ئىلگىرى بېيجىڭدا جاڭ فامىلىلىك موماينىڭ يولدا كېتىۋېتىپ پۇتىنى قايرىۋېلىپ پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېزدىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكى براۋن خانىمنىڭ ئوخشاش بىر ۋەقەدە يول ياساش تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ نەچچە يۈزمىڭ دوللار تۆلەم تۆلەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ كۈن ئالمىنىڭ بېشىغا كەپتۇ. CBS New York ئاخباراتىدا 83 ياشلىق ئېۋىلىن پازۋول Evelyn Paswall ئىسىملىك بىر موماي ئالدىنقى ھەپتە يەكشەنبە كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ ئالما دۇكىنىنىڭ ئەينەك تېمىغا ئۇقۇشماستىن ئۈسىۋېلىپ بۇرۇنى يارىلاندۇرىۋالغان. بۇ سەۋەبلىك موماي سوتقا ئەرز قىلىپ 75 مىڭ دوللار داۋالاش تۆلىمى، ئۇنىڭدىن سىرت ئالما شىركىتنىڭ بۇ «قىلمىشى» سەۋەبلىك 1 مىليون دوللارغا يېقىن جەرىمانە تەلەپ قىلىپتۇ. ئېۋىلىن موماينىڭ سوقۇلغان ئالما دۇككىنى نىيۇ-يورك مانخاسسېتتىكى سېتىش دۇككىنى بولۇپ، سكوتتىسدال Scottsdale شتاتىدىكىگە ئوخشاش، بۇ دۇككاننىڭ ئالدى تەرەپ تېمى پۈتۈنلەي ئەينەكتىن ياسالغان ئىكەن. ئېۋىلىن دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر قەۋەت ئەينەك تامنىڭ بارلىقىنى پەرق قىلالماپتۇ. ئالما شىركىتى مۇشۇ خىل ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رەسىمدىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنى چاپلىغان ئىكەن. ئېۋىلىننىڭ ئادۇۋكاتىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى يېتەرلىك ئەمەسكەن. ئېۋىلىننىڭ كۆرۈش سېزىمى جايىدا بولسىمۇ، بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىنىڭ پايدىسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇ «پاجىئە» يۈز بېرىپتۇدەك. خەۋەردىكى walking into the glass doors دېگەن مەزمۇنغا قارىغاندا بۇ موماي ئىشىكتىن كىرىۋاتقۇچە ئۇرىۋالغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن بولسا يەنە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقار؟ ئالما شىركىتى بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقامدۇ يوق؟ ئەينەك سۈرتكەت ئىشچىنى بۇ سەۋەبلىك مۇكاپاتلاش كېرەكمۇ ياكى جازالاشمۇ؟ تۆۋەندە بىز ئۇتۇق قازانغان 15 ئالما دۇكىنىنىڭ سىنىنى كۆرۈپ باقايلى. |
8725 تېما | 892 ئەزا | 13 توردا |
---|
ئارخىپ|يانفۇن|پاسىبان كۇلۇبى ( 新ICP备10202432号 )
GMT+6, 2012-7-30 08:30
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.