• 2009-06-26

    يېڭى دەرستىكى ئۆگىنىش ئۈسۇلى - [ئوقوتۇش سەنئىتى]

    يېڭى دەرستىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى يېڭىلىق يارتىش بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ ، خوجايىنلىق بىلەن ئۆگىنىش ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ . قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىشنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ . يىڭى دەرستىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش ، ئۆلۈك ھالدا يادىلاش ، مېخاينىڭ مەشىق قىلىشنى زىيادە تەكىتلەشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بولۇپ ، يېڭى دەرس تەشەببۇس قىلغان خوجايىنلىق بىلەن ئۆگىنىش ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ، ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى قوزغاش ، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . يېڭى دەرس تەشەببۇس قىلغان ئۈگىنۈش ئۇسۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگسىنىڭ ئىھتىياجى ھىساپلىنىدۇ . يېڭىچە ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى تەكىتلىگەنلىك قوبۇل قىلىپ ئۈگىنۈش ئۇسۇلىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس . ئاڭلاش ، ئەستە ساقلاش ، دوراش، مەشىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپرەك بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىشىدە يەنىلا مۇھىم رول ئوينايدۇ . دەرسلىكتىكى بايان خارەكتىرلىق ، پاكىت خارەكتىرلىق بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئۆگەنسە ئۈنۈملۈك بولىدۇ . قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ بار ، يىتەرسىزلىكىمۇ بار . قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىشتە بىلىم ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە يەتكۈزۈلگەنلىگى ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچىلا بولىدۇ ، ئۇزۇن مەزگىل قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش تەكىتلىنىۋەرسە ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ، مۇستەقىلچانلىقى تۆۋەنلەپ ، ئىزدىنىش ۋە بايقاشقا سەل قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ . ئۇلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ، ئىندىۋىدۇئاللىققا باي ، ئىشەنچكە تولغان ، كۈچلۈك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە قىلىپ تەربىلەپ چىقىش تەس بولىدۇ . شۇڭا ئۆزىگە خوجا بولۇش ، ھەمكارلىشىش ، ئىزدىنىش ، ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كەچۈرمۈشلۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەمىيەت بېرىش كىرەك .

    ئوقۇتقۇچىلار ئوخشاش بولمىغان پەن ۋە مەزمۇنغا ئاساسەن ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى جانلىق ، مۇۋاپىق قوللىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى بەلگۈلەشكە ماھىر بولۇش كىرەك . ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار  بايان قىلىش خارەكتىرىدىكى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش شەكلىدە ئۆگەنسە بولىدۇ  . لىكىن، قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىشنى قوللانغان تەقدىردىمۇ ، بۇرۇنقىدەك  پاسسىپ ھالدىكى زىيادە مېخاينىڭ مەشىق قىلىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەكىس تەسىرىنى ئازايتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىققاقلىقىغا ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىغا زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىق كىرەك . بولۇپمۇ ئازادە دەرسخانا مۇھىيىتى يارىتىپ ، باراۋەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ، دېمۇكىراتىك ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ، ئوقۇغۇچىلارنى خوشال ، ئاكتىپ كەيپىيات ئىچىدە يېڭى بىلىمنى قوبۇل قىلىشقا يىتەكلەش كىرەك .

          ھەر قايسى پەنلەردىكى ھالقىلىق بىلىم ، ئاساسلىق ئۇقۇم ۋە قانۇنىيەت ، پىرىنسىپلارنى ئۆگەنگەندە ، ئوقۇغۇچىلارنى قول تەۋرىتىپ ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ، ئاكتىپ ھالدا ئىزدىنىشكە ، ھەمكارلىشىپ ئالماشتۇرۇشقا ، بىلىمنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققى قىلىشىنى ئۆز بېشىدىن ئوتكۈزۈشكە يىتەكلەش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش جەريانىنى مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ ،  شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى بىلىش ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارلىرىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئاكتىپ پوزۇتسىيە ، ساغلام روھ ، توغرا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۇرۇشكە ياردەم كېرەك


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • خېلى چۈشىنىپ قالدىم.ئوقۇتۇش سەنئىتى توغۇرسىدا كۆپرەك ئەمەلى نەرسىلەرنى يېزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،مىنىڭچە بۇ ئۇقۇتۇش سېپىگە يېڭىدىن قۇشۇلۇۋاتقانلارغا ئەڭ كېرەكلىك.
    تەتقىقاتچى回复زۇمەر说:
    قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت. بۇ جەھەتتە تىرىشىپ كۆرەي.
    2010-10-09 10:57:47