• 2010-10-17

    ئۆزىمىزنى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    ئارزىگۇل ئابلا

    (پەيزاۋات ناھىيە گۈللۈك يېزا چىلانباغ باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

    «گۆھەر ئەڭ ئېسىل رامكىدا ساقلىنىشىمۇ ياكى ئات ئوقىرىدىكى ساماننىڭ ئاستىدا كۆمىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ قىممىتى ئەڭ ئېسىل رامكىدا ياكى ئوقۇردا تۇرغانلىقى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، پەقەت ئورۇن جەھەتتە ئۆزگىرىش بولغان.

    سىز قەيەردىلا بولسىڭىز بىر گۆھەر. مىڭلىغان گۆھەرلەر ئىچىدىكى پەقەت ئۆزىڭىزگە خاس بولغان بىردىنبىر گۆھەر. مەيلى سىز پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نۇر چېچىڭ ياكى بىر ئائىلە، بىر مەكتەپ، بىر سىنىپقا نۇر چېچىڭ سىزنىڭ قىممىتىڭىز ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. سىز مەڭگۈ شاگىرتلار نەزىرىدىكى ئەڭ نۇرلۇق گۆھەر».

    بۇ جۈملىلەر ھەر ۋاقىت مىنى ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى. بالىلق چاغلىرىمدا شۇ قەدەر ئۇلۇغۋار غايىلەر ئىتەكلىرىدە ئۇخلايتىم. قايسىدۇر بىر ساھەدە (بەلكىم ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدە بولسا كېرەك) نۇرلۇق چولپانغا ئايلىنىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نۇر چېچىشنى ئويلايتىم. بۇ غايە بۇ ئارزۇ تاكى مەن سىفەن مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆز يېزامغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر قەلبىمدە ھۆكمىران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

    قانداق بولدى بىلمەيلا قالدىم، سىنىپقا كىرىپ 20 نەپەر قارا كۆزنىڭ ئۇستازىغا ئايلىنىپلا بىر گۈزەل غايە بۇ ئۇلۇغۋار ئىستەك خىرەلىشىۋاتقان كەچكى شەپەق نۇرىدەك ئۈن-تۈنسىز ھەم ئاستا-ئاستا غايىپ بولۇشقا باشلىدى.

    ھەر كۈنى  تەرتىپلىك داۋاملىشدىغان تۇرمۇش رىتمى ،بىر چاغلاردا شۇنداق گۈزەل غايىلەرگە ئىگە بولۇپ ياشاپ ئۆتكىنىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپمۇ قويدى .

    ئىختىيارسىز،ھايات دىگەن شۇنداق ئوخشايدۇ دىگەن خىيالغا كەلدىم .ئوچۇق ئېيىتقاندا بۇ بىر باھانە ئىدى.«يارامسىز ئادەمنىڭ باھانىسى كۆپ » دېگەندەك مەنمۇ شۇنداق يارامسىز ئادەمگە ئايلنىپ قېلۋاتامدىم قانداق ؟

    قانداق ئادەمگە ئايلىنىپ قېلۋاتقېنىمنى راستىنلابىلمەي قالغان ئىدىم .

    مەن يىغلاش ،كۈلۈش ،ئازاپلىنىش دىگەنلەرنىڭ ئۆتكۈنچى ھىسيات ئىكەنلىگنى بىلەتتىم .ئەمما ماڭا كەلگەندە غاينىڭمۇ ئۆتكۈنچە ھىسياتقا ئايلىنىپ قېلشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .

    مەن دۇنيادىكى بارلىق كىشلەرنىڭ ئادەتتىكى ئەمەسلىكىگە ئىشىنمەن .تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى  ئەمەسلىكىدىن بولسا كىرەك دەپ قارايمەن .

    بىر قىز ئوقوغۇچنىڭ مۇنۇ سۆزى مىنىڭ ئىككىلنىش ھەم ئىشەنچىسىزلىك بىلەن تولوپ كىتۋاتقان ئىككىنچى دۇنيارىمنى ئاستىن –ئۈستىن قىلۋەتتى .

    «مۇئەللىم ،سىز بىزنى تەربىيلىسىڭىز ،بىز چوڭ بولغاندا يەنە نۇرغۇن بالىلارنى  تەربىيلىسەك ،ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بالىلارنى تەربىيلىسە ، ۋاي –ۋۇي دۇنيا سىزنىڭ ئوقوغۇچىللىرىڭىز بىلەن تولۇپ كەتكۈدەك .»

    ئىھتىمال بۇ سۆزنى مەخسەتسىزلا دىگەن ئۇ قىز بۇ بىرنەچچە ئېغىز سۆزنىڭ مەندە ئۇنچىلىك زور تەۋرىنىش  ھاسىل قىلالايدىغانلىغىنى ئويلاپ يىتەلمەس .

    توغرا ،مەن پۇتۇن ئىنسانىيەتكە نۇر چېچىشنى  ئارزۇ قىلغان ،بۇ ئارزۇ بۇ غايىللىرىمىنى يوقاتتىم دەپ ھەسرەت چەككەن ئەمەسمىدىم ؟!

    ئەسلىدە ئۆزۈم مېڭۋاتقان بۇيولنى كۆزلىگەن مەنزىلىمنىڭ قارشى تەرتىپدىكى قىرغاققا يەتكۈزدىغان يول دەپ خاتا مۆلچەرلەپ قويغان ئىكەنمەن . ئەمدى بىلسەم مەن ماڭغان بۇ يول بەكمۇ ئۇزۇن ھەم جاننى خوراتقىدەك دەرجىدە ئەگرى –توقاي بولسىمۇ يەنىلا مىنىڭ كۆزلىگەن مەنزىلىم بىلەن تۇتۇشىدىكەن .گەرچە مەن ئىسىل «رامكا»لارغا ئىلنىپ پۇتۇن دۇنيانىڭ نەزىرنى تارتالايدىغان گۈھەر  بولالمىساممۇ لېكىن بىرسىنىپتىكى ئوماق قاراكۆزلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتالايدىكەنمەن .ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەنمەن .

    كۆزئالدىمدىكى نۇرغۇنلىغان «ئالاھىدە»بالىلار مىنىڭ تەربىيلىشىمدىن ئۆتۈپ بايا ئېيىتقاندەك ئادەتتىكى بولمىغان كىشلەر توپغا قوشلىدىكەن .ئەتراپىقا،كىشلەرگە ئۈن تىنسىز تەسىر كۆرسىتدىكەن . ئالدىمدىكى بۇ ئاپپاق قەلبلەرگە قانداق ئىز سېلىش، قانداق تەسىر كۆرسىتىش مىنىڭ ئالدىمدىكى ئەڭ زور سىناق ئىكەن .

    توپ-توپ ئوماق  بالىلارنىڭ چوڭ  بولغاندا  قانداق ئىشلار بىلەن

    شۇغۇللىندىغانلىقىنى  ھىچكىم  توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ .ئەمما  شۇبالىلارنىڭ قەلبىدە ئادىمىيلىك ۋە مىھرى  مۇھاببەتنى يىلتىز تارقۇزالىساملا ئۇلار قايسى ساھەدە خىزمەت قىلسۇن مەيلى كىرەك يوق ،مەن خاتىرجەم بولمەن .

    ھازىر شۇنداق ئويلايمەن  .ئائىلەمدىكى ۋە مەكتەپتىكى «ئالاھىدە » بالىلارقەلبىدىكى نۇرلۇق چولپانغا ئايلىنىپ ئۇلارغا توغرا يۈنلىشنى كۆرسىتش- مىنىڭ رىئاللىققا ئايلانغان غايەم ۋە ئۆمۈرلۈك بەختىم ئىكەن .


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • يوللغان تىمىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئاساسى قاتلامدىكى نۇرغۇنلغان كىشلەرگە ئۈمىت بىغشلىغسۇسى ،
    تەتقىقاتچى回复مۇختار说:
    قەدەم تەشىرىپ قىلغىنىڭىزغا رەخمەت! دىگىنىڭىزدەك بولغاي.
    2010-10-28 10:32:29