-
2011-07-21
يېڭى دەرس ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئال سوراش سەنئىتى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئارستوتىل :‹‹ تەپەككۇر-گۇمانلىنىش ۋە ھەيران قېلىشتىن باشلىنىدۇ ›› دىگەن ، سەۋەبى ‹‹ سوئال سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى ھالىتىدە بىر خىل خەۋەرسىزلىك ھېس قىلدۇرۇش .›› بىلىمنى تونۇشتا زىددىيەت پەيدا قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزىشىگە تۈرتكە بولساق ، بۇ جەرياندا يېڭىلىق يارىتىش بارلىققا كېلىدۇ .
مەسىلە دېگەن نېمە ؟ ئەمىلىيەتتە ، سىز بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلاپ ، قانداق قىلىشنى بىلەلمىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز بىرەر مەسىلىگە يولۇققان بولسىڭىز ، ئەگەر بىرەر ئوقۇغۇچى ئۇزۇن مەزگىل مەسلە بايقىيالمىسا ھەمدە يىتەرلىك مۇلاھىزە قىلىپ چۇشەندۈرەلمىسە ئۆگىنىشى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ ، ئەلۋەتتە. يېڭىلىقتىن سۆز ئاچقىلىق بولمايدۇ . بۇنداق دىگىنىمىز ، يېڭىلىق يارىتىش ‹‹ مەسىلە ›› دىن باشلىنىدۇ . ‹‹ مەسىلە ›› بولمىسا قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتىش بارلىققا كەلسۇن ؟ ›› دېگەنلىك . سەۋەبى : ‹‹مەسىلە›› ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسى . يېڭىلىق يارىتىش ئۆگىنىشنىڭ ئاچقۇچى . ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سوراش ئېڭىنى قانداق يىتىلدۈرۈش كىرەك ؟
Ⅰئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈرئەتلىك سوئال سوراش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم .
ئوقۇغۇچىنىڭ سوئال سورىشى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقىنى ، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى ، ئۆگىنىش ، بىلىم ئېلىش ئىستىكىنىڭ قوزغىلىۋاتقانلىقى ۋە كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى . سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلغانلىق ئىزدىنىپ ئاكتىپچانلىق بىلەن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى .
ئوقۇغۇچىلار كىتاپ ئوقۇغاندا ، دەرس ئاڭلىغاندا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى سوئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىگە ياردەم بىرىشى كېرەك . ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ياش جەھەتتىكى كىچىكلىكى ، تارتىنچاقلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر ئاز قىيىن ۋە چىگىش مەسلىلەرگە يولۇققاندا مەسلىلەرنى ئۆزى ھەل قىلىش يولىنى بىلەلمىسىمۇ ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل روھى ھالەتتىن بولىدۇ .
بىرىنچىسى ، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى .
ئىككىنچىسى ،تايىنىۋىلىش پىسخىكىسى
ئۈچىنجىسى، جىددىيلىشىش پىسخىكىسى
«ماختاشنى ياخشى كۆرۈش-ئادەمنىڭ تۇغما تەبىئىيىتى بولۇپمۇ ئۈگۈنۈش نەتىجسى ناچار، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەم بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ماختاش گويا ۋاقتىدا ياققان باھار يامغۇرىغا، يامغۇردىن كىيىن پارلاپ چىققان قۇياشقا ئوخشايدۇ.لىكىن، ئەمەلىي قوللىنىشتا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ماختاشنىڭ ۋاقتى ،ئورنى، مەزمۇنى، شەكلى، ئۇسۇلى، ئۈنۈمى، قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى ، يەنى ئىلھاملاندۇرۇش سەنئىتىنى ئىگىلىۋىلىشى كېرەك، قوش تىل ئوقۇتىشىدىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى كەم بولسا بولمايدۇ.
1. بىۋاستە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى
بۇ، تەلىم-تەربىيە،ئوقۇتۇش جەريانىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئىلھاملاندۇرۇش شەكلى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئىپادىسىگە نىسبەتەن بىۋاستە، تولۇق ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە تەقدىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ خىل تەقدىرلەش پەقەت ئۈگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ئىددىيىۋى پەزىلەت، تەنتەربىيە چىنىقىش، سەنئەت ئالاھىدىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
2. ۋاستىلىك ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى
بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسى، بولۇپمۇ خاراكتىرى، ھەۋىسى قاتارلىقلار خلمۇ-خىل بولىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار تاشقى مايىللىق خاراكتىرىدە بولۇپ ، ئىنىق مەيدانىدا، كۆپچىلىك ئالدىدا ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىچكى مايىللققا ئىگە بولۇپ ، يوشۇرۇنچە ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار خاراكتىرىنى تولۇق چۈشەنگەن ئاساستا ، ئۇلارغا ئەڭ ياخشىسى ، بۇ خىل ئىلھاملاندۇرۇش شەكلىنى باشقا مۇئەللىملەر، ئائىلە باشلىقلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى دوسىتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسىمۇ بولىدۇ.
3. ئىلھاملاندۇرۇشتا پەيىتنى چىڭ تۇتۇش ئۇسۇلى
پىسخولوگىيە تەجرىبىللىرى بىر ئادەمنىڭ بىر قىتىملىق مۇۋەپپىقىيەت خۇشاللىقى ۋە ھوزۇرىنى ھىس قىلىش سانسىز مۇۋەپپىقىيەتلەر ئۈچۈن ئىزدىنىش ئىرادىسى ۋە كۈچنى قوزغاپ ئىشەنىچ بىلەن ئالغا بىسىش ئىرادىسىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرلىرى كۈنسىرى دىگۈدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش، تۇرمۇشى بىلەن بىللەبولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىكى نۇرغۇن ياخشى تەرەپلەرگە دائىم يولۇقۇپ تۇرىدۇ.
4. كۆيىنىش ئۇسۇلى
مەملىكىتىمىزنىڭ يىقىنقى زاماندىكى پىداگوگى شىياگەيزۇنى :«تەلىم-تەربىيەدە مىھرى مۇھەببەت بولمىسا خۇددى كۆلچەكتە سۇ بولمىغانغا ئوخشاپ قالىدۇ»دىگەن بىر ئۈلۈش قاتتىق تەلەپكە توققۇز ئۈلۈش ھىسىيات قوشۇلغاندىلا ، ئاندىن تەلەم-تەربىيەنىڭ شىرىن مىۋىسىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك.بۇ ئۇستازلارنىڭ يۇقۇرىقى سۆزى مۇھەببەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە ئالغا بىسىشىدىكى مەنبە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
5.ئۈمىد كۈتۈش ئۇسۇلى
ئۈمۈد كۈتۈش-ئەسلىدىنلا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىر خىل مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئىشىنىش بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ئىددىيە، ئۈگىنىش،تۇرمۇشتا تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلىتىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ .ئەمەلىي قوللىنىشتا ،ئۇتىل بىلەن ئۈمىد كۆتۈش ۋە ئۈنسىز ئۇمىد كۈتۈشىتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. تىل ئارقىلىق ئۇمىد كۈتۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ ، ئۇنىڭغا رىئال ئەھمىيىتى بۇلغان نىشان ۋە ئىزدىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولۇپ ، بۇئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئۈمىد كۈتۈش شەكلى . لىكىن ، ئۈنسىز ئۇمىد كۇتۇشكە كۆپ ھاللاردا سەل قارىلىدۇ .ئۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىسيات ئالماشتۇرشى ۋە قەلبىنىڭ ئۇچرىشىشىغا مۇھتاج .
6.باھالاش ئۇسۇلى :
تەلىم-تەربىيە ئوقۇتۇش جەريانىدا بىز دائىم باھا سۆزى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى باھالاپ ، ياخشى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈنىمىگە ئىرىشىمىز .باھا سۆزىنىڭ شەكلى خىلمۇ-خىل بولىدۇ .مەسلەن :تاپشۇرۇق باھا سۆزى ،ئىمتىاھان قەغىزىگە يىزىلغان باھا سۆزى ،باسقۇچلۇق باھا ،خۇلاسە خاراكتىرلىك باھا سۆزى يىزىش قاتارلىقلار .باھا سۆزىنىڭ مەزمۇنىمۇ كۆپ تەرەپلىمە بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ،تەنتەربىيە ئەمگەك ، كىشىلىك تۇرمۇش قاتارلىقلارغا چىتىلىدۇ.
7.كەڭ قورساق بولۇش ئۇسۇلى
ئاتاقلىق پىداگوگ سۇخۇ مىلىنسكىسى :«بەزىدە كەڭ قورساقلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەخلاقى تەۋرىنىش جازالاشقا قارىغاندىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ»دىگەن بۇ، كەڭ قورساقلىق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، تەربىيە مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلىقى سىنىپتىكى ئادەتتىكىچە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا مۇۋاپىق كىلىدۇ.
8.ئۈلگە كۆرسىتىش ئۇسۇلى
ئۈلگىنىڭ كۈچ قۇدرىتى چەكسىز بولۇپ، ياش ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن زور تەسىرلەندۈرۈش ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە.ئۈلگىلەر، ئادەم، ۋەقەلىك، ۋاقىت ئورۇننىڭ ياخشى بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.
ۋاقىت جەھەتتىن ئىيىتقاندا، قىسقا مەزگىللىك ، ئۇزۇن مەزگىللىك ھەتتا ئومومىيۈزلۈك ئۈلگىلەر بولىدۇ.ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئىيىتقاندا ئۈلگىلەر-ساۋاقداشلىرى، دوسلىرى، ئاتا-ئانىسى ،ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ،قەھرىمانلار داھىيلار بولسىمۇ بولىدۇ.مەزمۇنىدىن ئيىتقاندا ،ئىددىيە ،تۇرمۇش، ئۈگۈنۈش، سەنئەت ،تەنتەربىيە قاتارلىقلارغا چىتىلىدۇ. كۆلىمى جەھەتتىن ئىيىتقاندا كىچىك تەرەپتىن ئائىلە، مەكتەپ، چوڭ تەرەپتىن دۆلەت، دۇنياغىچە يىتىپ بارىدۇ.تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش جەريانىدا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى ئۈلگە تىكلىشىگە ياردەم بىرىشىمىز، ھەم سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىشىگە ياردەم بىرىشىمىز كېرەك.
9.باسقۇچلۇق خۇلاسە ئۇسۇلى
بۇ،ئايرىم خۇلاسە ۋە كوللىكتىپ خۇلاسە دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.ئايرىم خۇلاسە ساۋاقداشلارغا قارىتىلغان سۆھبەت ئىلىپ بىرىشنى كۆرسىتىدۇ.كوللىكتىپ خۇلاسە بولسا،سىنىپ يىغىنى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق پۈتۈن سىنىپقا ياكى بىر قىتىم ساۋاقداشلارغا بىرىلىدىغان ئومۇمىي باھانى كۆرسىتىدۇ.خۇلاسلىگەندە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانىي گۈزەللىك ئەمگەك قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىپادىسىنى ئاساسلىق تەھلېل قىلىش كېرەك.
ئامىرىكىلىق نىرۋا ئاناتوۋىيە پىروفىسورى مارىئان دارمون :«ئىلھاملاندۇرۇش ئامىللىرىغا باي بولغان مۇھىتتا ئادەمنىڭ مىڭىسى تىخىمۇ ياخشى يىتىلىدۇ .ئۇنداق بولمايدىكەن ،ئەكىس يۆلىنىش بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ »دەپ كۆرسەتكەن .
ئەمەلىي ئىسپاتىدىكى ،بىر ھاياقانغا تولغان سۆز ،بىر جۈملە ئىللىق ماختاش ،چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان سۆھبەت ،ئۈمۈدكە تولغان كۆز نۇرى .....قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا بىسىش ئىشەنچى ۋە ئۈەىنىش قىزغىنىلىقىنى ئۇرغۇتۇپ ،تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرۈتكە بولىدۇ .مانا بۇ،تەربىيلىگۈچىلەر يەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى چەك .
دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسلىقى ‹‹ سوئال سوراش ، جاۋاپ بىرىش ›› شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ . سوئال سورىغۇچى بىلەن جاۋاپ بەرگۈچىنىڭ رولى ۋە ئىلگىرى-كىيىنلىك تەرتىپىگە ئاساسەن دەرسخانىدىكى سوئال سۇراش شەكلى ‹‹ ئوقۇتقۇچى سوراش ، ئوقۇغۇچى جاۋاپ بىرىش ›› ، ‹‹ ئوقۇغۇچى سوراش ، ئوقۇتقۇچى جاۋاپ بىرىش ›› ، ‹‹ئوقۇغۇچى سوراش ، ئوقۇغۇچى جاۋاپ بىرىش ›› تىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ . تۆۋەندە دەرسخانىدا سوئال سوراشقا دائىر ئۈچ خىل شەكىل ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل يۈرگۈزىمىز .
1. ‹‹ ئوقۇتقۇچى سوراش ، ئوقۇغۇچى جاۋاپ بىرىش ›› شەكلى
ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئوقۇتۇشنى تەشكىللىگۈچى ۋە يولغا قويغۇچى بولۇپ ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەلىم - تەربىيە ئەمىلىيىتىدە بۇ خىل شەكىل ئاساسىي ئورۇندا تۇرسىمۇ ، ئۇنىڭ يىتەرسىزلىكى ئاشكارا بولىۋاتىدۇ . مەسلەن ، ئوقۇتقۇچى سوئال سوراشنىلا مەقسەت قىلىپ ، سوئالنىڭ سۈپتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى تىگىشلىك ئىلھامغا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ . ئۈنۈمسىز سوئاللار دەرسخانىنى قاپلاپ كىتىۋاتىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار سورىغان سوئالنىڭ كۆپ قىسمى پاكىتنى ئەسلەش، توغرا- خاتالىققا ھۆكۈم قىلىشقا ئوخشاش تۆۋەن سەۋىيىلىك مەسلىلەر بولغان ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ، تەپەككۇر قىممىتى بولمىغان بۇنداق تەكرار سوئاللار ئاقىۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر پەزىلىتىنى چىكىندۈرۈپ ، تەشەببۇسكار رەۋىشتە يىتىلىشگە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ .
ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا سوئال سوراشنىڭ مۇنداق بىر قانچە خىل رولى بار .
‹1› ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن ۋە ئىگىلىەپ بولالمىغان مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش
‹2› ئوقۇغۇچىلاردا تەنقىد قىلىش ۋە ئىجابى تەپەككۇر قىلش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش
‹3› ئۆگەنگەن مەزمۇن ۋە ماتىرىياللارنى ئەسلەش پۇرسىتى يارىتىش
‹4› ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار بىلەن تونۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش .
‹5› ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈش
‹6› ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش
‹7› ئوقۇغۇچىلاردا ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈش
‹8› ئۆگىنىشنى قىزىقارلىق تۈسكە ئىگە قىلىش
‹9› ئوقۇغۇچىلارنى مۇھاكىمىگە قاتناشتۇرۇش
‹10› ئوقۇغۇچىلارغا سۇئال سۇراش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش .
2. ‹‹ ئوقۇغۇچى سوراش ، ئوقۇتقۇچى جاۋاپ بىرىش ›› شەكلى
مائارىپ قارىشى ۋە ئىدىيىسىنىڭ يىتەكلىشىگە ئەگىشىپ ، كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سورىشى ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ھەۋىسى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى پەيدىنپەي ھېس قىلىۋاتىدۇ . يېڭى بىر نۆۋەتلىك دەرس ئىسلاھاتىدا ‹‹ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسسىپ ئۆگىنىش ، ئۆلۈك يادلىشى ، مىخانىك مەشىق قىلىشىنى زىيادە تەكىتلەش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ›› نىشان قىلىندى .
20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 60 - يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى سوئال سوراش يولى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى؛ 70-يىللارنىڭ كىيىنكى مەزگىلىدىن 80- يىللارغىچە تەتقىقاتچىلار ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل سوئال سوراشقا يىتەكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى . ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش ، دەرسلىكىنى ئاساس قىلىش- ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش ئاساسىدىكى تەتقىقات داۋامىدا بىز مائارىپ ئىدىيىسى ۋە مائارىپ پەلسەپىسى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى ئىنىق ھېس قىلدۇق . ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سورىشىنىڭ زۆرۈرلىكى بارغانسىرى ئىتىبارغا ئېلىنىۋاتىدۇ . ئەمما ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سورىشىغا يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرىلمەيۋاتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ قېلىش ھەمدە ئوقۇتۇش پىلانىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا سوئال سورىشىغا تىگىشلىك ئىمكانىيەت قالدۇرمايۋاتىدۇ .
ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سوراش نۇرغۇن توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ . كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سورىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ ، ئوقۇغۇچىلارنى سوئال سوراشقا ئىنتىلدۈرۈشتە مۇناسىپ ۋاستە كەمچىل بولىۋاتىدۇ .
3. ‹‹ ئوقۇغۇچىلار سوئال سوراش ، ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىش ›› شەكلى
تەپەككۇرنى ئۇرغىتىش نوقتىسىدىن قارىغاندا ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز - ئارا سوئال سورىشى ئەڭ چوڭ قىممەتكە ئىگە ، ئوقۇغۇچىلار مەسلىنى ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىش ھوقۇقىنى ئوقۇغۇچىلارغا مەنسۇپ قىلغىلى بولىدۇ . ئوقۇغۇچىلار ئۆز - ئارا سوئال سوراش داۋامىدا ئوقۇتقۇچى تەشكىللىگۈچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، دەرسخانىدىكى ئۆگىنىش جەريانىنى نازارەت قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگىلا يىتەكچىلىك قىلىپلا قالماي ، تەپەككۇرىغىمۇ يىتەكچىلىك قىلىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇرىنى بىرلەشتۈرىشىگە يول كۆرسىتىشى ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەسلىلەرنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويۇش لازىم .
دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سوراپ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .
‹1› ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ ، سوبىيىكتىپ تىرىشچانلىقىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ . ئوقۇغۇچىلار سوئالنى ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويسا ، ئاندىن ئۆزلىرى بىرلىكتە تالاش - تارتىش مۇزاكىرە قىلىپ ، ئاخىرىدا توغرا جاۋاپ ( نەتىجە ) قا ئىرىشەلەيدۇ .شۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشتىكى خوجايىنلىق ئورنىنى تولۇق ھىس قىلالايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغىغىلى بولىدۇ . ئۇلار ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ھەم خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنەلەيدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇشنىڭ دىمۇكراتىك بولۇش ئىدىيىسىنى تولۇق ئەمىلىلەشتۈرگىلى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغىلى بولىدۇ .
‹2› ئوقۇغۇچىلاردا چوڭقۇرلاپ ئويلىنىش، پۇختا تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سورىشىنىڭ ئۆزى بىر ئۆگىنىش جەريانى بولىدۇ . مۇبادا بىر مەسلە ياكى سوئالنىڭ سالمىقى ئېغىرراق بولسا ھەم جىددى ئوتتۇرىغا قويۇلسا ، ئۇ ھالدا بۇ مەسلە ياكى دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولىدۇ . بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا ئەتىراپلىق تەپەككۇر قىلىشقا ۋە تەھلىل قىلىشقا ئىتىبار بىرىدۇ . ئىنىق بولمىغان نۇقتىلار ئۈسىتىدە سوئال سورايدۇ . شۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار ھەم چوڭقۇرلارپ ئۆگىنەلەيدۇ ھەم پۇختا بىلىپ ، چۈشىنىپ ئۆگىنەلەيدۇ . شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى سوئال سوراپ ئۆگنىشكە ئادەتلەندۈرۈش ، ئۇلاردا چوڭقۇرلاپ ئويلىنىش ، پۇختا تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە بولىدۇ .
‹3› ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ . ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار سورىغان ياكى ئوتتۇرىغا قويغان مەسلە كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىۋاستە كۆزىتىش ۋە ئەمىليەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى بولىدۇ . ئوقۇغۇچىلار سوئال سوراش ياكى مەسىلىنى قويۇش ئارقىلىق بۇ مەسلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندا ھېسسىي بىلىش ئىدراكى بىلىشكە ئۆتىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ ، نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ - دە ، ئۇلارنىڭ مەسلىلەرنى كۈزىتىش ، ھەل قىلىش ئىقتىدارىمۇ تەدرىجىي يىتىلىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش دائىرىسى بويىچە مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ياكى سوئال سورايدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكىمۇ پايدىلىق . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ .
‹4› ئۆگەنگەن بىلىمنى پۇختا ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ . ئوقۇغۇچى سورايدىغان سوئالنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ ئاندىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ . شۇڭا ئۇلار سوراپ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالسا ، بىلىمنىڭ باش - ئاخىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالالايدۇ . ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالىدۇ - دە ، ئەستە ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ . نەتىجىدە بىلىمنى ئىنىق ، پۇختا قىلىپ ئەستە ساقلىيالايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىمۇ كۆپىيىدۇ .
‹5› ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنى قايتما ئىنكاس ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئال ياكى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە بىلىۋېلىشى قىيىنراق بولۇۋاتقان نۇقتىلار بولىدۇ . ئوقۇغۇچى سوئال سورىغاندىن كىيىن ، ئوقۇتقۇچى ئەمىلى ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇشنى تەڭشەيدۇ ، تەشكىللەيدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغاندا ئوقۇتۇشنىڭ قاراتمىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ . دەرىخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ .
Ⅱئوقۇغۇچىلارغا سوئال سوراش ۋاقتى ئاجرىت
历史上的今天: