-
2011-08-03
دۇلاڭكوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەجىرىبىسى ئۆگىنىش تەسىراتىم - [تەسىرات]
دۇلاڭكوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەجىرىبىسى ئۆگىنىش تەسىراتىم
يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 7-،8-كۈنلىرى سانجى شەھرىدە ئىلىپ بىرىلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكىپى ۋە جىياڭسۇدىكى ياڭسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس ئىسلاھاتىدىكى تەجىربىللىرىنى ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش يېغىنىغا قاتناشتىم. گەرچە پائالىيەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ھاسىلاتلارغا ئىرىشتىم. بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى سىچۈەن ئاساس مائارىپ مۇلازىمەت شىركىتى ئۈستىگە ئالغان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى تەشكىللىگەن، سانجى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ياردەملەشكەن بولۇپ، پائالىيەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ناھايىتى ئۈنۈملىك بولدى. بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1500 دەك ئوقوۇتقۇچى، مەكتەپ رەھبەرلىرى، مائارىپ ئىدارە رەھبەرلىرى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە ياڭسې ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ ۋە دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگىلىز تىلى، فىزىكا، خىمىيە، سىياسەت قاتارلىق يەتتە پەن ئوقۇتقۇچىللىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى كۈنى يەتتە پەن بويىچە بىر قانچە مەكتەپتە تەڭلا ۋاقىتتا يۇقارقى ئىككى مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگىلىك دەرس ئۆتتى، ئىككىنچى كۈنى ئىككى مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى ئۆزز مەكتىپىنىڭ دەرس ئىسلاھاتى ئىلىپ بىرىش جەريانىدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىربىللىرىنى لىكسىيە سۈپىدە سۆزلەپ بەردى. گەرچە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ، پائالىيەتكە قاتناشقانلار پائالىيەتكە باشتىن ئاخىرى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن قاتناشتى. تۆۋەندە بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىمنى ۆكپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ تەجىربىللىرىنى ئۆگىنىشتىن تەسىرات
دۇلاڭكۇۋ شەندوڭ ئۆلىكىسى لىياۋچىڭ شەھرى چىپىڭ ناھىيىسىدىكى بىر يېزا بازارغا جايلاشقان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دەرس ئىسلاھاتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مائارىپچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى دورىغچىلارمۇ، ئۇنىڭدىن گۇمانلانغۇچىلارمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنداقتىمۇ بارغانسىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مائارىپنىڭ بىزدە يېڭىلىق يارىتىش قارىشى بولىشىمىزغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، قاتمال ھالدا دورامچىلىق قىلىشنىڭ بىزنى ئەنئەنىۋىي مائارىپ ئازگىلىغا ئاپىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى تولۇق ھىس قىلىپ يەتتى.
بۇ مەكتەپنى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئورۇن ۋە شەخىسلەر زىيارەت قىلغان، گەرچە مەكتەپ زىيارەت قىلغۇچىلاردىن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 60 يۈەندىن كىرىش بىلىتى ئالسىمۇ، لىكىن ھازىرمۇ بۇ مەكتەپنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. ئۇلارنى ھەتتا ھەر قايسى ئۆلكە، رايۇنلار لىكسىيە سۆزلەپ بىرىش، ئۈلگە دەرس ئۆتۈپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ مەكتەپ زادى نىمە ئۈچۈن شۇنچىۋىلا ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ؟
سۈي چىشىڭ (مەكتەپ مۇدىرى) دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتىۋىگە 1997-يىلى مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى چىچىلاڭغۇ بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭمۇ ئۆگىنىشتىن بىزار بولۇش ئەھۋالى ناھايىتى ئىغىر ئىدى. 1998-يىلى بۇ مەكتەپتىن بىر سىنىپ ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ سىنىپ يېڭى قوبۇل قىلىنغاندا 60 نەپەر ئوقوغۇچى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغاندا سىنىپتا ئاران 11 نەپەر ئوقوغۇچى قالغان. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئۆزىلا سۆزلەپ «قۇيۇپ قويۇش» ئۇسۇلى بويىچە دەرس ئۆتكەن، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجىغا سەل قارىغان. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مۇدىرى سۈي چىشېڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى بۇ خىل قاتماللىقنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ بۆسۈش ئىغىزى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى ياقتۇرماسلىق، ئۆگەنسىمۇ چۈشىنەلمەسلىك مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىش قارارىغا كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1999-يىلى كۈز پەسلىدىن باشلاپ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، كەسپىي ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويىدۇ. يەنى ئوقوتقۇچىلارنىڭ دەرسنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزلەش، باشقىلارنىڭ تەييار ئوقۇتۇش لايىھىسىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە يول قويماسلىق، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەر ھەپتىدە بىر پارچىدىن ئۆگىنىش خاتىرىسى يېزىشنى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەر سائەتلىك دەرستە پائالىيەت ۋاقتىنىڭ 35 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەكتەپ رەھبەرلىرى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈلگە بولۇپ، باشقىلارنى ئەڭ ياخشى، كونكرېت، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە ئۈلگە بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. پەقەت مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا رەھبەر بولۇش سالاھىيىتى بولىدۇ. مۇكاپات، پاراۋانلىق قاتارلىقلارنى تەقسىملەشتە دەرسخانا ئۈنۈمىنى ئەڭ ئاساسلىق باھالاش مەزمۇنى قىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئاخىرى نەتىجە بىرىدۇ. 2005-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا، دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن 268 نەپەر ئوقوغۇچى شەھەرلىك نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىدۇ، نەتىجىدە 267 نەپەر ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىنكى 3 يىلدا دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى ناھىيە بويىچە ئالدىنقى 3- دەرىجە ئىچىگە كىرىدۇ.
ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، بۇ شۆبىسىزكى پۈتكۈل مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
جېڭ تەي شەرق مىھمانخانىسى چېپىڭ ناھىيىسىدىكى بىردىن بىر 4 يۇلتۇز دەرىجىلىك مىھمانخانا بولۇپ، باھار بايرىمىدىن 1-مايغىچە بۇ مىھمانخانا ھەر كۈنى 4-5 يۈز مىھمان كۈتىۋالىدۇ، ھەر ئايدا 10 نەچچە ئۆمەكنى كۈتىۋالىدۇ. بۇلار زادى كىملەر؟ دەل دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتەپىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەنلەر. مۇشۇ مەزگىللەردە بۇ مىھمانخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى دەل دۇلاڭكۇۋ مەكتىپى سەۋەپلىك 500 مىڭ يۈەن ئاشىدۇ. يېزىدىكى بىر قانچە مىھمان سارايغا چۈشكەن مىھمانلارمۇ دىگۈدەك مۇشۇ مەكتەپنى زىيارەت قىلىش كەلگەنلەر. يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپنىڭ كۈتىۋالغان زىيارەتچىللىرى 500 مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن.
بىر يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «غەلىتە» ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى بۇ مەكتەپنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئارقىلىق جايلارغا تارقىلىپ كەلمەكتە.
شۇنىڭغا ئەگىشىپ، مۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدىنمۇ گۇمانلىنىشلار بولدى. دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇقۇتۇش ئەندىزىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ماس كىلىدىكەن، لىكىن تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق بولار؟ دىگەن ئەندىشە بارلىققا كىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، چېپىڭ ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىيې جىنگۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دەيدۇ:
بۇ مەكتەپنىڭ ئىچىۋىتىلگەن دەرسخانا ئوقۇتۇشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى دەرسخانىغا قايتىپ قالسا ماسلىشالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، دەرسخانىدىكى پىكىر قىلىش قىزغىنلىقى، ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى ناھايىتى يۇقۇرى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، يىقىنقى بىر نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىمتىھان سۇئالى بارغانسىرى جانلىق چىقىۋاتىدۇ، دۇلاڭكۇۋ مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ يۇقۇرى. 2006-يىلى، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 80 نەپەر ئوقوغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ تولۇق كۇرۇسقا قوبۇل قىلىنغانلار 37 نەپەر بولۇپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۈرچە سەۋىيىسىدىن خىلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ.
نۇپوزلۇق مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ئوقۇتقۇچى بىلىم سۆزلەپ ئۈگەتكەندىن كىيىنكى 24 سائەت ئىچىدە، ئوقوغۇچىلادا شۇ بىلىمنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %5، ئوقوغۇچىلارنىڭ باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئۆگەنگەندىن كىيىنكى 24 سائەت ئىچىدە مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %50 بولىدىكەن.
سۈي چىشىڭ مۇنداق دەيدۇ: باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىزـ ئوقوتقۇچىلارنىڭ كەسىپلىشىشىنى ئىشقا ئاشرۇش، ئوغۇچىلارغا كۆپلەپ ئۆگىنىش ۋاقتى بىرىش، ئاخىرىدا پەنلەرنىڭ بىركىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ شادلىق ئىچىدە ئۆگىنىشى ھەقىقىي ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلغان مائارىپتۇر، ھەقىقىي ئادەم تەربىيلەيدىغان مائارىپتۇر. ئوقۇغۇچىلارنى شادلىق ئىچىدە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوقوغۇچىلارنى ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كىرەك. قاتتىق كونتۇرۇل قىلىنغان، مەجبۇرلانغان دەرسخانىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ شادلىققا ئىرىشىى مۈمكىن ئەمەس. «ئوقۇتقۇچىنى مەركەز قىلغان دەرسخانا» دا ئوقۇتقۇچى دەرسنى قانچىلىك قالتىس سۆزلەپ كەتسۇن، ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن يىراقلاشقان ھەمدە ئوقوغۇچىلارغا سەل قارىغانلىقتىن، ئۇنى ياخشى دەرس دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى تايىنىۋىلىش دەيمىز.
بۇ مەكتەپ «0 نۇمۇرلۇق دەرسخانا» تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئۇنداق بولسا «0 نۇمۇرلۇق دەرسخانا» دىگەن نىمە؟
بىر كۈنى مەكتەپ مۇدىرى سۈي چىشىڭ بىر سىنىپقا دەرس ئاڭلىغىلى كىرىدۇ، دەرس ئۆتىۋاتقان مۇئەللىم بىر قىيىن نوقتىنى سۆزلەۋاتقان بولۇپ، مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس سۆزلەش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئىشىپمۇ كەتمىگەن، لىكىن مەكتەپ مۇدىرى دەرسنى شۇ يەردە توختاتقۇزۇپ، بۇ مەسىلىنى قايسىڭلار ئۇقۇسىلەر؟ دەپ ئوقوغۇچىلاردىن سورىغاندا، 11 نەپەر ئوقوغۇچى قول كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مۇدىرى شۇ كۈنى قاتتىق خاپا بولىدۇ، دەرس باھالاش جەدىۋىلىگە بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرىسىدە 11 نەپەر ئوقوغۇچى بىلىدىغان مەسىلىنى مۇئەللىم يەنە ئۆزى سۆزلەپ چۈشەندۈردى، ئۇ ئوقوغۇچىلار بىلەن ۋاقىت تالاشتى، ئوقوغۇچىلارغا دەخلى قىلدى، ئۆزىنىڭ تەپەككۈرىنى ۋە جاسارىتىنى چىنىقتۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارغا سەل قارىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن 0 نۇمۇر قويدۇم دەپ يازىدۇ. نىمە ئۈچۈن 0 نۇمۇر قويىدۇ؟ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قارىشىچە سىنىپتا بىر ئوقوغۇچى بىلىدىغان مەزمۇن بولىدىكەن، ئۇنى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىشىگە يول قويۇلمايدۇ، مانا بۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپى.
ئوقۇتقۇچىدىكى ئەڭ چوڭ قايغۇلۇق ئىش ئوقوغۇچىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىۋىلىش، ئوقوغۇچىلاردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە باشقىلارغا تايىنىۋىلىشتىن ئىبارەت. دەرسخانىدا بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىمىز ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى ناھايىتى قالتىس سۆزلىۋىتىشى ئەمەس بەلكى ئوقوغۇچىنىڭ دەرسنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەنگەن ياكى ئۆگەنمىگەنلىكى. ئوقۇتقۇچى 5 مىنۇت سۆزلىگەن مەزمۇننى ئوقوغۇچىلار بەلكىم 40 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىغاندىلا ھەل قىلالىشى مۈمكىن، لىكىن، ئوقوغۇچى ئەگەر ئۇ بىلىمنى ھەزىم قىلالايدىكەن، ئۇ بىلىم ئىگىلەپلا قالماستىن، ئەقلى ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ، مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلالايدۇ. دەيدۇ مەكتەپ مۇدىرى سۇيچىشېڭ.
ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىشىكتىن كىرىشتىكى زالىدا، ئىكراندا ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلەرگە بولغان باھاسى ئىكراندا كۆرىنىپ تۇرىدۇ، ئەتىراپتىكى بىر نەچچە دوسكىغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن دەرىسىگە بولغان باھاسى يېزىلغان.
دۇلاڭكوۋ ئوتتۇرا مەكتىپى دەرس ئىسلاھاتىنى ئىلىپ بارغاندىن كىيىن، ئوقۇتۇش قارشىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەم تەربىيلەش ۋاستىللىرىنى كۈچەيتىپ، ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ھاياتلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، دەرسخانىلاردا جۇشقۇن كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ئوقوغۇچىلار ئۆگىنىشتىن ئازاتلىققا ئىرىشىپ، خۇشال-خوراملىق ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىپ، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تونۇپ يەتكەن. مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنى بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تەڭ تەرەققىي قىلغان، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتتىن ساغلام بولغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئاساس سالغان. مەكتەپ باشتىن ئاخىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ بارىلىق تەرەققىيات ئەھۋالىغا، غۇرۇرىغا، غايە ۋە ئىنتىلىشىگە، كىشىلىك قەدىر قىممىتىگە، ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرگەن. مەكتەپ ئۇدا «كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەشتىكى ئىلغار ئورۇن»، «شەھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئورۇن»، «شەھەر دەرىجىىلك ئوقۇتۇش ئىلمىي تەتقىقاتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن»، «شەھەر دەرىجىلىىك قىلىپلاشقان مەكتەپ» دىگەندەك شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندوڭ ئۆلكىسى لىياۋچېڭ شەھرى ئىچى ۋە سىرتىدىن بۇ مەكتەپكە زىيارەتكە كىلىدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بارماقتا. نىمە ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە تەجىرىبە ئۆگىنىش ئۈچۈن كىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ؟ بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ دەل دۇلاڭكۇۋ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى مەملىكىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان، ئۆزىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ يول ئىچىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان يېزا مائارىپى ئىسلاھاتىدىكى تىپلارنىڭ بىرىدۇر.
1. دۇلاڭكۇۋ مەكتىپىنىڭ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئارقا كۆرنىشى
بۇ مەكتەپ ئىلگىرى ئوقۇتۇش ۋە تەلىم تەربىيە خىزمىتىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مەكتەپلەر قاتارىدا ناچار مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەسىلە كۆپ مەكتەپ دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىكەن.
يېڭى مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى مەكتەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلغاندا مۇنىلارنى بايقىغان:
1) ئۈچ يىللىقتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكى نۇرمال ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە يىتىشەلمىگەن، ئوقۇتقۇچى دەرسىنى سۆزلەرۋەرگەن، ئوقوغۇچىلار بىىلىمنى پاسسىپ ھالدا قوبۇل قىلىپ ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئوقوغۇچىلار ئوقۇشتىن بىزار بولۇپ، نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى سەۋەپلىك ئوقۇشتىن قىچىش، مەكتەپكە كەلگىلى ئۇنىماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىققان. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇتىشىغىلا ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سەل قارىغان. بىلىم يەتكۈزۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشكە سەل قارىغان. دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ئاساسلىق رولچى بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىشىغا سەل قارالغان.
2) ئوقۇتقۇچى ھەممە ئوقوغۇچىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقوغۇچىلارنى بىلىم قاچىلايدىغان توڭ دەپ قاراپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا سەل قاراپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر تۇتاش تەلەپ بۇيرۇقلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇتقۇچى قانداق قىل دىسە ئوقوغۇچى چوقۇم شۇنداق قىلىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ پەرەقلىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يول قويماسلىق تەلەپ قىلىنىپ، دەرسخانا ئوقوغۇچىنىڭ ئەمەس بەلكى ئوقوتقۇچىنىڭ دەرسخانىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
3) ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنى بەك ئۈستۈن تۇتۇپ، ئوقوغۇچىلار كۆندۈرۈلگەن «يۇۋاش قوي» غا ئايلىنىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىشىگە يول قويۇلمىغان، دەرسخانىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئىغىر توسقۇنلۇققا ئۇچىرىغان.
4) ئوقۇتۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، ئوقوغۇچىلار دەرسخانىدا تولۇق بولمىغان، پاچە پۇرات، يىپىق ھالەتتىكى قاتمال بىلىملەرنىلا ئۆگەنگەن. ئوقۇتۇش ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن ئايرىلغاندا، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ساقلىنىپ قالغان بىلىملا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقى بىلىمى بولىدىكەن. ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلار بۇنداق پاسسىپ ھالاتتە ئۆگەنگەن بىلىم، ئۇلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مىڭىسىدە زادى قانچىلىك ساقلىنىپ قالىدۇ؟
بۇنداق پاسسىپ ئۆگىنىش مۇھىتىدا ئۆگەنگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشىشى ناھايىتى تەس، يېڭىلىق يارىتىش دىگەنلەردىن ئىغىز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس. بۇنىڭ دەلىلى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ خىلى بىر قىسىمى ساۋاتسىز. شۇنىڭ بىلەن يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسى قانداق قىىش كىرەك؟ دىگەن مەسىلىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش نەزىرىيىسىنى ئۆگىنىش كىرەك دىگەن قارارنى چىقارغان.
2. ئوقۇتۇش قارىشىنىڭ ئۆزگۈرىشى
1) ئىلغار ئوقۇتۇش قارىشىنى ئۆگىنىشتە، ئىلغاش، تەھلىل قىلىش، يغىنچاقلاش ئارقىلىق، «مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆگىنىش»، «ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش»، «نىشانلىق ئوقۇتۇش» قاتارلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش قارىشىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ كىيىنكى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى قىلىپ بىكىتكەن.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىنى پىلانلىغۇچى، لايىھىلىگۈچى، ھەمكارلاشقۇچى بولۇپ، ئوقوغۇچىلار پۈتكۈل ئوقۇتۇش جەرياىنىدىكى ئاساسلىق رولچى. ئوگۈنىش قىلىشنى بىلىش مەخسۇس بىلىم ئىگىلەشتىن مۇھىم. ئۆگىنىش قىلىشنى بىلىشتە، ئەڭ مۇھىمى ئوقوغۇچى مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇشنى، سۇئال سوراشنى بىلىشى كىرەك. پەقەت مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىلا ئاندىن ئۇنى تەھلىل قىلغىلى ۋە ئۇنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر كەشپىياتنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن باشلىنىدۇ. شۇڭا مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ «مەسىلە بايقاش ۋە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارى» نى يىتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىەت بەرگەن، ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا، ھەتتا خاتا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھاملاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە جەريانىغا، ئوقوغۇچىلارنىڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن بىلىمگە ئىرىشىدىغانلىقىغا، يەنى بىلىمنى ئۆلۈك يادىلاپ ئۆگەندىمۇ؟ ياكى كۆپ مىقداردا مەشىق ئىشلەپ ئۆگەندىمۇ؟ۋە ياكى بىلىمنى ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىپ، بايقاپ، مەسىلە ھەل قىلىش جەريانىدا ئۆگەندىمۇ؟ دىگەنلەرگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئوقوغۇچىلارنى بىلىمنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆگەنسە ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىدىكى جاۋابىغا قارىغاندىمۇ نەتىجە ئوخشاش. ئەمما، ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئىرىشىش جەريانى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى بىلىمگە ئىرىشىشى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
2) مەكتەپتە كەسپىي مۇھاكىمە مۇنبىرى تەسىس قىلغان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن بۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ مەكتەپنى ئاساس قىلغان ئوقوتۇش تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىلغان. بۇ پائالىيەتتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىچى ھەم تەربىيلەنگۈچى بولىشى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ھازىرغا قەدەر «دەرس ئايان قىلىش»، «مەندىكى تەرەققىيات»، «ياڭسې ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئۆگىنىشتىن تەسىرات» قاتارلىق ھەر خىل تىمىلاردا مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلغان. ئوقۇتۇش مۇھاكىمە مۇنبىرى مەكتەپنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، باشقىلاردىن ئۆگىنىدىغان پۇرسەت يارىتىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىدە ياخشى رول ئوينىغان.