• 2009-06-26

    سىز تەشكىللىگەن گورپىلار بويىچە ئۆگىنىش ئۈنۈملۈك بولدىمۇ – قانداق ؟ - [ئوقوتۇش سەنئىتى]

    ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش يېڭى دەرس تەشەببۇس قىلىدىغان ئۈچ  چوڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ ، شەكىل جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە . بۇ خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ئاساسلىق سۆزلەش ھوقوقىنى ئىگىلىۋىلىشىغا جەڭ ئىلان قىلىپ، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىگە خوجا بولۇش ، ھەمكارلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە رىقابەت ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش ، ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈم قىلىش  ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىش مۇددىئاسى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ .

    يېڭى دەرستە ، بارلىق دەرسلەردە دىگۈدەك  گورپىلار مۇھاكىمىسى شەكلىدىكى ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ . لىكىن ئىنچىكە كۈزىتىدىغان بولساق، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشنىڭ  شەكىل جەھەتتىنلا چەكلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى گورپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن ، ھەممە ئوقۇغۇچىلار پىكىر بايان قىلىدۇ ، كىمنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدۇ . ئوقۇتقۇچى گورپىلار مۇھاكىمىسىنى توختۇتۇپ ، ئوپچە مۇھاكىمىگە تەشكىللىگەندە، پىكىر بايان قىلغان ئوقۇغۇچىلار  بىردەك : « مەن مۇنداق قارايمەن .... » ، « مىنڭچە ..... بولىشى كىرەك »  دىگەندەك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى «مىنىڭچە ... » بولۇپ، «بىزنىڭ گورپىمىزنىڭ .....» دىن ئەسەر يوق بولۇپ چىقىدۇ . گورپىلار بويىچە ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى:  كوللىكتىپ ئېڭى ، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىش ، ئورتاق ۋەزىپىلەرنى بۆلۈشۈپ  ئىش تەخسىم قىلىۋېلىش ، گورپا ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشىنىش ، ھەر قايسى ئەزالار ئورۇنلىغان ۋەزىپىلەرنى باھالاش ۋە تولۇقلاش ، تەخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىقلار  گورپىلار بويىچە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىسا ، ھەمكارلىشىپ ئۈگىنۈش پۈتۈنلەي شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

    ھەمكارلىشىپ ئۆگىنۈش بىلەن مۇستەقىل ئۆگىنۈش زىددىيەتلىك بولمىسىمۇ ، لىكىن ئەمىلىيەتتە ئۆز – ئارا مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك .  گورپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆگىنىشتە ، پىكىر بايان قىلىشقا توغرا كەلگەندە ، ھامان ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن پىكىر بايان قىلىۋالىدۇ ، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ئەگىشىدۇ ، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا پۇرسەت بولمايدۇ . ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشتە قىيلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سورىسا توغرا جاۋاپ بېرەلىسىمۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ جاۋاپ بەرگىنى ئۆزىنىڭ پىكىر يۈرگۈزىشى ئارقىلىق ئېرىشىلكەن جاۋاپ ئەمەس . بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ، ياخشىلار ياخشى بولىۋىرىدىغان ، ئارقىدا قالغانلار ئارقىدا قېلىۋېرىدىغان ئەھۋال داۋاملىشىۋېرىدۇ . بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، گورپىلار بويىچە مۇھاكىمىگە تەشكىللىگەندە ، بەلگىلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىش كىرەك .  ئالدى بىلەن گورپا ئەزالىرىنى مۇستەقىل ئويلىنىشقا تەشكىللەش ، ئويلىغانلىرىنى قەغەز يۈزىگە يازدۇرۇش ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئويلىغانلىرىنى گورپا ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش ، ئاخىرىدا گورپىلار ئارا پىكىر قىلىشقا يىتەكلەش لازىم . گورپىلارنى دوكلات قىلىشقا تەشكىللىگەندە ، ئوقۇتقۇچىلار تەشكىللەش سۆزىگە دىققەت قىلىش كىرەك . مەسىلەن : « قايسى ساۋاقداش سۆزلەپ باقىدۇ ؟ » نى « قايسى گورپا پىكىر بايان قىلىپ باقىدۇ ؟ » غا ئۆزگەرتىش كىرەك . بىر گورپىنىڭ پىكىرىنى ئوبيېكىت قىلىپ ، باشقا گورپىلارنى ئاشۇ گورپىنىڭ پىكىرىگە قارىتا كۆزقاراشلىرىنى سۆزلىتىپ كۆرۈشمۇ ، تەپەككۈردا ئۆزئارا كىرىزىس پەيدا قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان تونىشىنى چوڭقۇرلاتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم  رول ئوينايدۇ .

    ئوقۇغۇچىلارنى گورپىلار بويىچە مۇھاكىمىگە تەشكىللىگەندە ، ئوقۇتقۇچىلار باشقا ئىشلارنى قىلماي ، گورپىلار ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئۈنۈمى ، مۇھاكىمە قىلىۋاتقان نوقتىلار ۋە بىلىش جەريانلىرىنى ئىگەللەشكە ، كىيىنكى ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى جانلىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى كىرەك . يۇقارقى نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە  ، گورپىلار بويىچە ھەمكالىشىپ ئۈگىنىشنى ھەقىقى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

    分享到: