• 2011-07-21

    دەرىسخانا ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىىش-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    دەرىسخانا ئوقۇتۇشى،ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئىلىپ بىرىش ھەمدە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسى گەۋدىدۇر. دەرىسخانا ئوقۇتۇشنىڭ شۇ مەخسەت شۇ تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇسۇل،ۋاستىلىرىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقى ئۆستۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك.

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى،ئېلىمىز ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشى مائارىپ تۈزۈلمىسدىمۇ زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا.بولۇپمۇ مائارىپنى ئىقتىسادى قۇرلۇشنىڭ ئەمەلى ئېھتىياجىغا،بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەندۈرۈش كېرەك.ئىلگىرى ئاساسى بىر قەدەر ئاجىز،سىستېمىلىشىش سەۋيىسى ئەمەلى تەلەپكە ماسلىشىپ كېتەلمىگەن،پەقەت ئادەتتىكى مائارىپ ۋە ئالى مائارىپتىن بىرىككەن بىرلا قۇرۇلمىلار،تەدىرجى ھالدا بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن،سىستېمىلاشقان،يۈرۈشلەشكەن كۆپ قاتلاملىق مائارىپ قۇرۇلمىسىغا قاراپ يۈزلەندى.يەنى يەسلى ۋە ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسى مائارىپ كەسىپى جەھەتتىن تەربىيلەش،تېخنىكا جەھەتتىن يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان كەسىپى تېخنىكا مائارىپى،ئاساسنى پۇختىلاش،بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاشنى ئاساس قىلغان چوڭلار مائارىپى،ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىلدۈرشنى نىشان قىلغان ئالى مائارىپتىن ئىبارەت.

    مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش تەبئى ھالدا بىر تەرەپتىن ھازىرىقى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشنى،بۇ خىل يېڭى قۇرۇلمىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى قۇرۇلمىلار ئوتتۇرسىدىكى ماسلىقنى مۇۋاپىق بىر لەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.شۇنىڭ بىلەن،باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىسلىكلىرىدىن تاكى ئالى مەكتەپ دەرىسلىرىگىچە زۆرۈر بولغان بىر قاتار تەڭشەشلەر،ئىسلاھلار ئېلىپ بىرىلماقتا.ھەر قايسى قۇرۇلمىلار ئوتتۇرسىدىكى ماسلىقنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،ھەر قايسى ھالقىلاردىكى باھالاش ۋە تاللاش جۈملىدىن،تەقسىمات تۈزۈلمىسىدىمۇ زۆرۈر تەڭشەش ۋە ئىسلاھ ئېلىپ بىرىلدى.

    نۆۋەتتە دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ساقلىنۋاتقان گەۋدىلىك مەسىللەرنى مۇنداق كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

    1. ئوقۇتۇشتا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە

    مائارىپ ئىسلاھتىنىڭ تەدىرىجى چۇڭقۇرلىشىشى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ،ئىمتىھان تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ ئوبېيكىتىپ مەۋجۇدلىقى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ،ئەمما ئوقۇتۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئېغىزدىلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ،ئەمىليەتتە ماھىيەتلىك بۇرلۇش ياسىيالماي يەنىلا ئەنئەنۋى ئوقۇتۇش رامكىسىدىن،قاتمال قىلىپ ۋە ئەندىزىلەردىن ۋاز كېچەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىر تەرەپلىمە مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.بۇ خىل كۆز قاراش جەھەتتىكى قاتماللىق ئەمەلى ئوقۇتۇش جەريانىدا يېڭى يۈزلۈنۈشكە ماس بولمىغان بىر قاتار ئىللەتلەرنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇشىغا سەۋەپ بولماقتا.مەسىلەن،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىس تەييارلىقىنى تەكشۈرۈشتە ماتېرىيالنىڭ شۇ ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ھەقىقى ئۆزلەشكەن-ئۆزلەشمىگەنلىكىگە،مەسىلىدە مۇھىم نۇقتىنىڭ گەۋدىلەنگەن-گەۋدىلەنمىگەنلىكىگە قارىماستىن بەلكى، نۇقۇل ھالدا دەرىس تەييارلىق،خاتىرىسىدىكى تەلەپلەرنى يازما جەھەتتىن تولۇق ئورۇنلىغان-ئورۇنلىمىغانلىقىغا،ھەر خىل شەكىل،تەكرار،گىرافىكلارنى سۈپەتلىك تولدۇرغان-تولدۇرمىغانلىقىغا قاراپ نۇمۇر قويۇپ خۇلاسە چىقىرىش مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ۋاقتىنى ماتېرىيال كۆرۈپ بىلىمىنى مۇستەھكەملەش،مەسىلە ھەل قىلىشقا ئەمەس شەكىلۋاز تەلەپلەرنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر قىلماقتا.دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاش جەھەتتىمۇ يۇقۇرىقى ماھىيەتلىك تەرەپلەر ھەمدە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ،تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ مەسىلە ھەل قىلىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان-قوللانمىغانلىقىغا قارىماستىن،ئاللىقاچان بۆسۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولۇپ قالغان يەتتە باسقۇچىنى تولۇق ئورۇنلىغان-ئورۇنلىمىغانلقىنى شۇ دەرىسنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ كەلمەكتە.بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئىسلاھ قىلىشقا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

    2. ئوقۇتۇش مىتودى جەھەتتە

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنى قۇۋۋىتىنى ئېچىپ،ئەقلى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ،تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ،ھازىرىقى زامان ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان تەلىپىگە يېتىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە يات بولغان «ئوقۇتقۇچى ھەممىنى يەتكۈزۈش،ئوقۇغۇچى ئەندىزە بويىچە ئىز قوغلاپ مېڭىش»تىن ئىبارەت «قويۇپ قويۇش»ئۇسۇلىدىن ئىبارەت بۇ ئۆلۈك ئوقۇتۇش ئادىتى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى مەركىزى مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.

    3. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە

    نەزىرىيە بىلەن ئەمىليەتىنى بىرلەشتۈرۈشكە سەل قاراش،بولۇپمۇ بار بولغان شارائىتتىكى كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش،تەجىربىلىك ئوقۇتۇش ۋە ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشتىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانماي نوقۇل ھالدا كىتابى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇپ،كىتابى بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەمىليىتى ۋە ئىجتىمائى ئەمەليىتىگە تەدبىقلاش ئارقىلىق مەسىللەرنى كۈزىتىش ۋە ھەل قىلىش ماھارىتىنى پەرىقلەندۈرۈشكە تۈرۈتكە بولماستىن،ئاخىرىقى ھىسابتا ئوقۇغۇچىلارنى بىر دۆۋە كىتابلار ئىچىگە بەنىت قىلىپ قويۇپ «ئۈنۈمسىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش»تەك ئىسراپچىلىق مەسىلىسىنى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.

    يۇقۇرقىدەك ئوقۇتۇشتا يېتەكچىلىك قىلىش،ئوقۇتۇش مىتودى،ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتىكى بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىساق،مائارىپنى زامانغا،كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش،ئەڭ ئەقەللىسى ھازىرىقى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىغىز ئچىشقا بولمايدۇ.دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئىسلاھ قىلىشتا تۆۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئەمىللەشتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

    1)ئوقۇتقۇچىلاردىن تارتىپ مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرىغىچە ئىلىمىز ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى،مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يىڭى نىشانىمۇ دەل شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى چۇڭقۇر تونۇش،شۇ ئاساستا ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش،تەشكىللەش ۋە ئىلىپ بىرىش جەھەتتە بولۇپمۇ،دەرىسخانا ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش،تەشكىللەش ۋە ئىلىپ بىرىش جەھەتتە يۈزلىنىشنى چىقىش قىلىش كۆز قارشىنى تۇرغۇزۇش لازىم.

    2)ئوقۇتۇشنى باھالاش خىزمىتىدە،نۇقۇل ھالدىكى قېلىپلاشقان ھەر خىل باھالاش ئۆلچىمىنى بىكتىپ،شۇ تەلەپ بويىچە دەرىسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىنى بىر تەرەپلىمە باھلاشتەك ئۆلۈك ئۇسۇلنى ئۈزۈل-كىسىل ئىسلاھ قىلىپ،ھەر قايسى پەن،ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ كونكىرىت ئالاھىدىلىكى،دەرىسلىكنىڭ مەقسىتى،تەلىپى،ئوقۇتۇشنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە ئاساسەن جانلىق،ھەركەتچانلىقنىڭ ئۆلچىمىنى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە ئۇنى ئەمىلى ئىشلىتىش كېرەك.تەبىئى پەنلەر بىلەن ئىجتىمائى پەنلەر دائىرسىدىكى ھەر قايسى دەرىسلىكلەر،يۇقىرى يىللىقلار بىلەن تۆۋەن يىللىقلار شۇنداقلا كونكىرىت نەزىريىۋى مەزمۇنلار بىلەن كۆرسەتمىلىك،تەجىربىلىك مەزمۇنلار تەييارلىقىغا ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشقا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنىق بىكىتىلىىشى لازىم.شۇنداق قىلغاندىلا بىر قەدەر ئەتراپلىق باھالاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

    3)ئوقۇتۇش مىتودىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش.ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنى قۇۋۋىتىنى ئىچىشقا،ئەقلى ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشقا،تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يىتلدۈرۈشكە پايدىلىق ماتېرىياللارنى قوللىنىپ «ئوقۇغۇچى ئاساس،ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىش»نى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. «قۇيۇپ قۇيۇش» ئۇسۇلىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا سەۋەپ بولىۋاتقان «ئىلىم ئۈچۈن ئوقۇتۇش»دەيدىغان زورلاش ئىددىيسىنى بۇزۇپ تاشلاپ «ئىگىلەش ئۈچۈن ئوقۇش»تەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مايىللىقى قولغا كەلتۈرگەن ئاكتىپ مۇھىتىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

    4)ئوقۇتۇش ئۇسۇلنى يىڭىلاپ،ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك رىئاللىققا يۈزلەندۈرۈش،ئەمىليەتكە يىتەكلەش لازىم.«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دىگەن مەۋقەنى چىقىش قىلىپ،كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش،تەجىربىلىك ئوقۇتۇش ۋە ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىريىنى ئەمىليەتكە تەدبىقلاش،ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرۈتكە بولۇش،شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىتىش،ئىجاد قىلىش ۋە يىڭىلىق يارىتىش روھىنى قوزغۇتۇش لازىم.بۇ يالغۇز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپلا قالماستىن بەلكى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ زور پايدىلىق.

    ئومومەن،دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەسىللەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە باش قاتۇرمىساق،ئوقۇتۇش سۈپىتىمىزنىڭ ئۆسىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.پەقەت مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرنى تىپىپ چىقىپ،دادىل يوسۇندا يولغا قويساق،ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ ئىلىپ بارساقلا چوقۇم كۆزلىگەن نىشانغا يىتىپ بارالايمىز.

    分享到: