• 2009-01-19

    مارتىن لوتېركىڭنىڭ نوتىقىدىن ئوبامانىڭ پىرىزدىنت بولىشىغىچە Martin lotérkingning notiqidin obamaning pirizdint bolishighiche - [مەشھۇر شەخسلەر]

    مارتىن لوتېركىڭنىڭ نوتىقىدىن ئوبامانىڭ پىرىزدىنت بولىشىغىچە
    Martin lotérkingning notiqidin obamaning pirizdint bolishighiche



          2008-يىلى 11-ئاينىڭ4-كۈنى :دىمكىراتلار پارتىيىسى نامزاتى باراك ئوباما ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلىمىدا 297:139بىلەتلىك نەتىجى بىلەن غەلىبە قىلىپ،ئامىرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پىرىزدىنتى بولۇپ سايلىنىپ ئامىرىكا تارىخىدىكى تۈنجى نېگىر پىرىزدىنت بولغان...

           بۇ خەۋەر ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، ئەلۋەتتە دەسلىپىدە ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %12.3نى ئىگەللەيدىغان قارا تەنلىكلەردىن ئامېرىكىنىڭ پىرىزدىنتى چىقىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

           ئىلگىرى قارا تەنلىكلەردىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر ئىجدىمائىي پائالىيەتچى،سىياسىيون، ناتىق ھەم ئەدىب مارتىن لوتېركىڭ ئۆزىنىڭ <<مېنىڭ ئارزۇيۇم>> دىگەن نوتىقى بىلەن مىلىيونلىغان كىشىلەرنىڭ قىلبىنى لەرزىگە سالغان ئىدى. ئۇنىڭ باراۋەرلىك،ئەركىنلىك توغرىسىدىكى نوتۇقلىرى كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

           مارتىن لوتېركىڭ 1963-يىلى 28-ئاۋغۇسىت ۋاشىنگىتوندا 250مىڭ ھەر مىللەت خەلىقى ئۇنىڭ مۇشۇ نوتۇقىنى ھاياجان ئىلكىدە ئاڭلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مەشھۇر نوتىقى 250مىڭ ئادەم ۋاشىنگىتوندىكى رەئىس جۇمھۇر ئابراھام لىنولىننىڭ ھەيكىلى ئالدىغا يىغىلىپ ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 29 قېتىم تۈرمىدە ياتتى. ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق بوشاسماسلىق،ئىگىلمەسلىك، قورقۇپ قالماسلىقى ئۇنى نېگىرلار ئارسىدىلا زور شان-شۆھرەتكە ئىگە قىلىپلا قالماستىن نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان ئېرىقتىكىلەر ئارىسىدا شۆھرەتكە ئىگە قىلدى ۋە نېگىرلار ھەركىتىنىڭ داھىيسىغا ئايلاندۇردى.

           ئۇنىڭ شۇ كۈنكى نوتىقى ئۇنىڭ نامىنى ئامېرىكىغىلا ئەمەس،پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتتى. ئۇ ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىكى ئېرىقچىلىق تۈزىمىگە قارشى <<زورلۇق كۈچىسىز قارشىلىق ھەركىتى>>نى قانات يايدۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرى بىلەن 1964-يىلى <<نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى>>غا نائىل بولۇپ پۈتكۈل دۇنياغا تېخىمۇ تونۇتتى. 1968-يىلى 4-فېۋرالدا تېننېسىي شىتاتىدىكى بىر چىركاۋدا نوتۇق سۆزلەۋاتقاندا بىر ئاق تەنلىك ئەشەددىي ئېرىقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1983-يىلى شۇ چاغدىكى رەئىس جۇمھۇر رېگان <<مارتېن لوتېركىڭ بايرىمى>>غا قانۇنىي ھۆججەت تەرىقىسىدە ئىمزا قويدى.1986-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى يانىۋارنىڭ ئۈچۈنجى كۈنىدىن تارتىپ بىر ھەپتە<<مارتېن لوتېركىڭ بايرىمى>> دۆلەت بويىچە تەنتەنىلىك خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتتە ئېرىقچىلىققا قارشى بۇ قەھرىماننى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرلەپ كەلمەكتە.

           ئوبامانىڭ بۈگۈنكى پىرىزدىنتلىق تەختىگە چىقىشىنى مارتىن لوتىركىڭنىڭ ئاشۇ كۇندىكى ئاجايىپ نوتىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىسا كېرەك.


    مارتىن لوتېركىڭ نوتۇق ئۈستىدە

     

    نوتۇقتىن كۆرۈنۈش

     



     


    ئوبامانىڭ خۇشاللىق كۆز ياشلىرى

     

    بۇ مۆجىزىدىن ھاياجانغان قاراتەنلىكلەر كۆز يېشى قىلشماقتا

     





     

    مارتىن لوتېركىڭ نوتۇقى-مېنىڭ ئارزۇيۇم
    مېنىڭ ئارزۇيۇم


           بىر ئەسىر ئىلگىرى،ئامىرىكىلىق بىر بۈيۈك زات(1) <<نېگىر قۇللارنى ئازات قىلىش خىتابنامىسى>>نى ئىمزالىغان ئىدى. بۈگۈن بىز بۇ بۈيۈك زاتنىڭ سىمۋوللۇق مەنىەە باي ھەيكىلى چۈشۈرگەن سايە ئاستىدا بۇ يەرگە يىغىلدۇق.بۇ مۇھىم بۇيرۇق ئادالەتسىزلىكنىڭ ئازابلىق يالقۇنلىرىدا جەبىر تارتىۋاتقان نەچچە مىلىيون نىگىر قۇلغا نىسبەتەن گويا ئۈمۈد بېغىشلىغۇچى بەھەيۋەت ماياك،ئۇزاققا سوزۇلغان قۇللۇق زۇلمىتىگە خاتىمە بەرگۈچى سۈبھى نۇرى.

           ئەمما بىر ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نېگىرلاردا يەنىلا ئەركىنلىك يوق،بىز بۇ تىراگىدىيىلىك رىئاللىققا چۇقۇم يۈزلىنىشىمىز كېرەك. بىر ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندەنېگىرلار ئېرىقى ئايرىمىچىلىق ۋە ئېرىقىي كەمسىتىشنىڭ كىشەنلىرىگە پاجىئەلىك ھالدا بەنىت بولماقتا. بىر ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نېگىرلار يەنىلا نامراتلىقنىىڭ تەنھا ئارىلىدا ياشىماقتا. ۋەھالەنكى،ئۇلارنىڭ ئەتراپى ماددىي پاراغەتنىڭ پايانسىز ئوكيانى. بىر ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نېگىرلار ئۆز ۋەتىنىدىمۇ سەرسانلارغا ئايلىنىپ، ئامىرىكا جەمىيىتىنىڭ قىسىلچاقلىرىدا ئازاپ چەكمەكتە. شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ جايغا كېلىپ،ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان بۇ خىل ھالەتتىن شىكايەت قىلماقچىمىز.

           مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، بىزنىڭ پايتەخىتكە كېلىشىمىز بىر چەكنى نەقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.جۇمھۇرىيتىمىزنىڭ پېشۋالىرى <<ئاساسىي قانۇن>> ۋە <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>نىڭ ئۆلمەس قۇرلىرىنى يېزىۋاتقاندا، ئۇلار ھەربىر ئامىرىكا پۇقراسى ۋارىس بولالايدىغان بىر دانە چەككە ئىمزا قويغانىدى. بۇ چەك ھەربىر ئادەمدىكى دەخلى-تەرۇزسىز مەۋجۇدىيەت، ئەركىنلىك ۋە بەخىت ئىزدەش ھوقوقىدىن بەھرىمان قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساس ئىدى.

           ناھايتى روشەنكى، رەڭلىك ئېرىقلارغا(2) نىسبەتەنمۇ ئامېرىكا بۇ چەكنى نەقلەشتۈرگىنى يوق. ئامېرىكا بۇ مۇقەددەس كېلىشىمنى ھۆرمەت قىلماقتا يوق،ئەكسىچە <<بانكا قالدۇقى يېتىشمەيدۇ>> دەپ بەلگە قىلىنغان بىر دانە قۇپقۇرۇق چەكنى(3) نېگىرلارغا تۇتقۇزۇپ قويدى.بىز ئادالەت بانكىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز. پۇرسەت بىلەن تولغان بۇ دۆلەتنىڭ غايەت زور خەزىنىسىنى قۇرۇپ كەتتى، دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.شۇ ڭا بىز ەە ئەركىنلىك بايلىقى ۋە ئادالەتنىڭ ھېمايىسىنى ئاتا قىلىدىغان بۇ چەكنى نەقلەشتۈرگىلى كەلدۇق. بىز بۈگۈنكى ۋاقىتنىڭ تولىمۇ تەىىرسىزلىكىنى ئامېرىكىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن بۇ مۇقەددەس جايغا كەلدۇق. ھازىر سوغۇققانلىق ۋە سۈلھىچىلىك قاتارلىق تىنىچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىدىغان چاغ ئەمەس. ھازىر دىمكىراتىيە ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان چاغ؛ ھازىر ئېرىقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ زۇلمەتلىك،قاقاس جىلىغىلىرىدىن ئېرىقى باراۋەرلىكنىڭ قۇياشلىق داغدام يولىغا قەدەم باسىدىغان چاغ؛ ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئوغول-قىزلىرىغا(4) وۇرسەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان، دۆلىمىزنى ئېرىقىي باراۋەرسىزلىكنىڭ قۇم-شېغىللىرىدىن،قېرىنداشلارچە دوستلۇقنىڭ مۇستەھكەم گرانت تاشلىرىغا ئايلاندۇرىدىغان چاغ.

           بۈگۈنكى كۈننىڭ تەىىرسىزلىكىگە سەل قاراش ۋە نېگىرلارنىڭ ئىرادىسىنى سەل چاغلاش بۇ دۆلەتكە نىسبەتەن بەك خەتەرلىك. ئەركىنلىك، باراۋەرلىككە تولغان راھەتلىك كۈز كۈنلىرى كېلىشتىن بۇرۇن،نېگىرلارنىڭ ھەققانىي نارازىلىقلىرى بىلەن تولغان دىمىق ياز ھەرگىز كەتمەيدۇ.1963-يىلى ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى بىر باشلىنىش. نېگىرلارغا ۋەدە قىلىنغان پۇقرالىق ھوقوقى بېرىلىشتىن بۇرۇن،ئامېرىكا تىنىچ ۋە ئارامخۇدا بوللالمايدۇ. تاكى ئادىللىققا تولغان يۇرۇق كۈنلەر كەلگۈچە قارشىلىق بورانلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇلىنى توختاۋسىز تەۋرىتىدۇ.

           ئادىللىق ئوردىسىغا تۇرىشىدىغان خاسىيەتلىك بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغان يەنە بىر مۇنچە گەپلىرىم بار. تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغان يەنە بىرمۇنچە گەپلىرىم بار. قانۇنىي ئورنىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا قانۇنسىز ھەركەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى جىنايەت يولىغا ئىتتىرمەسلىكىمىز كېرەك. ئۆچمەنلىكنىڭ ئاچچىق شارابى بىلەن ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىمىزنى باسساق بولمايدۇ. بىز كۈرىشىمىزنى ئىنسانىي غورۇر ۋە ئىنتىزام ئاستىدا مەڭگۈ ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئىجادچانلىققا باي بولغان بۇ كۈرىشىمىزنى جىسمانىي ئوبىكىتقا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق روھىي كۈچ جىسمانىي كۈچتىن غالىپ كېلىدىغان مۇقەددەس ئورۇنغا چىقىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە پۈتكۈل نېگىرلار رايونىنى قاپلاپ كەتكەن، خۇددى مۆجىزىدەك يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان نىگىرلارنىڭ كۈرەشچانلىق روھى ھەرگىزمۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسۇن. چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك قېرىندىشىمىزنىڭ بۈگۈن بۇيەرگە كېلىشى، ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىلەن بىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەم ئەركىنلىكىمىزنىڭ چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىز ھەرگىز تەنھا ھەركەت قىلمايمىز.

           بىز ھەركەتكە ئۆتكەن ۋەقىتتا مەڭگۈ ئىلگىرلەشكە، زادىلا چىكىنمەسلىككە جەزمەن كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بەزىلەر كىشىلىك ھوقۇق ھەركىتىگە ئۆزىنى بېشىشلىغانلاردىن:<<سىلەر زادى قاچاندا قانائەت قىلارسىلەر؟>> دەپ سورىشىدۇ. پەقەت نېگىرلار داۋاملىق ساقچىلارنىڭ كىشنى ۋەھىمىگە سالىدىغان زورلۇقلىرىغا ئۇچراپلا تۇرسا بىز ئەبەدىي قانائەتلەنمەيمىز. سەپەرلەردە چارچاپ قالغىنىمىزدا يول بويلىرىدىكى ۋە شەھەرلاردىكى مېھمانخانىلاردى قونالغۇ تاپالمىساق،بىز ئەبەدىي قانائەتلەنمەيمىز. <<پەقەت ئاق تەنلىكلەرگىلا خاس>> دەپ خەت يېزىلغان ئاشۇ تاختىلار بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىق غورۇرى ۋە ئىززىتىنى داۋاملىق ۋەيران قىلىۋېرىدىكەن،بىز ئەبەدىي قانائەتلەنمەيمىز.نېگىرلارنىڭ نوپۇسى ئاشۇ كىچىكرەك نېگىرلار رايونىدىن سەل چوڭراق رايونلار ئوتتورسىدا چەكلىنىپ قالىدىكەن،بىز ئەبەدىي قانائەتلەنمەيمىز. مىسسىسىپىدىكى نېگىرلار سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن، نيۇ-يۇرۇكتىكى نېگىرلار سايلامنىڭ قىلچە پايدىسى يوق دەپ قارايدىكەن،بىز مەڭگۈ قانائەتلەنمەيمىز. ياق،ياق، ئادىللىق خۇددى دەريا دولقۇنلىرىدەك تاشقىنلاپ كەلمىگۈچە بىز ئەبەدىي قانائەتلەنمەيمىز.

           دوستلار،بۈگۈن سىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، گەرچە تۈرلۈك قېيىنچىلىقلار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار بولسىمۇ، مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار. بۇ <<ئامېرىكا چۈشى>>(5)گە مەھكەم يىلتىز تارىتقان بىر ئارزۇ.

           مەن بۇ دۆلەتنىڭ ھامان بىر كۈنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،ئۆزى ئېتقاد قىلىپ كېلىۋاتقان <<بىز بارلىق ئادەملەر تۇغىلىشىدىنلا باراۋەر دىگەن سۆزنى شەكسىز ھەقىقەت دەپ قارايمىز>>(6)دېگەن ئاشۇ ئەقىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرسىكەن، دەپ ئارزۇلايمەن.

           مەن ھامان بىر كۈنى جورجىئا شتاتىدىكى قىزىل تاغلاردا قۇللارنىڭ بالىلىرى بىلەن قۇلدارلارنىڭ بالىلىرى بىر ئۈستەلدە قېرىنداشلارچە بىرگە ئولتۇرسا، دەپ ئارزۇ قىلىمەن.

           مەن مىسسىسىپىغا ئادالەتسىزلىك ۋە بېسىمنىڭ ناخۇش(7) ھارارىتى ۋبىلەن قاپلانغانقاقاس جاينىڭ ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ بوستانىغا ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

           مەن ھامان بىر كۈنى تۆت بالامنىڭ تېرىسىگە قاراپ ئەمەس، پەزىلىتىگە قاراپ باھالايدىغان ئاشۇنداق بىر دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىمەن.

           بۈگۈن مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار:

           مەن ئالاباما(8) شىتاتىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ، نېگىرلارنىڭ ئوغول-قىزلىرى ئاق تەنلىك ئوغول-قىزلار بىلەن بىللە قېرىنداشلارچە قول تۇتۇشۇپ،تەڭ ماڭسا دەپ ئارزۇ قىلىمەن.

           بۈگۈن مەندە شۇنداق بىر ئارزۇ بار؛

           ھەربىر تاغلار پەسلەپ،چوڭ كىچىك ئېدىر تەكشىلىنىپ، ئېگىز-پەسلىكلەر تەپتەكشى بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى جىلۋە قىلغاندا،جېنى بارلىكى جانلىقلارنىڭ بىرلىكتە بۇ مەنزىرىنى كۆرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

           بۇ بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز. بۇ دەل مەن جەنۇپقا(9) بىللە ئەكىتىدىغان ئېتقاد. مۇشۇ ئىشەنىچ بولغاچقا،ئۈمۈدسىلىك تاغلىرىدىن ئۈمۈد تاشلىرىنى پارچىلاپ چىقالايمىز. مۇشۇ ئىشەنىچ بولغاچقا، دۆلىتىمىزدىكى ئەسەبىي داشقايناق سادالارنى دوستلۇقنىڭ گۈزەل سېمفونىيىسىگە ئايلاندۇرالايمىز. مۇشۇ ئىشەنىچ بولغاچقا، بىز بىرلىكتە خىزمەت قىلالايمىز.بىز بىرلىكتە دۇئا قىلالايمىز. ىرلىكتە كۈرەش قىلالايمىز. بىرلىكتە كامېردا ياتالايمىز. بىرلىكتە ئەركىنلىكنى قولغا ئالاليمىز. چۈنكى بىز ھامان ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.

           ئاشۇ كۈن كەلگەندە،پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق بالىلىرى ھاياتى كۈچكە تولغان خورنى بىللە ياڭرىتىدۇ:

           ۋەتىنىم سەن ئۈچۈن

           گۈزەل تۇپرىقىم سەن ئۈچۈن

           ئۈزۈلمەيدۇ كۈيلىرىم.

           ئەجدادلىرىم كۆمۈلگەن تۇپراق

           بوۋام پەخىرلەنگەن تۇپراق

           ئەركىنلىكنىڭ سادالىرى

           ياڭرىسۇن تاغلار ئارا!


           ئەگەر ئامېرىكا ئۇلۇغ دۆلەتكە ئايلانماقچى بولىدىكەن، بۇ نوقتىنى چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك.شۇڭلاشقا ئەركىنلىك سادالىرى يېڭى ھامپىشىردىكى بۈيۈك چوقىلاردا ياڭرىسۇن! ئەركىنلىك سادالىرى پىنسىلۋانىيىدىكى بۇلۇتقا تاقاشقان ئالگنىس تاغلىرىدا جاراڭلىسۇن!

           ئەركىنلىك سادالىرى كولورادودىكى قارلىق بىلەن قاپلانغان زوكىز تاغلىرىدا جاراڭلىسۇن!

           ئەركىنلىك سادالىرى كالفورنىيىدىكى ئۇزاقلارغا سوزۇلغان تاغ ئېدىرلىقلىدىدا جاراڭلىسۇن!

           بۇلار يېتەرلىك ئەمەس،ئەركىنلىك سادالىرى جورجىئادىكى ستون تېغىدا ياڭرىسۇن!

           ئەركىنلىك سادالىرى تېننېسسىدىكى لوكوت تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!

           ئەركىنلىك سادالىرى مىسسىسىپىدىكى ھەر بىر جايدا، ھەر بىر چوقىدا ياڭرىسۇن! ھەر بىر تاغدىن ئەركىنلىك سادالىرى ياڭرىغاي!

           بىز ئەركىنلىك سادالىرىنى ياڭراتقان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ سادالىرىمىز ھەر بىر بۇلۇڭ، ھەر بىر قىشلاق، ھەر بىر ئىشتات،ھەر بىر شەھەردە ياڭرىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ بارچە بالىلىرى، مەيلى ئۇ نېگىر،ئاقتەنلىك،يەھۇدىي،غەيرىي يەھۇدىي پروتسىتانت(10) مۇرىتلىرى ياكى كاتولىك مۇرىتلىرى بولسۇن، قولنى قولغا تۇتۇشساق نېگىرلارنىڭ:<<ئاخىر ئەركىن بولدۇق! ئاخىر ئەركىن بولدۇق! پەرۋەردىگار رەھمەت ساڭا! بىز ئاخىر ئەركىن بولدۇق!>> دېگەن قەدىمىي قەسىدىسىنى تەڭ توۋلايدىغان ئاشۇ خىسلەتلىك كۈننىڭ كېلىشىنى تېخىمۇ تىزلىتەلەيمىز.

    (1)ئاپتۇر بۇ يەردە ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇر ئابراھام لىنكولىننى دېمەكچى.
    (2)ئاپتور نېگىرلاردىن باشقا ئېرىقنى كۆرسەتمەكچى.
    (3)بۇ رېئال چەك ئەمەس،بەلكى ئاساسىي قانۇندىكى.
    (4)خىرىستىئان دىنىدا پەرۋەردىەەرنىڭ بالىلىرى بار،دەپ قارايدۇ. بۇيەردە ئاپتور ئامېرىكا پۇقرالىرىنى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ.
    (5)دۇنيادىكى سان-ساناقسىز ئادەم ئامېرىكىنىڭ ئەركەن پۇقراسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنى <<ئامېرىكا چۈشۈشى>> دەپ ئاتىغان.
    (6)دۇنياغا مەشھۇر ئامېرىكا <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>دە مۇشۇ سۆزلەر بار.
    (7)كۆڭۈلگە ياقمايدىغان كىشىنى بىزار قىلىدىغان مەنىسىدە.
    (8) ئامېرىكىدىكى شىتات.
    (9)ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا قۇللۇق تۈزىمىنىڭ تەسىرىدە بەك ئېغىر.
    (10)خىرىستىئان دىنىنىڭ بىر تارمىقى.

    <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژورنىلى 2005-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى:سۇلايمان قېيۇم

    ئوبامانىڭ غەلبە نوتۇقى
    ئوبامانىڭ غەلبە نوتۇقى


           ياخشىمۇ سەن،چىكاكو.  
           ئامىرىكا  ھەر قانداق ئىش  يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى  بولغان جاي، ئەگەر بۇنىڭدىن  يەنە گۇمانلىنىدىغانلار بولسا، ئەگەر  ئامىرىكىنى  بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى  بىزنىڭ  دەۋرىمىزدە يەنىلا ھاياتى  كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلار بولسا،بىزنىڭ دىموكراتىك تۈزۈمىمىزدىن  يەنە  گۇمانلىنىدىغانلار  بولسا، بۈگۈن كەچ ئۇلار جاۋاپ تاپالايدۇ.  
    مەكتەپ ۋە چىركاۋلاردا ئىلگىرى  كۆرۈلۈپ باقمىغان  بىلەت  تاشلاش  ئۇزۇن قوشۇنى ئۇلارغا جاۋاپ بىرىدۇ، بۇ دۆلەتتە  ھىچقاچان بۇنداق كۆپ  كىشى  بىلەت تاشلاشقا  قاتنىشىپ باقمىغان، كىشىلەر 3-4سائەت رەتتە  تۇرۇپ بىلەت تاشلىدى، چۈنكى ئۇلار بۇ قېتىمقى   ئاۋاز بىرىشنىڭ ئىلگىركىگە ئوخشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.  

           بۇ ياشلار بىلەن ياشانغانلار، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر، دىموكراتلار  پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر، قارا تەنلىكلەر بىلەن ئاق تەنلىكلەر، ئىسپانىيە پۇشتىن بولغانلار، ئاسىيالىقلار  پۇشتىدىن بولغانلار،ھىندىئانلار، مىيپلار ۋە بىجىرىم  كىشىلەر  بەرگەن جاۋاپ. ئامىرىكىلىقلار دۇنياغا ئۇچۇر  چىقاردى: بىز  قىزىل شىتات بىلەن كۆك شىتاتنىڭ ئاددىن يىغىندىسى ئەمەس،بىز مەڭگۈ  ئامىرىكا فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى.  
    بۇ كىشلەرنى  يىتەكلەيدىغان جاۋاپ. نۇرغۇن كىشىلەر خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە بىزگە بۇ جاۋاپنى ئىيتقان. بۈگۈن كەچتە بىز سايلامدا ھەركەت  قوللاندۇق،ئۆزگىرىش- ئامىرىكىغا يېتىپ كەلدى.    

           لىكىن ھەممىدىن  موھىمى، مەن بۇ قېتىمقى  غەلبىنىڭ كىمگە  مەنسۇپ  ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن، ئۇ سىلەرگە  مەنسۈپ.  

           مەن بۇ ئۇرۇنغا ئىگە بولۇش ئىشەنچىسى ئەڭ چوڭ  نامزات ئەمەس ئىدىم. بىزنىڭ سايلام  پائالىيىتىمىز  ۋاشىنگىتوندا  باشلانغان ئەمەس، بەلكى دىمىئىن، كاڭكىد،چارىستون قاتارلىق  جايلاردىكى  ئادەتتىكى  كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە باشلانغان. ئۇ يەردىكى جاپاكەش ئىشچىلار ئۆزىنىڭ ئازغىنە ئامانەت  پۇلىدىن 5ئامىرىكا دوللىرى، 10ئامىرىكا  دوللىرى،20ئامىرىكا  دوللىرى ئىئانە قىلدى. بىزنىڭ سايلام پائالىيىتىمىز  ياشلارنىڭ  قوللىشى بىلەن تېخىمۇ زورايدى. ياشلار  ياشانغانلارنىڭ< ياشلار  سىياسىيغا قىزىقمايدۇ> دىگەن سۆزىنى رەت قىلدى. ئۇلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ  مائاش ئاز ھەمدە جاپالىق ئىشلارنى قىلىدۇ. سايلام پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى  يەنە   ياشىنىپ قالغانلاردىنمۇ كەلگەن،ئۇلار  سوغۇققا قارىماي، ناتونوش كىشىلەرنىڭ  ئىشىكىنى چىكىپ   سايلام تەشۋىقاتى ئىلىپ بارغان؛ سايلام پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى يەنە  نەچچە مىليۇن ئامىرىكا خەلقىدىن كەلگەن، ئۇلار  سايلامدا پىدائى ۋە تەشكىللىگۈچىلەر بولدى. ئۇلار 200يىلدىن كىيىن خەلق ئىگە بولغان، خەلق ئىدارە قىلىدىغان، خەلق بەھرىمان بولىدىغان  ھۆكۈمەتنىڭ  يەر شارىدىن  غايىپ بولمىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى، بۇ سىلەرنىڭ  غەلبەڭلار.  
    مەن سىلەرنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىڭلارنىڭ پەقەت  سايلام غەلبىسىگە ئىرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى  بىلىمەن، مەن سىلەر قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭلارنىڭ پەقەت مەن ئۈچۈن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىمەن.سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار  ئالدىڭلاردىكى  ۋەزىپىنىڭ نەقەدەر مۇشكۇل ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكلار.
      
           ئالدىمىزدىكى  يول ئۇزۇن ۋە مۇشكۇل.بىز نىشانىمىزنى  بىر يىل ھەتتا  مەن زۇڭتۇڭ بولغان 4يىلدا  ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن،ئەمما مەن ھىچقاچان بۈگۈنكىدەك زور ئۈمۈدكە تولغان ئەمەس،بىز نىشانىمىزنى  چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز. مەن سىلەرگە  ۋەدە بىرىمەن: بىز بىر پۈتۈنلىك  بولۇش سۈپىتىمىز  بىلەن  نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز.  

           بىز ئىشنى ئوڭۇشسىزلىق ۋە  مەغلۇبىيەتتىن باشلايمىز.زۇڭتۇڭ  بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن چىقارغان ھەربىر قارار  ياكى تەدبىرگە  نۇرغۇن كىشىلەر باشقا قاراشتا بولىشى مۇمكىن، بىزگە ئايان ھۆكۈمەت  ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ كىتەلمەيدۇ. ئەمما مەن بىز يولۇققان  رىقابەتلەرنى چوقۇم سىلەرگە ئەينەن ئېيتىمەن، مەن سىلەرنىڭ پىكىرىڭلارنى ئالىمەن، بولۇپمۇ  ئوخشىمىغان پىكىردە بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئەڭ موھىمى مەن سىلەردىن  بۇ دۆلەتنى  قايتا قۇرۇشقا  قاتنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن-خۇددى ئامىرىكىنىڭ 221يىللىق تارىخىدا قىلچە ئۆزگىرىش  بولمىغان شەكىلدە:ھەممە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تېرىشىش.
    بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز ،بارلىق كىشىلەر  بۇنىڭغا قەتئى  قاتنىشىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شۇنداقلا باشقىلار ئۈچۈن. بىز بۇ نوقتىنى ئەستە ساقلىشىمىز  كېرەك.  

           بۇ دۆلەتتە بىز جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولىمىز. بىز  كونا يولدا قايتا  مىڭىشنىڭ ئىزىقتۇرۇشىغا قارشى  تۇرايلى...

           سايلامدا  ماڭا  بىلەت تاشلىمىغان ئامىرىكىلىقلارغا شۇنى دىمەكچى:مەن سىلەرنىڭ   بىلىتىڭلارغا ئىرىشەلمىگەن  بولىشىم مۇمكىن، ئەمما مەن سىلەرنىڭ سادايىڭلارنى ئاڭلىدىم، مەن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلەرگە مۇھتاج، مەنمۇ سىلەرنىڭ زۇڭتۇڭىڭلار.
    كىچىچە  ئامىرىكا  سايلىمغا  دىققەت قىلغان چەتئەلدىكى كىشىلەر شۇنداقلا كىشىلار  تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا رادىئو تىڭشاپ ئولتۇرغان كىشىلەرگە شۇنى دىمەكچى  گەرچە  بىزنىڭ بىشىمىزدىن ئۆتكەن  ئىش ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئوخشاش، ئامىرىكىنىڭ يېڭى  رەھبەرلىك قاتلىمى  بارلىققا كەلدى.  
    بۇ دۇنيانى  ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغانلارغا شۇنى دىمەكچى بىز سىلەرنى مەغلۇپ قىلىمىز.تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرگە شۇنى دىمەكچى بىز سىلەرنى قوللايمىز. ئامىرىكىنىڭ مەشئىلى  بۇرۇنقىدەك يورۇماي قالارمۇ دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەرگە شۇنى دىمەكچى بىز بۈگۈن كۈچتە يەنە بىر قىتىم شۇنى  ئىسپاتلىدۇقكى:بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەقىقى  كۈچ قۇدرىتى بىزنىڭ قۇرالىمىز ياكى  بايلىق كۆلىمىمىز ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچكە ئىگە ئارزۇيىمىزدۇر، ئۇ بولسىمۇ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، پۇرسەت، تېز پۈكمەس ئۈمۈد.

           بۇ ئامىرىكىنىڭ ھەقىقى جەۋھىرى. بىزنىڭ ئامىرىكا كۈنسىرى مۇكەممەللەشمەكتە.  
    بۈگۈن كىچە ئەستە ئۇنۇتمىغىم تەس بولغان بىر ئىش- ئاتلانتىدا  بىلەت تاشلىغان بىر ئايال بولدى. ئۇ ئەن.نىكسون.كوبور. ئۇ   بىلەت تاشلاش ئۈچۈن  ئۆچرەتتە تۇرغان نەچچە مىليۇن ئامىرىكا خەلقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما بىر پەرق ئۇ بۇيىل 106ياشتا.ئۇ تۇغۇلغان شۇ دەۋردە قۇللۇق تۈزۈم ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ، كوچىلاردا ماشىنا، ئاسماندا  ئايرۇپىلان يوق ئىدى. ئەينى چاغدا  ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ  ئىككى سەۋەپتىن  بىلەت تاشلاش ھوقۇقى  يوق ئىدى.ئۇ ئايال ئىدى، ئۇ  قارا تەنلىك ئىدى.  

           بۈگۈن كەچتە،مەن ئۇنىڭ ئۆتكەن 100يىلدا باشتىن كەچۈرگەن تۈرلۈك كەچۈرمىشىلىرىنى ئويلاپ قالدىم:ئازاپ ۋە ئۈمۈد،كۆرەش ۋە ئالغا بېسىش،ئۇ دەۋردە  بىزنىڭ بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لىكىن بەزى كىشىلەر ئامىرىكىنىڭ ئەقىدىسىدەيەنىلا  چىڭ تۇردى- شۇنداق،بىز  قىلالايمىز.  

           ئەينى چاغدا ئاياللارنىڭ بىلەت تاشلاش ھوقۇقى يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ئەمما ئەن.نكسون.كوبۇر ئاياللارنىڭ دەس تۇرغىنىنى  كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى،ئۇ ئاياللارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز كۆزقارىشىنى  بايان قىلغىنىنى كۆردى،ئۇلارنىڭ  زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بىلەت  تاشلىغىنىنى كۆردى-شۇنداق، بىز قىلالايمىز.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30يىللىرىدىكى  قۇم بوران ۋە ئىقتىسادى  زاۋاللىق كىشىلەرنى ئۈمۈدسىزلەندۈردى. ئەمما ئۇ  دۆلەتنىڭ يېڭى سىياسەت، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە يېڭى نىشان بىلەن ۋەھىمىنى بىرلىكتە يەڭگەنلىكىنى كۆردى- شۇنداق، بىز قىلالايمىز.  
    بومبا بىزنىڭ پورتلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمەت دۇنياغا تەھدىد سالغاندا،ئۇ بىر ئەۋلاد ئامىرىكىقلارنىڭ ئۇلۇغ باش كۆتۈرىشىنى كۆردى، بىر دېموكراتىك  دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقىنىڭ شاھىدى بولدى- شۇنداق،بىز قىلالايمىز.

           ئۇ كوچىلاردا ماشىنا قاتنىغانلىقىنى، شەھەرلەرگە سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىلغانلىقىنى،كۆۋرۈك سىلىنغانلىقىنى كۆردى. ئاتلانتىدىن كەلگەن بىر دىن تارقاتقۇچى كىشىلەرگە:بىز قېيىنچىلىقلارنى  يىڭەلەيمىز، دىدى-شۇنداق، بىز قىلالايمىز.

           ئىنسانلار  ئاي شارىغا  چىقتى، بىرلىن تېمى ئاغدۇرۇلدى، دۇنيا بىزنىڭ پەن-تىخىنىكىمىز ۋە تەسەۋۋۇرىمىزئارقىلىق باغلىنىشچان بولدى. بۇيىل ئۇ كومپىيۇتىر ئارقىلىق  زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بىلەت تاشلىدى.ئۇ ئامىرىكىدا 106يىل ياشىغاندىن كىيىن،ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ قاباھەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئۇ ئامىرىكىدا قانداق  قىلغاندا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى- شۇنداق بىز قىلالايمىز.

           ئامىرىكا، بىز ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۇق. ئەمما بىزنىڭ يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. بۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈمدىن مۇنداق سۇئالنى سورىدىم: ئەگەر بىزنىڭ  بالىمىز  كېيىنكى  يېرىم ئەسىرگىچە ياشىيالىسا، ئەگەر  مىنىڭ قىزىم  ئەندەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىسە ئۇلار قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىدى بولار؟ بىز شۇ چاغداقانداق ئىلگىرلەشلەرنى  قولغا  كەلتۈرەرمىز؟  

           ھازىر بىزنىڭ بۇ سۇئالغا  جاۋاپ بىرىدىغان پۇرسىتىمىز كەلدى، بۇ بىزنىڭ  ۋاقتىمىز.  
    بۇ بىزنىڭ دەۋرىمىز- خەلقىمىز قايتا  ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان، ئەۋلادلىرىمىزغا  پۇرسەت ئىشىكى  ئىچىلغان،قايتا  گۈللىنىدىغان، تېنىچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئامىرىكا  چۈشىنى قايتا   بىكىتىدىغان ۋاقىت. بۇ بىر  ئاددى ھەقىقەتنى  يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى: بىز بىر ئائىلە  كىشىلىرى، بىزدە ئاخىرقى  نەپەس بولسىلا ئۈمۈد بار،باشقىلار بىزنى مەسخىرە قىلغاندا، بىزدىن گۇمانلانغاندا،بىزنى قىلالمايسىلەر دىگەندە بىز قەتئى ئەقىدە بىلەن ئۇلارغا جاۋاپ بىرىشىمىز كېرەك:  
           شۇنداق، بىز قىلالايمىز.  
           سىلەرگە رەھمەت، تەڭرى  سىلەرنى ئامان قىلسۇن، تەڭرى ئامىرىكا فىدىراتسىيە  جۇمھۇرىيىتىنى ئامان قىلسۇن.

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ۋاھ، مارتىن لۇتېر كىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ خەنزۇچە خېتى بىللە چىقىدىغان سننى تاپالماي يۇرگەنتىم،ئاستىدا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بار ئىكەن. بەك ياخشى بولدى.رەھمەت سىزگە.راسىت ئۇيغۇرچىغا سىز تەرجىمە قىلدىڭىزما؟
    بلوگىڭىزمۇ چىرايلىقكەن.
    回复مۇشاۋىر说:
    مارتىن لوتىركىڭنىڭ <<مېنىڭ ئارزۇيۇم>>دىگەن نوتۇقى <<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژورنىلىدىن ئېلىنغان مەن پەقەت تورغا يوللاپ قويدۇم خالاس. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كېلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىنىڭ بلوگىڭىزنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن كېيىن مەزمۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ مول، تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تىز بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم.
    2009-01-26 13:04:35
  • تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم.
    回复dunyakara说:
    سىزنىڭ كەلگەن قەدىمىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن!
    چەۋەندازلار بلوگى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن خەلقىمىزنى بەھىرلەندۈرگۈسى! چەۋەندازلار بلوگى چۇقۇم تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزگىچە تور مۇھىتىنى ياراتقۇسى!
    2009-01-20 23:08:32