-
2011-08-03
ياڭسې ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ تەجىربىللىرىنى ئۆگىنىشتىن تەسىرات - [تەسىرات]
ياڭسې ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ تەجىربىللىرىنى ئۆگىنىشتىن تەسىرات
يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-،8-كۈنلىرى سانجى شەھرىدە ئىلىپ بىرىلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكىپى ۋە جىياڭسۇدىكى ياڭسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس ئىسلاھاتىدىكى تەجىربىللىرىنى ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش يېغىنىغا قاتناشتىم. گەرچە پائالىيەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ھاسىلاتلارغا ئىرىشتىم. بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى سىچۈەن ئاساس مائارىپ مۇلازىمەت شىركىتى ئۈستىگە ئالغان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى تەشكىللىگەن، سانجى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ياردەملەشكەن بولۇپ، پائالىيەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ناھايىتى ئۈنۈملىك بولدى. بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1500 دەك ئوقوۇتقۇچى، مەكتەپ رەھبەرلىرى، مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىرى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە ياڭسې ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ ۋە دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگىلىز تىلى، فىزىكا، خىمىيە، سىياسەت قاتارلىق يەتتە پەن ئوقۇتقۇچىللىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى كۈنى يەتتە پەن بويىچە بىر قانچە مەكتەپتە تەڭلا ۋاقىتتا يۇقارقى ئىككى مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگىلىك دەرس ئۆتتى، ئىككىنچى كۈنى ئىككى مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى ئۆزز مەكتىپىنىڭ دەرس ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىش جەريانىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىربىللىرىنى لىكسىيە سۈپىدە سۆزلەپ بەردى. گەرچە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ، پائالىيەتكە قاتناشقانلار پائالىيەتكە باشتىن ئاخىرى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن قاتناشتى. تۆۋەندە بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىمنى ۆكپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ياڭسې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەجىرىبىسىنى ئۆگىنىشتىن تەسىرات
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىسمى چىن پېييۈەن، ئەر، 1963-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، كومپارتىيە ئەزاسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 1982-يىلى مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 89-ىيىلى ئالىي تېخنىكومنى ماتىرىيال ئارقىلىق ئوقۇش (函授) ئارقىلىق پۈتتۈرگەن، 2004-يىلى تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن. 1993-يىلى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان؛ 1995-يىلى مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان؛ 1997-يىلى تەيشىڭ شەھرى بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان؛ 2001-يىلى تەيشىڭ شەھرى بويىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىنگىلىز دەرسى ئوقۇتۇشىدىكى باشلامچى بولۇپ باھالانغان؛ 2003-يىلى تەيشىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان پەن تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇپ باھالانغان؛ 2004-يىلى تەيشىڭ شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلىمى تەرپىدىن مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياش دىگەن نامغا ئىرىشكەن؛ 2004-يىلى 9-ئايدا 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتۇشىدىكى باغۋەن مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن؛ 2006-يىلى ياڭسې ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
ئاۋال ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئاندىن ئۆگىتىش، شۇ سائەتلىك دەرستە مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان ياڭسې ئوتتۇرا مەكتپى
«ياخشى ئۆگىنەلمەيدىغان ئوقوغۇچى يوق» بۇ مەزكۈر مەكتەپنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرىۋاتقان مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسى بولۇپ، بۇ ئىدىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ 80-يىللارنىڭ بىشىدىلا شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزىدىلا ئوقوغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك تاپشۇرۇقىنى تاماملاش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. 10 يىلدىن كۆپرەك ئىزدىنىش ئارقىلىق، 90-يىللارغا كەلگەندە مەكتەپ ئاۋال ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئاندىن ئۆگىتىش، شۇ سائەتلىك دەرستە مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن. مانا بۇ بۇ مەكتەپنىڭ ھەر بىر ئوقوغۇچىغا ياخشى ئۆگىتىشتىكى ئاساسلىق بىسىپ ئۆتكەن يولىدۇر.
بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ تەرەقىياتىنى، ئوقوغۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتىدىغان بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قىزىشقا ۋە قوزغاشقا ئەھمىيەت بىرىلگەن.
بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى دەرسخانىمىزدىكى ئاۋال ئۆگىتىپ ئاندىن ئۆگىنىشتەك «ئۈنۈمسىز، تۆۋەن ئۈنۈملىك» ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، دەرسخانىنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملىك بولىشىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغان.
1. قاراش
ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوقۇتۇشلا ئەمەس بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش قىلىشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. ئاۋال ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۆگۈنىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە يىتكچىلىك قىلىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
2. ئوقۇتۇش مۇددىئاسى
1) ھەر سائەتلىك دەرستە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى، ئادەتتە 7 مىنۇت ئەتىراىدا بولۇش، بەزى دەرسلەردە 4 مىنۇت بولۇش بەلگىلەنگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر سائەتتە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.
2) «ئاۋال ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۆگىنىش، شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزىدە مەشىقلەندۈرۈش» ئۇسۇلىنى جانلىق قوللىنىش. ئوخشىمىغان يىللىقلار، ئوخشىمىغان پەنلەر، مەزمۇنلاردا مۇۋاپىق تەڭشەش. ئاز سۆزلەشكە تىگىشلىكلىرىنى كۆپ سۆزلىمەسلىك. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشىگە يىتەرلىك ۋاقىت بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
3) ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى لايىھىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى بىكىتىشىگە ياردەم بىرىش. بارا-بارا بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇش. ياخشى بولغان ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئوقۇتۇشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى.
4) ھەمكارلىشىش روھى ۋە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى، «ئوقۇغۇچى ئوقوغۇچىغا ئۆگىتىش»، «ئوقۇغۇچى ئوقوغۇچىغا ئۆگىتىش» جەريانىدا ئۆگىنىشتە قىيلىنىدىغان ئوقوغۇچىلار ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىدىكى قىيىن تەرەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالالايدۇ، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىملەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ.
5) ئوقۇتقۇچى دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاش كىرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازى، پەزىلىتى، ئوقۇتۇش سەنئىتى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىنمەي تەسىر قىلىدۇ. مەدەنىيەت دەرسلىرىدە بىلىملەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلسا، باشقىلاردا ئوقوغۇچىلارنىڭ ھىسىيات پوزۇتسىيە، قىممەت قارىشىنى يىتىلدۈرۈش سىڭدۈرىلىدۇ.
3. كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش
تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىش كىرەك:
1) ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلىگىلى بولىدۇ؟
2) كىلەر ھەپتىدىكى ھەر قايسى سائەتلىك دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش لايىھىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىش.
3) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش دائىرىسىنى، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش ۋاقتى، ئۆگىنىشكە قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى بىرلىكتە بىكىتىش.
4) ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتە يولىقىدىغان قىيىن مەسىلىلەر قايسى؟
5) شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان مەشىقلەندۈرۈش سۇئاللىرىنى قانداق لايىھىلىگەندە ئاندىن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىلىپ بارغاندا كىلىپ چىقىىدىغان مەسىلىلەرنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاشكارىلاپ چىققىلى بولىدۇ؟
6) ئوقۇغۇچىلارنى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قانداق يىتەكلەش كىرەك؟
دەرس تەييارلاش جەريانىدىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلار ئوقوغۇچىلارنىڭ «ئۆگىنىش» گە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
4. دەرس تەييارلاش خاتىرىسى
ئاسااسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپ گەۋدىلەندۈرىلىدۇ:
1) دەرس تىمىسى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى؛2) ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى؛ 3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر يۈرگىزىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىش نىشانى يېزىلىدۇ. 4) دەرسخانانىدا مەشىقلەندۈرۈش، سىناش سۇئاللىرىنى لايىھىلەش
5. ئوقۇتۇش ئەندىزىسى: «ئاۋال ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزىدە مەشىقلەندۈرۈش»
ئوقۇتۇش تەرتىۋى تۆۋەندىكىچە:
1) «ئاۋال ئوقوغۇچى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش»تە، ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىش نىشانىنى ئادىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆگىنىش تەلەپلىرىنى سۆزلەش، ئۆگىنىشكە يىتەكچىلىك قىلىش؛ ئويلىنىش سۇئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى بەلگىلەپ بىرىش؛ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋاقتىنى بەلگىلەش؛ سىناش، مەشىق سۇئاللىرىنى تاماملاش.
2) «ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۆگىتىش» تە، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقوغۇچى، ئوقوغۇچى بىلەن ئوقوغۇچى ئارسىدىكى ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىلىپ بىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا ئاممىباب تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.
3) شۇ سائەتلىك دەرستە مەشىقلەندۈرۈشدە، «ئوقوغۇچىلار ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆگىتىش» تىن كىيىن، ئوقوغۇچىلار بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلىك مىقداردا مەشىق ئىلىپ بىرىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دەرسخانىدا ئۈگەنگەن بىلىملەرنىڭ مۇھىم، قىيىن نوقتىللىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
دەرسخاندىكى ئاساسلىق پائالىيەت شەكلى: ئوقوغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ـــــ ئوقوغۇچىلار مۇستەقىل پىكىر قىلىش ـــــ ئوقوغۇچىلار ئۆز ئارا مۇھاكىمە قىلىش ـــــ ئوقوغۇچىلار ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش.
4) بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرمايدۇ، ئوقوغۇچىلار دەرسخانىدا پۈتۈنلەي ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆگەنگەن بىلىملەرنى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزىدە تولۇق ھەزىم قىلىپ ماڭىدۇ.
6. ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى:
1) ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ ئوقۇتۇشنى بەلگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشى ئاساسەن ئوقوغۇچىلارنىڭ قانداق ئۆگىنىشىنى، نىمىلەرنى ئۆگىنىشىنى، قايسى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
2) ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى توغرا ۋە ئىچام بولۇپ، ئوقۇتۇش نىشانىنى توغرا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى قوزغىتىلىدۇ؛ ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش تەلەپلىرىنى، ئۆگىنىش مەزمۇنى، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلار ئارسىغا چۆكۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلار سورىغان سۇئاللارغا ئايرىم جاۋاب بىرىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش جەريانىدىكى قىيىن، گۇمانىي مەسىلىلەرنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كىيىنكى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ.
4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىرىنسىپى: ئوقوغۇچىلار بىلىدىغانلارنى سۆزلىمەسلىك، ئوقوغۇچىلار چۈشىنىپ بولغاننى تەكرارلىماسلىق، ئوقوغۇچىلار بىلمەيدىغان بىلىملەرنى ئىمكان قەدەر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ھەل قىلدۇرۇش. ئوقۇتقۇچى ئاز، ساز سۆزلەش، يىتەكچىلىك قىلىش.
5) دەرسخانا سىناق سۇئاللىرىغا قارىتا ئوقۇتقۇچى جاۋاب ۋە نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئوقوغۇچىلار ئۇنىڭدىكى قانونىيەتلەرنى تەتقىق قىلىش. شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى بىرىنچى سەپتىن ئىككىنچى سەپكە ئۆتۈپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزىش، گۇمانىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرىشىدىكى مەسلىھەتچىنىڭ رولىنى ئىلىش.
7. «ئوقوغۇچى ئوقوغۇچىغا ئۆگىتىش»
1) «ئوقوغۇچى ئوقوغۇچىغا ئۆگىتىش» ئوقوغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىنكى ئۆگىتىش باسقۇچىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش جەريانىدا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر ياكى مەشىقلىنىش جەريانىدا ساقلانغان خاتالىقلارغا قارىتا، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا يىتەكلەپ، ئۆگىنەلىگەن ئوقوغۇچىلار ئۆگىنەلمىگەن ئوقوغۇچىلارغا ئۆگىتىدۇ، ئوقۇتقۇچى پەقەت باھا بەرگۈچى بولۇپ، تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش ئىلىپ بارىدۇ.
2) «ئوقوغۇچى ئوقوغۇچىغا ئۆگىتىش» دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن گەۋدىلىنىدۇ. ئۆگىنىشتە قىيلىنىۋاتقان ئوقوغۇچىلارغا قارىتا، ئوقوتقۇچى ئۇلارغا يارىدەم بىرىدىغان ئوقوغۇچىلارنى بەلگىلەپ، ئايرىم يىتەكلەش ئىلىپ بارىدۇ. ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقوغۇچىلار بىلەن ئۆگىنىشتە قىيلىنىۋاتقان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئورنى، ھەتتا ياتاق ۋە تاماقلىنىش ئورۇنلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بىريەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتە ھەمكارلاشقۇچى ۋە يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ.
3) «ئوقوغۇچى ئوقوغۇچىغا ئۆگىتىش» پائالىيىتى ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقوغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقوغۇچىلارنىڭمۇ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى، مەسىلەرنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈردى.
8. «ئىشلەش، مەشغۇلات قىلىش» جەريانىدا ئۆگىنىش
1) دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قوزغۇتۇپ، ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا ئوقۇغۇچىلار «ئىشلەش، مەشغۇلات قىلىش» قا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش نوقۇل ھالدا كىتاپ ئوقۇش بولۇپ قالماستىن، ئوقوغۇچىلار بىر تەرەپتىن كىتاپ كۆرگەچ بىر تەرەپتىن مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ، كۆزى بىلەن كۈزىتىدۇ، ئىغىزىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئوقوغۇچىلارغا بىلىمنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانى بىۋاستە ھىس قىلدۇرۇلىدۇ.
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات قىلىش جەريانى يېڭىلىق يارىتىش جەريانى، ئۆز بىشىدىن كۆچۈرۈش جەريانى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
3) ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك پەرق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ. مەشغۇلات جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى ھىس قىلىشى، بىلىم ئاساسىغا ئاساسەن ئەقىلگە مۇۋاپىق چارا-تەدبىر قوللىنىلىدۇ. نىشانغا يىتەلىسىلا ئۇلارنىڭ نەتىجىسى تولوق مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.
4) ئوقۇغۇچىلار مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا بىلىم ئۆگىنىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆگىنىش قىلىشنى، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشنى، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلالايدۇ.
5) ئۆگىنىش جەريانىدا ئەمەلىي مشغۇلات قىلىش، مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىش بولغاندىلا ئوقوغۇچىلاردا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىش قىلغاندا باشقىلارغا تايىنىۋالماسلىق، ئىشلارنى ئۆزى قول سىلىپ ئىشلەش، چاققان بولۇش، پائالىياتچان بولۇشتەك ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
9. كىم جىددىيلەشتى؟
دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىدىن بەكرەك جىددىيلىشىدۇ!
1) بەزىلەرنىڭ قارىشىچە دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ئاز سۆزلەپ، ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدىغان تۇرسا يەنە ئوقوغۇچىلار نىمىگە جىددىيلىشىدۇ؟ دىيىشى مۈمكىن. بۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى نەخمەيداندا كورسىڭىزلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا بىكار تۇرمايۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. دەرسخانىدا ئوقوغۇچىلار باشتىن ئاخىرى پىكىر يۈرگۈزىش، كىتاپ ئوقۇش، سۇئال سوراش، مەشىق سۇئاللىرىنى ئىشلەش، مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش ھالاتتە بولۇپ، دەرسخانا ئۈنۈمى يۇقۇرى بولىدۇ.
2) دەرسخانا ئۈنۈمى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
(1) ھەقىقىي مەسىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش.
(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە قوزغىتىلىدۇ.
(3) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يىتىلدۈرۈلىدۇ.
(4) بىلىمنى ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي چۈشىنەلەيدۇ.
(5) ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ياخشى ئىدىيە ۋە پەزىلەت، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈلىدۇ.
(6) «ئەلاچىلارنى يىتەكلەپ قىيلىنىۋاتقانلارنى يۆلەش» ئۈنۈملىك ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
(7) ئوقوغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندۇ.
3) ئوقوغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىشى دەرس باشلىنىپ دەرستىن چۈشكىچە، دەرسخانا ئىچىدىن دەرسخانا سىرتىغىچە داۋاملىشىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر سائەتلىك دەرستە ئىمتىھان بەرگەنگە ئوخشاش مەشىق سۇئاللىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى دەرسخانىغا يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھەر قايسى ھالقىلاردا قىلچىمۇ بوشاڭلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. ھەر سائەتلىك دەرس تاماملانغاندا، ئوقۇغۇچىلاردىن قانداقراق؟ دەپ سورىسىڭىز، ئوقوغۇچىلار ھەجەپ ھىرىپ كەتتىميا!-دەپ جاۋاب بەرگىنى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقتىن، ئوقوغۇچىلاردا بىسىم بولمايدۇ، ئارام ئىلىش ۋاقىتلىرىدا ئۆزى قىزىققان ئىشلارغا قاتنىشىدۇ، شۇنداق ئازادىلىك ھىس قىلىدۇ.
10. ئۈنۈم
1) ياڭسې مەكتەپ يېزىدىكى ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسى ۋە سەۋىيىسى بەكمۇ يۇقۇرى ئەمەس. ئەمما، بۇ مەكتەپتە ئۈچ يىللىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە مەشىقلىنىشنى باشتىن كۆچۈرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ، ھەر يىلى بۇ مەكتەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ %80 تىن تولاراقى جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدىكەن.
2) مۇخبىرلارنىڭ ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىشىدىن قارىغاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگەن ياڭسېلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، مۇستەقىللىق ئىقتىدارى باشقىلاردىن ياخشى بولغان، دەرستە ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى توغرا قانونىيەت بىلەن تەرەققىي قىلغان.
3) ياڭسې مەكتپىدىكى ئوقوغۇچىلار دەرسخانىدا ناھايىتى جىددىيلىك ھىس قىلسىمۇ، ئەمما دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن ناھايىتى ئازادە يۈرىيدىكەن. ئۇلار ھەر كۈنى سائەت 6:00 ئورۇندىن تۇرۇپ، يىرىم سائەت ئەتىگەنلىك بەدەن چىنىقتۇرىدىكەن، 7:00 دىن 7:30 گىچە خەۋەر كۆرىدىكەن، دەرستىن كىيىن تاپشۇرۇق بولمايدىكەن. چۈشتە بىر سائەت ئارام ئالىدىكەن، كەچتە سائەت 9:30 دا چىراق ئۆچۈرۈلۈپ ئوخلايدىكەن.چۈشتىن كىيىنكى ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتىدا تاپشۇرۇق بولمىغانلىقتىن، ئوقوغۇچىلار ئاساسلىقى ئالدىن ئۆگىنىش ياكى تەكرارلاش قىلىدىكەن. ئالدىن ئۆگىنىپ كىلىش يىتەرلىك بولغانلىقتىن دەرسخانا ئۈنۈمى يۇقۇرى بولۇپ، تاپشۇرۇق دەرسنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپ بولىنىدىكەن.
ياڭسې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىزگە بەرگەن ئىلھامى:
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياڭسې ئوتتۇرا مەكتىپىنى زىيارەت قىلىپ قايتقان مەكتەپلەر، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇلارنىڭ تەجىرىبىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «ئاۋال ئوقوغۇچى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزىدە مەشىقلەندۈرۈش» تىن ئىبارەت دەارسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ياڭسې مەكتىپىدەك ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
تەكلىپ:
1.قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تونۇشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك.
2.ئۆز ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادىي يولغا قويۇش، ئوقۇتۇشنى قاتمال ئەندىزىلەشتۈرشتىن ساقلىنىش لازىم.
3. دەرسخانىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلەرنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش كىرەك.
ئومومەن قىلىپ ئىيتقاندا، دەرس ئىسلاھاتى بىزگە تۈرلۈك خىرىسلارنى ھەم ياخشى پۇرسەتلەرنى ئىلىپ كەلدى. ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىمىزدە ھەر زامان ياڭسې ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىربىللىرىنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلاپ، ئۇنى تىخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى يارىتىشىمىز كىرەككى، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە دورامچىلىق قىلىپ، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۆزىمىزنىڭ ھەركىتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى كۈچەيتىپ، تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ، ياخشىلاپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئارتۇقچۇلۇقلارنى قوبۇل قىلىپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تۈگۈتۈپ، ساپا مائارىپىنى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇپ، مائارىپ سۈپىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىشىمىز كىرەك.
ئابدۇغەنى ھەبىبۇللا تەييارلىدى. 2011-يىلى 7- ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەر
收藏到:Del.icio.us
评论