-
2010-07-16
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلەرⅠ - [مائارىپ ئىسلاھاتى]
(ش.م. ئا[2009 ] 42- نومۇر)
«شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئادەتتكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھىسى»، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى پەنلەر ئوقۇتۇشى توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى» ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ « ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان پروگراممىسى» ( دەرس ئۆلچىمى ‹سىناق› 2009-يىل نەشىرى) گە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئادەتتكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تاللاپ ئوقۇيدىغان بۆلەكلەر Ⅰ نى تەسىس قىلىش ۋە ماس ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە يىتەكچىلىك قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
ئەدەبىيات (خەنزۇ ئەدەبىياتى) : مەكتەپلەر چوقۇم « شېئىر ۋە نەسىر» ئىچىدىن بىر بۆلەك، « تىل-يېزىق قوللىنىش» ئىچىدىن بىر بۆلەك، « رومان ۋە درامما » ئىچىدىن بىر بۆلەكنى تاللاپ، چوقۇم تاللايدىغان بۆلەكلەر سۈپىتىدە تەسىس قىلىشى، ئوقوغۇچىلار 6 ئوقوش نۇمۇرىغا ئىرىشىشى لازىم. ئوقوغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يەنە 5 سىستىما ئىچىدىن بىر بۆلەكنى تاللاپ ئوقۇپ، 2 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىپ، جەمئىي 8 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشسە بولىدۇ.
قىزقىشى كۈچلۈك ھەمدە تىخىمۇ ئىلگىرلەپ تەرەققىي قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقوغۇچىلار يۇقارقى ئاساستا، 5 سىستىما ئىچىدىكى قالغان بۆلەكلەر ئىچىدىن ئۆزى خالىغان بۆلەكنى تاللاپ ئوقۇپ 6 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىپ، تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەردىن جەمئىي 14 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشسە بولىدۇ.
ئەدەبىيات ( ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ) : مەكتەپلەر چوقۇم تۆۋەندىكى 3 بۆلەكنى ( تاللاپ ئوقۇلىدىغان بۆلەك 2 ، تاللاپ ئوقۇلىدىغان بۆلەك 3، تاللاپ ئوقۇلىدىغان بۆلەك 5 ) تەسىس قىلىشى ، ئوقوغۇچىلار ئۇلاردىن 6 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىشى لازىم. مەكتەپلەر يەنە تاللاپ ئوقۇلىدىغان 3 بۆلەك ( تاللاپ ئوقۇلىدىغان بۆلەك 1، تاللاپ ئوقۇلىدىغان بۆلەك 4 ، تاللاپ ئوقۇلىدىغان بۆلەك 6 ) ئىچىدىن بىر بۆلەكنى تەسىس قىلىشى، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن 2 ئوقۇش نۇمۇرىغا، جەمئىي 8 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىشى كىرەك.
مۇشۇ ئاساستا، مەكتەپلەر مۈمكىن قەدەر تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ، ئىشىپ قالغان بۆلەكلەرنى تەسىسى قىلىشى كىرەك.
ئىنگىلىز تىلى: مەكتەپلەر تۆۋەندىكى 3 بۆلەكنى تەسىس قىلىشى، ئوقۇغۇچىلار 6 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىشى، سىستىما Ⅰ دىن ( تەرتىپ بويىچە دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ) 6~8 تاللاپ ئوقۇيدىغان بۆلەكنى تەسىس قىلىش (8-دەرىجە تەلىپىگە يىتىشى ) لازىم. تۆۋەندىكى 3 بۆلەكنى ئوقوغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇشى ئۈچۈن تەسىس قىلىش تەۋىسىيە قىلىنىدۇ، يەنى سىستىما Ⅰ دىن تەرتىپ بويىچە 9 ~ 11 بۆلەكنى تەسىس قىلىش ( 9-دەرىجە تەلىۋىگە يىتىش). سىستىما Ⅱ ئىچىدىكى ھەر قايسى دەرسلەرنى تەسىس قىلىش، شارائىتىغا ئاساسەن سىستىما Ⅱ ئىچىدىن 2 ~1 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك بۆلەكلەرنى تاللاپ ئوقۇشقا ئىلھام بىرىلسە بولىدۇ. خەنزۇ تىلى: مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن تاللاپ ئوقۇلىدىغان 3 ~1 بۆلەكنى تەسىس قىلىپ،-8 HSK دەرىجىگە ياكى3 MHK -دەرىجە تەلىۋىگە يىتىشى، ئوقوغۇچىلار 6 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىشى، مەكتەپلەر يەنە پائال شارائىت يارىتىپ تىخىمۇ كۆپ تاللاپ ئوقۇلىدىغان بۆلەكلەرنى تەسىس قىلىشى كىرەك.
ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەنلەر يۆلىنىشى: مەكتەپلەر تۆۋەندىكى 3بۆلەكنى چوقۇم تەسىس قىلىشى كېرەك، يەنى سېستىما 1 ( 2 بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە سېستىما 4 دىكى 4-1 «گىئومىتىرىك ئىسپاتتىن تاللانغان لېكسىيە» قاتارلىقلار.
ئوقۇغۇچىلار سېستىما 1 دىن 4 نومۇر، تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك 4-1 دىن 1نومۇر ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە سېستىما 3 ياكى سېستىما 4 تىن بىر مەخسۇس تېما تاللاپ ئۈگۈنۈپ 1نومۇرغا ئېرىشىپ، جەمى 6تاللاپ ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشسە بولىدۇ. ئەگەر ماتېماتىكىغا قىزىقىدىغان ھەم بىر قەدەر يۇقۇرى ماتېماتىكىلىق ساپاغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى 6 نومۇرنى ئېلىپ بولغاندىن باشقا يەنە سېستىما 4 تىن 4 مەخسۇس تېما تاللاپ 4 ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىپ جەمى 10 تاللاپ ئوقۇش نومۇرىغا ئىرىشسە بولىدۇ.
تەبىئى پەن يۆنۈلۈشى: مەكتەپلەر تۆۋەندىكى 5 بۆلەكنى چوقۇم تەسىس قىلىشى كېرەك، يەنى سېستىما 2 (3 بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە سېستىما 4 دىكى 4-4«كوئوردىنات سېستىمىسى ۋە پارامېتىرلىق تەڭلىمە»، 4-5«تەڭسىزلىكتىن تاللانغان لىكسىيە» قاتارلىقلار.
ئوقۇغۇچىلار سېستىما 2 دىن 6 نومۇر، تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك 4-4 ،4-5 دىن 2نومۇر ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە سېستىما 3 ياكى سېستىما 4 تىن ئىككى مەخسۇس تېما تاللاپ ئۈگۈنۈپ 2نومۇرغا ئېرىشىپ، جەمى 10تاللاپ ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشسە بولىدۇ. ئەگەر ماتېماتىكىغا قىزىقىدىغان ھەم بىر قەدەر يۇقۇرى ماتېماتىكىلىق ساپاغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى 10نومۇرنى ئېلىپ بولغاندىن باشقا يەنە سېستىما 4 تىن 4 مەخسۇس تېما تاللاپ 4 ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىپ، جەمى 14 تاللاپ ئوقۇش نومۇرىغا ئىرىشسە بولىدۇ.
ئىدىيە سىياسى ئىجتىمائىي پەن يۆلىنىشى: مەكتەپلەر تۆۋەندىكى 2 بۆلەكنى ( دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار توغرىسىدا ساۋات )، ( ئىقتىسادشۇناسلىقتىن ساۋات ) چوقۇم تەسىس قىلىشى كىرەك. مەكتەپ چوقۇم يۇقارقى تاللاپ ئوقولىدىغان 2 بۆلەكنى تەسىس قىلىشى، ئوقوغۇچىلار 4 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىششى كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپلەرنىڭ 2 بۆلەكنى ( تۇرمۇشتىكى قانۇن ساۋاتلىرى )، ( پۇقرالار ئەخلاقى ۋە ئىتىكا ساۋاتلىرى ) تەسىس قىلىشى تەۋىسىيە قىلىنىدۇ، 2 بۆلەكنى يەنى ( ئىلمىي سوتسىيالىزىم )، ( ئىلمىي تەپەككۈر قىلىش ساۋاتلىرى ) تەسىس قىلىشقا ئىلھام بىرىلىدۇ.
تارىخ ئىجتىمائىي پەن يۆلىنىشى: مەكتەپلەر چوقۇم 1 بۆلەكنى ( تارىختىكى زور ئىسلاھاتلارغا نەزەر ) تەسىس قىلىشى، ئوقوغۇچىلار 2 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشى كىرەك. مەكتەپلەر يەنە ( يىقىنقى زامان جەمئىيىتىدىكى دىمىكۇراتىك ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەت )، ( 20-ئەسىردىكى ئۇرۇش ۋە تىنچلىق )، ( جۇڭگۇ ۋە چەتئەل تارىخىدىكى شەخىسلەر توغرىسىدا باھا )، ( تارىخ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ) قاتارلىق 4 بۆلەك ئىچىدىن 2 بۆلەكنى ئوقوغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇشى ئۈچۈن تەسىس قىلىشىشى كىرەك. ئوقوغۇچىلار بۇنىڭدىن 4 ئوقۇش نۇمۇرىغا، جەمئىي 6 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشسە بولىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ( دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى جەۋھەرلىرى ) بۆلىكىنى تەسىس قىلىشغا ئىھام بىرىش كىرەك.
جۇغراپىيە ئىجتىمائىي پەنلەر يۆلىنىشى: مەكتەپلەر چوقۇم تۆۋەندىكى ئىككى بۆلەكنى يەنى ( تەبىئىي ئاپەت ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش )، ( مۇھىت ئاسىراش ) تەسىس قىلىشى، ئوقوغۇچىلار بۇنىڭدىن 4 ئوقۇش نۇمۇرىغا ئىرىشىشى كىرەك.
تۆۋەندىكى بۆلەكلەرنى تەسىس قىلىشى تەۋىسىيە قىلىنىدۇ: ( ساياھەت جۇغراپىيىسى )، ( شەھەر ۋە يېزىلارنى پىلانلاش ). تۆۋەندىكى بۆلەكلەرنى تەسىس قىلىشغا ئىلھام بىرىلىدۇ: ( ئالەم ۋە يەر شارى )، ( دىڭىز ئوكيان جۇغراپىيىسى )، ( جۇغراپىيە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىشى ) .
فىزىكا ئىجتىمائىي پەنلەر يۆلىنىشى: مەكتەپلەر چوقۇم 1-1نى تەسىس قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار 1-1 نى ئۈگۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، 2 زۆرۈر ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىدۇ.
تەبىئى پەن يۆنۈلۈشى: مەكتەپلەر چوقۇم 3-1 نى تەسىس قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار 3-1 نى ئۈگۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، 2 زۆرۈر ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىدۇ. مەكتەپلەر يەنە ئەڭ كەم بولغاندا سېستىما 3 دىن 3-3، 3-4، 3-5 قاتارلىق 3 بۆلەكنى تەسىس قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇشىغا سۇنۇشى، ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ئىچىدىن 2 بۆلەكنى تاللاپ ئوقۇشى لازىم. مەكتەپلەرنىڭ 1-2، 2-1، 2-2، 2-3، 3-2 قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇشى ئۈچۈن تەسىس قىلىشقا ئېلھام بىرىلىدۇ.
خىمىيە ئىجتىمائىي پەنلەر يۆلىنىشى: مەكتەپلەر چوقۇم تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىك 1 (خىمىيە ۋە تۇرمۇش)نى تەسىس قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار« خىمىيە ۋە تۇرمۇش» نى ئۈگۈنۈپ 2 زۆرۈر ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك 2 (خىمىيە ۋە تېخنىكا)نى تاللاپ ئوقوشقا ئېلھام بېرىلىدۇ.
تەبىئى پەن يۆنۈلۈشى: مەكتەپلەر چوقۇم تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىك 2 (خىمىيە ۋە تېخنىكا)ۋە تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك 3 (ماددا تۈزۈلۈشى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى) دىن ئىبارەت 2بۆلەكنى تەسىس قىلىشى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار بۇ 2ئىككى بۆلەكتىن 4ئوقۇش نومۇرۇنى ئېلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسىلىك1( خىمىيە ۋە تۇرمۇش)، تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك4(خمىيىلىك رىئاكسىيە پىرىنسىپى)،تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك5(ئورگانىك خمىيە ئاساسلىرى) قاتارلىقلار ئىچىدىن 2~1 گىچە بۆلەكنى تاللاپ 4~2 گىچە ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشسە بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك 6 (تەجىرىبە خىمىيەسى)نى تاللاپ ئوقوشقا ئېلھام بېرىلىدۇ.
بىئولوگىيە تەبىئى پەن يۆنۈلۈشى: مەكتەپلەر چوقۇم تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك1«بىئولوگىيە تېخنىكىسى ئەمىلىيىتى»، تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك 3«ھازىرقى زامان بىئولۇگىيە پەن تېخنىكىسى ھەققدە مەخسۇس تېما» دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكنى چوقۇم تەسىس قىلىشىشى كېرەك. شارائىتى بار مەكتەپلەر تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسلىك2«بىئولوگىيە ئىلمى ۋە جەمىيەت»نى تەسىس قىلسا بولىدۇ.
ئۇچۇر تېخنىكىسى: مەكتەپلەر ئەڭ كەم بولغاندا «ھېساپلاش ئۇسۇلى ۋە پىروگرامما لاھىيەلەش»، «كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى»، «تور تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى» قاتارلىق بۆلاكلەرنى تەسىس قىلىشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلار بۇ ئۈچ بۆلەك ئىچىدىن بىرنى تاللاپ 2ئىككى ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشسە بولۇدۇ. ئۇندىن باشقا مەكتەپلەر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باشقا تاللاپ ئوقۇلۇدىغان بۆلەكلەرنى تەسىس قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوگۈنۈشىگە سۇنىشى كېرەك.
ھەممە باپ تېخنىكا: سانائەت، دېھقانچىلىق پەنلىرىگە يۈزلىنىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار 4زۆرۈر ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشپ بولغندىن كىيىن، يەنە ئەڭ كەم بولغاندا 4ئوقۇش نومۇرلۇق تاللانما دەرسلىكنى ئوقۇپ، جەمى 8ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشسە بولىدۇ. سەنئەت (مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت) دەرسى ۋە تەنتەربىيە ساغلاملىق دەرسىنى دەرس ئۆلچمى ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرس ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى»نىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن تەسىس قىلىشقا بولىدۇ، مەكتەپلەر سەنئەت، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار، سەنئەت، تەنتەربىيە يۆنۈلۈشىدە داۋاملىق تەرەققى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللانما دەرسلەر بىلەن تەمىنىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشىشى كېرەك.
مەكتەپلەر ئىجتىمائى پەن يۆنۈلۈشىدە تەرەققى قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى تاللانما دەرسلەرنى ئۈگۈنۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى، تەبىئى پەن يۆنۈلۈشىدە تەرققى قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى تاللانما دەرسلەرنى ئۈگۈنۈشكە ئاكتىپ ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
يۇقارقى يىتەكچى پىكىر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسⅠ نى تەسىس قىلىشتا يىتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مەزكۇر يېتەكچى پىكىرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تىزلىكتە تەشكىللەپ، مەزكۇر يېتەكچى پىكىرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۈگۈنۈپ، روھى ماھىيىتىنى ئىگەللىشى ھەمدە تاللاپ ئوقۇلۇدىغان دەرسⅠنى ياخشى تەسىس قىلىش كېرەك.
历史上的今天: