• 2010-07-16

    ساپا مائارىپى توغرىسىدا قايتا ئويلۇنۇش - [تەسىرات]

    يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساپا مائارىپى شۇئارى ئىلگىركىدەك جاراڭلىق توۋلانمايدىغان بولۇپ قالدى. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ساپا مائارىپى «ئىمتىھان مائارىپى» دەك كۈچلۈك بولمىغاچقا، ئەمەلىيەت جەريانىدا مەغلۇپ بولدى دىسە، يەنە بەزىلەر ساپا مائارىپى تەرەققى قىلىپ چىكىگە يەتتى، ھازىر دىگەن يېڭىلىق يارىتىش مائارىپى، تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش قاتارلىق يېڭى مائارىپ شەكىللىرى تەكىتلىنىدۇ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، بۇ ساپا مائارىپىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ دىيىشمەكتە….. ئەمەلىيەتتە زادى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ يۇقۇرىدىكى ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بار؟ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىش ساپا مائارىپىنىڭ ئۆز ئورنىنى تىپىپ، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ساپا مائارىپىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى ئىنىق ئايرىۋىلىشىمىز لازىم.

    ئادەمنىڭ ساپاسى قاتلامغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى قاتلام فىزىئولوگىيىلىك ساپا، مەدەنىيەت ساپاغا بولىنىدۇ. ئىككىنجى قاتلام بولسا فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلما ساپا، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار ساپاسى، بىلىم ساپاسى، ئىقتىدار ساپاسى، پىسخولوگىيىلىك ساپاسىدىن ئىبارەت بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىمەك ساپانى ئىچكىرلەپ بولگەنسىرى تىخىمۇ جىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ قايسى جەھەتتىكى ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەك؟ بۇ تامامەن ئوقوغۇچىلارنىڭ كونكېرت ئەمەلىيىتى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دىمەك ئوقوغۇچىلارنىڭ ساپا ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرس تۈرلىرى ۋە دەرس مەزمۇنلىرى بەلگىلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولالىغاندىلا بىزنىڭ مائارىپىمىز ھەقىقىي ساپا مائارىپى بولالايدۇ. ساپا مائارىپى تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ساپا قۇرۇلما ئامىلىغا ئاساسەن تەربىيە مەزمۇنى ۋە دەرسلەرنى تەسىس قىلىدىغان مائارىپ. ھازىرقى بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ مەزمۇنى بولسا ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئاساستا ئادەم تەربىيلەشكە قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى ئاساس قىلىپ بەلگىلەنگەن (ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك، ئەمگەك) بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇرەككەپ، ئۇلار ئارىسىدا لوگىكىلىق، ئىلمىيلىك كەمچىل. ساپا مائارىپىدا ئوقوغۇچىلار قانداق ساپاغا ئىھتىياجلىق بولسا، ئوقوغۇچىلارنى شۇ خىل ساپانى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يىتەكلەش كىرەك. مەكتەپ نىمىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇقۇغۇچىلار نىمىلەرنى ئۆگىنىدۇ، بۇلار تامامەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجى تەرپىدىن بەلاگىلىنىدۇ.

    ساپا مائارىپى ئىلمىيلەشكەن مائارىپ. شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى، ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر دەرس مەزمۇنى، دەرس تۈرلىرىنىڭ بىكىتىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. گەرچە ھازىر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى تەكىتلىسەكمۇ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان «تەڭ تەرەققىي قىلىش» «ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانى، گۈزەللىك، ئەمگەك» كىلا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ بىر قانچە تەرەپنىڭ قاتلىمى قالايمىقان ھەم بىر بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىمتىھاندىمۇ پەقەت ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىگىلا باھا بىرىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ھازىرقى مائارىپىمىزنى «بىلىم مائارىپى» دىسەك خاتالاشمايمىز. بۇنىڭدا پەقەت ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپسىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغان بىلەن، بىلىمدىن باشقا ساپالار مەسىلەن پوزۇتسىيە (پىسخىكا ساپاسى: دۇنيا قاراش، ھىسىيات، ئىھتىياج قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىقتىدار، (ئىرادە، پەزىلەت، مىجەز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ساپالار باھلاش دائىرىسىدىن ساقىت قىلىنغاچقا، تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. بىلىم سەۋىيىسىنى سىناش ئىمتىھان رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، باھالاشتىن ساقىت قىلىنغان يۇقارقى ساپالار تەرەققىياتقا ئىرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مائارىپىمىزدا «يۇقۇرى نۇمۇر ئالغان بىلەن ئىقتىدارى تۆۋەن ، نۇمۇرى يۇقۇرى بولغان بىلەن ئەخلاقسىز بولۇش» تەك پىسخىكىلىك كىسەللەر كۆپىيىپ، فىزىئولوگىيىلىك ساپانىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلار ئوقوغۇچىلار ساپاسىنىڭ بىنۇرمال تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

    مەلۇم مەنىدىن ئىيتقاندا ساپا مائارىپىنى ئاشخانىلارنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلقنىش نوقتىسىدىن تەۋىسىيە قىلغان «قۇۋۋەت تائاملىرى» غا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە دىيلىۋاتقان  «قۇۋۋەت تائاملىرى» يىمەكلىك بولۇپ، ماددى جەھەتكە تەۋە؛ لىكىن مائارىپ تەمىنلىگەن بىلىم، مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇرلار بولسا « مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتىكى قۇۋۋەت ئوزۇقلىقى»دىن ئىبارەت. مائارىپ خىزمىتى ئەمەلىيەتتە بولسا «مەنىۋىي قۇۋۋەت ئوزۇقلىقى» نى پىششىقلاپ ئىشلىشى ۋە ئۇنى ئىستىماللاچىلار بولغان ئوقوغۇچىلارغا تەمىنلىشى كىرەك. مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئاشخانىدىكى ئۇستاملارغا ئوخشاتساق، ئۇلار ھەر خىل «قۇۋۋەت تائاملىرى» نى ئىش قوشۇپ، تىخىمۇ تەملىك «ئوقوغۇچىلار قۇۋۋەت تائاملىرىغا» ئايلاندۇرپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشى كىرەك. دەرسلىك بازاردىن ئەكىلىنگەن ئۇن، ئوتياش (كۆكتات)، دورا-دەرمەككە ئوخشايدۇ. دەرس تەييارلاش بولسا پىششىقلاپ ئىشلەش، تەم تەڭشەش، ئالدىن تەييارلاشقا  ئوخشايدۇ.  دەرس ئۆتۈش بولسا «ئوقوغۇچىلار قۇۋۋەت تائاملىرى» نى سىتىش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى «قۇۋۋەت تائاملىرى» نى سىتىش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت. ئەگەر «قۇۋۋەت تائاملىرى» نىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ياخشى تەڭشەلسە، ئۇنى ئوقوغۇچىلار ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن روھى ئۇرغۇپ، «ساپا» سى ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ؛ ئەكىسىچە بولغاندا، ئوقوغۇچىلار ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن تۈرلۈك ناچار ئىنكاسلار پەيدا بولىشى ھەتتا ھەر خىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. «ئوقوغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت تائامى» نىڭ تەمىنى تەڭشەش، ئۇنى پىشۇرۇش، سىتىش ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتىدىن ئىبارەت. دەرسلىكنىڭ «ئوزۇقلۇق قىممىتى» ئوقۇتۇشىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان دەرسلىك كىتاب، ئوقۇتۇش قوراللىرى قاتارلىقلارنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى بەرپا قىلىشتىكى ماتىرىياللارنى كۆرسىتىدۇ.

    ھەرقانداق دەرسلىك بەلگىلىك «ئوزۇقلۇق قىممىتى» گە ئىگە بولىدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىستىمال قىلىۋاتقان يىمەكلىكلەر ماي، ئاقسىل، قەنت قاتارلىق «ماددى» تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەرسلىك بولسا بىلىم، كۆز قاراش، ھىسىيات، ئىھتىياج قاتارلىق «مەدەنىيەت» تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر بىر دەرسلىك كۆپ خىل تەركىپلەرنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدىن ئىبارەت. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۆترىمىز دەيدىكەنمىز، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ « مەنىۋى مەدەنىيەت قۇۋۋەت ئوزۇقى» نى پىششىقلاپ ئىتىشىگە تىخىمۇ يۇقۇرى تەلەپلەرنى قويىدۇ.

    مائارىپ ئادەمنىڭ ساپا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائالىيەتتىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى بىر ئالاھىدە ئەھۋال سۈپىتىدە، ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن، يەنە ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىھتىجىغا ئاساسەن تەرەققىي قىلىدۇ. مائارىپنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلارغا بۆلىنىدۇ. ئالدىنقى بىر باسقۇچ بىلەن كىيىنكى باسقۇچ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈنچى مەزگىل بولىدۇ. مۇشۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچتا، مائارىپ ئەسلىدىكى مائارىپ شەكلىنىڭ كىشەندىسىدىن تولۇق قۇتۇلالمىغاچقا، يېڭى مائارىپ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس، شۇ سەۋەبتىن بەلگىلىك مائارىپ ئەمەلىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىھتىياج ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت پەيدا بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ كونا مائارىپ شەكلىنى ئىسلاپ قىلىپ، يېڭى ئىھتىياجغا ماسلىشىشى جەريانىدا مائارىپمۇ ماس ھالدا يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم قويىدۇ.

     قىسقىسى، ساپا مائارىپى بولسا مەملىكىتىمىزنىڭ جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مائارىپ نەزىرىيىسىدىكى بىر ئۈمۈت، شۇنداقلا بىزنىڭ دۇنيادىكى مائارىپى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىمىزنىڭ ئاساسى. شۇڭا بارلىق مائارىپ خىزمەتچىللىرى ھەقىقى مەنىدىكى مائارىپ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مائارىپ سۈپىتىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئوقوغۇچىلار ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان «مەنىۋىي قۇۋۋەت تائاملىرى» نى ياخشى تەييارلاش ۋە ئوقوغۇچىلىرىمىزنىڭ ساپاسىنىڭ ئۇنۋېرسال تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تىرىشايلى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مىنىڭچە، بىر سائەتلىك دەرستە ئەڭ مۇھىمى ئوقوغۇچىلارغا نىمە ئۈچۈن شۇ سائەتلىك دەرسنى ئۈگەنمەكچى بولغانلىقىنى، قانداق ئۈگىنىش كىرەكلىكىنى، تەپپەكۈر قىلىشنى، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈگتىش كىرەك.
  • ئۇنداقتا بىز زادى قانداق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چىقىمىز؟ بىر سائەتلىك دەرستە بىز زادى نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟
    مەن يېڭى ئوقۇتقۇچى،ماڭا كۆرسەتمە بەرسىڭىز.
    تەتقىقاتچى回复زۇمەر说:
    مىنىڭچە بىز ئوقوغۇچىلارنى بىلىم ئىلىشقا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش قىلىپ، ئۆز ھەركىتىنى كونتۇرۇل قىلالايدىغان، مەسىلەرگە قىزىقىدىغان، گۇمانلىنالايدىغان، ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلىشىمىز كىرەك.
    2010-10-09 11:03:31