-
2011-07-21
ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ئانالىزىنى قانداق قىلىش كىرەك - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئىمتىھان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قابىليىتىنى سىنايدىغان بىر خىل ۋاستە. مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى نومۇر ئىلىش ياكى ئالالماسلىقىغا قاراپ، دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئۆزى ئۆتكەن دەرسىنىڭ ئۆزلەشكەن ياكى ئۆزلەشمىگەنلىكىنى سىناپ كۆرىدۇ يەنى، قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ئۆتكەن دەرستىن يۇقۇرى نومۇر ئالغان، قايسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىگە ئاساسەن، ئۆزى دەرس بەرگەن سىنىپتا، قانچە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسىنىڭ ياخشىلقىنى، يەنە قانچە نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئايرىم يىتەكلەش لازىملىقى ھەققىدە كوڭلىدە سان توختۇتۇپ، شۇ ئاساستا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇ. ھازىرقى مائارىپمىزدا يەنىلا قەغەز يۈزىدىكى يىپىق شەكلدىكى ئىمتىھان شەكلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا باھا بىرىش يەنىلا ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە مەجبۇريەت مائارىپىدىن باشقا ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرنىڭ ئىمتىھانىسى بولسۇن ۋە ياكى ئالى مەكتەپ، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھانىسى بولسۇن ھەممىسىدە ئوخشاشلا، تەبئى پەن ياكى ئىجدىمائى پەنلەردە بىردەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش مەسلىسىدە يەنىلا يۇقۇرى نۇمۇر ئۆلچىمى ئاساس قىلىندۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى دەرس بەرگەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇقۇرى مەكتەپلەرگە ئۆتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ بىراق، بۇ مەسىلدە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتكەن دەرسىدىن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار يۇقۇرى نومۇر ئىلىپ، ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىق ئۆلچىمىگە يىتىدۇ، يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتكەن دەرسىدىن ھەتتا بىرمۇ ئوقۇغۇچى نومۇر سىزىق ئۆلچىمىگە يىتەلمەي ئوقۇتقۇچىنىڭ تارتقان جاپاسى بىر پۇڭغا ئەرزىمەس ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ مەسىللەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق ئاساسلىق ماھيەتلىك ئاچقۇچ يەنىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا.
ئۇ بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى ئالدىنقى قىتىم ئالغان ئىمتىھان سۇئالىنى ياخشى تەھلىل ۋە ئانالىز قىلىپ كىيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ماڭالىسىلا چوقۇم ئاخىردا ئۆزى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن كۆچەتلەردىن ياخشى مىۋە ئالالايدۇ.
منىڭچە مەكتەپلەردە ھەرقايسىى پەن دەرس ئوقۇتقۇچىللىرى ئىمتىھان سۇئالىنى تۆۋەندىكىدەك ئانالىز قىلىپ كىيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ مىڭىشقا ئەھمىيەت بىرشى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك.
1. ئالدى بىلەن چىقىرىلغان ئىمتىھان سۇئالىنىڭ دەرسلىك كىتاپنى قاپلاش دائىرسىنى تەھلىل قىلىش كىرەك يەنى، مۇشۇ قىتىملىق ئىمتىھان سۇئالى دەرسلىك كىتاپتىكى ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىدىن چىقتىمۇ قانداق؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ماۋسۇملۇق (بىر باسقۇچلۇق) ئۈگۈنۈش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرۈشتە بىلىم سەۋىيسى ئوتتۇرھال ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلغانمۇ ياكى سۇئالنىڭ سەۋىيسى يۇقۇرىمۇ؟ بۇندىن كىيىن سۇئال چىقىرىشتا نىمىلەرگە، قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
2. چىقىرىلغان ئىمتىھان سۇئالىنىڭ مىقدار مەسلىسى ۋە نومۇر تەخسىماتى يەنى، سۇئاللارنىڭ نومۇر تەخسىماتى مۇۋاپىقمۇ قانداق؟ ئاسان سۇئاللار بىلەن قىيىن سۇئاللانىڭ نومۇر تەخسىماتىدا پەرىق بارمۇ-يوق؟ ئىمتىھان سۇئالىغا بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇغۇچى جاۋاپ يىزىپ بولالامدۇ قانداق؟
3. ئوبىكتىپ سۇئال بىلەن سوبىكتىپ سۇئاللارنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىقمۇ قانداق؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى قابىليىتىنى تەرەققى قىلدۇردىغان، زىھنىنى ئاچىدىغان ئىجابى خارەكتىرلىك جاۋاپ بىردىغان سۇئاللارنىڭ ئومۇمى سۇئال ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى مۇۋاپىقمۇ قانداق ؟
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر كىچىك سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش مەسلىسىنى دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئىرىنمەي بىرمۇ- بىر تەھلىل قىلىپ، ھەرقايسى كىچىك سۇئاللار بويىچە ئالغان نومۇرنى جەدىۋەل شەكلىدە خۇلاسىلاپ چىقىپ، سىىنپ ئىچىدە قانچە نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزى سۆزلىگەن قايسى دەرسنى ياخشى ئۆزلەشتۈرەلمەپتۇ؟ بۇنىڭدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسلىق خاتالاشقان نوقتىسى قايسى؟ بۇندىن كىيىن بۇ تەرەپنى دەرسنىڭ قايسى مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ پىششىقلاپ ماڭسا ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ؟ يەنە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىردەك جاۋاپ بىرەلمىگەن نوقتىلار قايسى؟ بۇنىڭغا نىمە ئۈچۈن بىرمۇ ئوقۇغۇچى جاۋاپ بىرەلمىدى..... دىگەندەك
5. شۇ قىتىملىق ئىمتىھاندا سىنىپتىكى ئەلاچىلار نىسبىتى، لاياقەتلىكلەر نىسبىتى، ئوتتۇرچە نومۇر، ئەڭ يۇقۇرى نومۇر، ئەڭ تۆۋەن نومۇر ۋە 85 ~ 100 نومۇر ئارلىقىدا ( ھەرقايسى نومۇر بۆلەكلىرى ئارلىقىدا) نومۇر ئالغانلار سانى نەچچە؟ ..... قاتارلىقلارنى جەدىۋەل شەكلىدە تەھلىل قىلىش.
6. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا ئالغان نومۇرىغا ئاساسەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈستىدە بىرمۇ بىر تەھلىلل ئىلىپ بىرىش، يۇقۇرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ يۇقۇرى نومۇر ئىلشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ قايسى، تۆۋەن نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسلىق كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى نىمە؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئوقۇتقۇچىدىمۇ ياكى ئوقۇغۇچىدىمۇ؟ كىلەر قىتىملىق ئىمتىھاندا ئوقۇتقۇچى، بۇ تۆۋەن نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى نەچچە نومۇر كۆتۈرۈشكە ئىشەنجىسى بار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن دەرس ئوقۇتقۇچسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرنى، بۇندىن كىيىن قايسى شەكىلدە تولۇقلىماقچى ياكى تۈزەتمەكچى؟ بۇنىمۇ ئوقۇتقۇچى جەدىۋەل شەكلىدە تەھلىل ئىلىپ بارسا نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدۇ.
7. ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار شۇ قىتىملىق ئىمتىھاندا ئورتاق خاتالاشقان تەرەپلەرنى قايسى شەكىلدە ئوقۇغۇچىلارغا پىششىقلىماقچى؟ بۇنى قايتا چۈشەندۈرۈشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ-يوق؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە دىققەت قىلماسلىقىدىمۇ ياكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ مەزمۇننى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى تاپالمىغانلىقىدىمۇ؟ ۋە ياكى تۈرلۈك كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قوراللىرنىڭ رولىدىن پايدىلنىش ئۈنىمى يىتەرلىك بولمىدىمۇ قانداق؟ دىگەندەك...
8. ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئۈستىدە ئانالىز ئىلىپ بىرىش كىرەك. يەنى ھەر كىم ئۆز ئەجرىگە لايىق نەتىجىگە ئىرشىدۇ. ئوقۇتقۇچى قوشۇمچە ماتىرياللاردىن پايدىلنىپ، دەرس تەييارلىقىنى ئەستايىدىل قىلىپ، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان ئاساستا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى باراۋەر ھالەتتىكى، دەرسخانا كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دەرسنى ئەمىليەتكە بىرلەشتۈرۈپ يەتكۈزەلىسە، منىڭچە بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلەشتۈرۋالىدۇ دەپ قارايمەن، لىكىن ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسنى ئەمدى ئۈگەنمىىسىمۇ بولدى دىگەنلىك ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا تازا پىششىق بولمىغان %40~%10 تەرەپنى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش ئارقىلىق، دەرسكە ماسلاشتۇرۇلغان ھەر خىل يانداشما مەشىقلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇندىن باشقا دەرستىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا كونسۇلتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق تولۇقلاش ئىلىپ بىرىش لازىم.
9. ھەر قىتىملىق ئىمتىھاندىن كىيىن دەرس ئوقۇتقۇچىللىرى سىنىپ ئىچىدە پەنلەر بويىچە شۇ قىتىملىق ئىمتىھاندىن ياخشى خۇلاسە قىلىش كىرەك. يەنى يۇقۇرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى تىخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك، تۆۋەن نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەپ ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۋىتىشتىن قەتئى ساقلىنىپ، ئۇلارغا ئىلھام مەدەت بىرىپ، ئازراق تىرىشسىلا چوقۇم، يۇقۇرى نومۇر ئالالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنجىسىنى تۇرغۇزۇش كىرەك.
10. دەرس ئوقۇتقۇچسى شۇ قىتىملىق ئىمتىھان نەتىىجىسىدىكى سىنىپنىڭ ئوتتۇرچە نومۇرى ۋە لاياقەتلىك%تى، سىنىپتىكى ئەڭ يۇقۇرى نومۇر شۇنداقلا، سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار بىردەك ياخشى جاۋاپ بىرەلمىگەن مەزمۇنلار ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئوقۇتۇشتا دىققەت قىلدىغان تەرەپلىرى ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزدىكى سەۋەنلىك تەرەپلەرنى ئىتىراپ قىلالىغاندىلا ئاندىن، بىر قىسىم تۆۋەن نومۇر ئاالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ خىل ئالىجاناپ پەزىلىتىدىن ئۈلگە ئىلىپ، كىيىنكى ئىمتىھانلارغا ئوقۇتقۇچى بىلەن بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە بەل باغلايدۇ.
دىمەك ئوقۇتقۇچىلار يۇقارقى بىر قانچە تەرەپلەردىكى ھەر بىر ئىنچىكە، ئۇششاق ھالقىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تەپسىلى مۇھاكىمە ئىلىپ بارالىسىلا، چوقۇم كىيىنكى ئىمتىھانلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى نومۇر ئالالىشىدا ئۈمۈت بار.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论