• 2010-07-21

    دەرسخانا ئوقۇتىشىدىكى بىر قانچە ئىنچىكە ھالقا ئۈستىدە تەھلىل - [تەسىرات]

    مەن دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتىشىدىكى بىر قىسىم ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلدىم. گەرچە ئۇششاق مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىۋاتقان مەزمۇنى كىچىك ئەمەس. ئىشلاردا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئۇنى چوقۇم ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە ئىشلەش كىرەك. دەرسىخانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. تۆۋەندىكى يازمىللىرىمدا دەرسخانا ئوقۇتىشىدىكى بىر قانچە ئىنچىكە ھالقىلارنى بايان قىلىمەن ۋە تەھلىل ئىلىپ بارىمەن، ناتوغرا يەرلەر بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىي پىكىر بىرىشىنى سورايمەن.

    1. «بۇ سۇئالنى ياخشى سورىدىڭىز، مەن ھازىر جاۋاب بىرەلمەيمەن»

    «بۇ سۇئالنى ياخشى سورىدىڭىز، مەن ھازىر جاۋاب بىرەلمەيمەن، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى»، بۇ خىل جاۋاب بىرىش نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئوڭايسىزلىقتىن ئاسان قۇتۇلۇشتىكى «خاسىيەتلىك دورا» غا ئايلىنىپ قالدى. مىنىڭچە مەسىلىلەرگە بۇنداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

    دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئوقۇغۇچىلارغا يۆتكەلدى، شۇنىڭ بىلەن دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار جانلىنىپ. دەرسخانىلىرىمىز باشقىچە بىر تۈس ئالدى. يېڭى دەرسخانىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەرنى، سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويىشى تۇرغانلا گەپ. ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى، سۇئاللارنى سورىشى ئادەتتە ئۇنىڭ تەپەككۈرىنىڭ ناھايىتى جانلىنىش ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى، دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قانىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي خىياللىرىدا پەيدا بولغان مەسىلىلەر كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، بەزىدە ئوقۇتقۇچىلارنى شۇ ھامان جاۋاب بىرىشتە قىيناپ قويىشى مۈمكىن.

    ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار سورىغان قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالماي قىيلىنىپ قالغاندا، «بۇ سۇئالنى ياخشى سورىدىڭىز، مەن ھازىر جاۋاب بىرەلمەيمەن، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى» دەپ ھەل قىلىشى ئوقۇغۇچىلردىن كەلگەن بىسىمنى ئازايتىپ، مەسىلىنى دەرستىن كىيىن ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

    1. ئوقۇغۇچىلار سۇرىغان سۇئاللارغا ئوقۇتقۇچىنىڭ جاۋاب بىرىشىلا شەرت ئەمەس، ساۋاقداشلارمۇ سۇئاللارغا جاۋاب بەرسە بولىۋىرىدۇ. ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئوقۇغۇچىلارغا يۆتكەلگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىشى، جاۋاب بىرىشى كىرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەم مەسىلە سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچى بولىشى كىرەك.

    2. ئوقۇغۇچىلار سورىغان سۇئاللارغا قارىتا ئوقۇتقۇچى جاۋاب بىرىشتە قىينالسا، باشقا ئۇسۇللار بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىش كىرەك. يەنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە، شارائىتى، بىلىم تەجىرىبىسى، كۆز قاراشلىرى تامامەن بىردەك بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەر بىر ئوقوغۇچىدا ئوخشاش بولمىغان قاراش مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار سورىغان سۇئال، مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئ.ۆز ئالدىغا تارتىۋالماستىن، ئۆزى جاۋاب بىرىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلارنى جاۋاب بىرىشكە قوزغىتىش كىرەك.

    3. ئوقۇغۇچىلار سورىغان سۇئال، مەسىلىلەرگە ئوقۇتقۇچى داۋاملىق بۇخىل ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرىۋىرىشكىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇزۇنغىچە بۇنداق بولىۋەرسە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يىتىپ قىلىشى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىنى قىيناپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرىپ قويىمىز دەپ ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە سۇئال سوراپ تۇرىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بىرىشى مۈمكىن. شۇڭا مەسىلەرنى ھەل قىلغاندا ھەل قىلىشننىڭ كۆپ خىل يوللىرى ئۈستىدا ئويلىنىش، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ئارقا كۆرنىشى، مەيدانى، چىقىش نوقتىسى، سەۋەبى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، كىيىنكى ئوقۇتۇش بايلىقى  سۈپىتىدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كىرەك.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئال سورىشى ناھايىتى ياخشى ئىش. بىر مۇتەخەسىسنىڭ ئىيتىشىچە، ئوقۇغۇچىنىڭ بىر سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويالىشى شۇ مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن مۇھىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا سۇئال سورىشى بىزنىڭ ئىلھام بىرىشىمىز ۋە تەقدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىش. ئوقۇغۇچى سۇئال، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرى تىرىشچانلىق كۆورسىتىپ شۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلساق بولىدۇ. بۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كىرەككى، سۇئاللار، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچى جاۋاب بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلاردىمۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش كىرەك.

    分享到: