• 2009-06-26

    سىز ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى زىيادە زىچ ئورۇنلاشتۇردىڭىزمۇ؟ - [ئوقوتۇش سەنئىتى]

    يېڭى دەرسنىڭ ئوقۇتۇشقا قويغان مۇھىم تەلەپلىرىنىڭ بىرى شۇكى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش جەريانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنى خوجايىنلىق بىلەن ئۆگۈنىشكە تەشكىللەش  ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر كەچۈرمىشكە ئىگە قىلىش ، دەرسخانا ئوقۇتىشىنىڭ ئۈنىمىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتىن ئىبارەت .

    بەزى دەرسلەردە ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشنى ئويلايدۇ ، پائالىيەت ناھايىتى ياخشى بولغاندا ، پائالىيەت كۆپ بولىشىغا قارىماي، بالىلار قاينام – تاشقىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ ، ئارقا – ئارقىدىن مەشغۇلات قىلىدۇ، تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ . مۇئەللىم بولسا ھەر قايسى پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنى كونتۇرول قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلاتىنى دوكلات قىلىدۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. كۆرۈنۈشتە ، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى قىزغىن ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشقان ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى قول تەۋرىتىپ ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ، شۇنداقلا دەرسخانىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئىنتايىن ياخشى  ئۆتۈلگەندەك كۆرىنىدۇ .  لىكىن ھەر بىر پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار قول تەۋرەتكەن بولسىمۇ ، پائالىيەتلەر زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن  ئويلىنىشىغا ۋە پەرەز قىلىشىغا ، ئاندىن قول تەۋرىتىپ تەجرىبە ئىشلىشىگە يىتەرلىك ۋاقىت بولمايدۇ . ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى دوكلات قىلالىسىمۇ ، لىكىن ، ئۇسۇل جەھەتتىكى پەرىقلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ . شۇنداق قىلىپ ، ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئوقۇتۇش بايلىقلىرى قېزىپ چىقىرىلمايدۇ . ئوقۇتقۇچى پائالىيەتلەرنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ،  ناھايىتى ئالدىراشچانلىق ئىچىدە ، دەرس ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولالماسلىقتىن ئەنسىرەپ ، دەرس رېتىمىنى تىز قىلىۋېتىدۇ .  ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ ، لىكىن ئۈنۈم زادى قانچىلىك بولدى ؟  بۇ مەسىلىنى ئويلاشمايدۇ .

    يىڭى دەرستە مىقدارغا ئەھمىيەت بېرىشتىن سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىلىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار پائالىيەت تەشكىللىگەندە ، پائالىيەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئىزدىنىش پائالىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى ، ئەتراپلىق ، ئىنچىكە  بولۇشقا كۆڭۈل بۆلىشى لازىم . بۇنداق بولغاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى بىلىم ماھارەت ئۈستىدىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ .

    分享到: