• 2009-06-26

    ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى قانداق ئۆزگۈرىدۇ؟ - [ئوقوتۇش سەنئىتى]

    يىڭى دەرسنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كۆرۈنۈشتە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، قىيىنلاشتى دىيىشكە بولىدۇ . يىڭى دەرسنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قويغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .

    ئوقۇتقۇچى يىڭى دەرسنى ئاچقۇچى ھەم قۇرغۇچى بولىدۇ .شۇڭا ھەر خىل دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىشقا ماھىر بولىشى كىرەك .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان دەرس بايلىقى ھىساپلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىكى دەرس بايلىقلىرىنى ئېچىش  ، ئۇنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم  . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى پۈتۈنلەي چۈشۈنۈپ كىتەلىشى ناتايىن ، شۇنداقلا ، ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنى پۈتۈنلەي  قاپلاپ كىتەلمەيدۇ . شۇڭلاشقا ئوقۇغۇچىلارغا پۇرسەتنى كۆپرەك بېرىش لازىم .ئوقۇتقۇچى پەقەت قانۇنىيەتلىك ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئىگىلەپ ، ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى تەڭشىيەلىسىلا ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ ماسلاشتۇرالايدۇ .

    يېڭى دەرس تەشەببۇس قىلغان خوجايىنلىق بىلەن ئۆگىنىش ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش قاتارلىق ئۆگىنىش شەكىللىرىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ .

    ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى  تەشكىللىگۈچى ، يىتەكلىگۈچى ، ھەمكارلاشقۇچى ، باھالىغۇچى بولۇپ ئۆزگۈرىدۇ  .

     ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى تەشكىللەش ، يىتەكلەش ئۇسۇلىغا قارىتا  تەخىمۇ يۇقىرى كەسپى تەلەپ قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ . لىكىن بۇ دىگەنلىك ، ئوقۇتقۇچىلار ھەممىگە قادىر بولۇپ ، بارلىق بىلىملەرنى ئىگىلەپ ، بارلىق ماتىرىياللارنى ھازىرلاپ بولغاندا ، ئاندىن يىڭى دەرسنى ئۆتەلەيدۇ دىگەنلىك ئەمەس . يىڭى دەرستە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا كەڭرى سورۇن ھازىرلانغان بولۇپ ،  ئوقۇتقۇچىلار پايدىلنالايدىغان دەرس بايلىقلىرى ناھايىتى كۆپ .

    分享到: