋېرغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار دۇنياغا تۈركىيە غەرىبدىن يىراقلىشىۋاتامدۇ قانداق؟ دىگەن سۇئالنى قويىدۇ. ئامىېرىكا بەلكىم ئۆكتىچى پارتىيە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى ئاستىرىتتىن قوللاپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنى چەكلىشى مۇمكىن دىگەندەك پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە تۈركىيە غەرىبكە تايانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغان بولسا كېرەك.
    2010-09-25 17:58:44
  • چاناق قەلئە ئۇرىشى ھەقىقەتەنمۇ تارىختىكى داڭلىق ئۇرۇشكەن . تۈرۈكلەر چاناق قەلئە ئۇرىشىدا غەلبە قىلمىغان بولسا تۈركىيەنىڭ بۈگۈنىمۇ بولمىغان بولاتتى .
    回复ئەزىز说:
    توغرا دەيسىز. تۈركلەر پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ چىگرىسىنى ياۋروپا دەرۋازىسىدا ساقلاپ قالالىدى. تۈركلەرنىڭ باتۇرلۇقى ھەقىيقەتەنمۇ مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ. ھازىرقى پەلەستىن مەسىلىسىدە مۇسۇلمان دۇنياسى تۈركىيىنى يەنىلا ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىدىكىدەك پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ باش پاناھىلىق رولىنى ئوينىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئىران بىلەن تۈركىيە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى تالىشىۋاتقان ئاساسلىق ئىككى دۆلەت. ئىراننىڭ ب د ت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى، ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق تارىختىن بۇيان ئۇچرىمىغان يىتىم قالدۇرۇش سىياسىتىگە ئۇچىرىشى ئۇنىڭ بۇ سەھنىدە يىتەكچىلىك ئورنىدا تۇرىشىدا پايدىسىز ئامىلنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەب ئەللىرىمۇ پارىسلارنىڭ يىتەكچى بولىشىنى تازا خالىمىسا كېرەك، تۈركىيە ئوخشىمايدۇ ئۇ ش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى، تەرەققىيات ئىستىقبالى زور، رايون خاراكتىرلىق چوڭ دۆلەت ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە 20G يەنى 20 دۆلەت گوروھىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىللايدىغان بىردىن-بىر دۆلەت. شۇڭا تۈركىيەدىن پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۈتىدىغان ئۈمۈدى زور بولىشى مۇمكىن.

    ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-09-18 22:47:15