جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 302 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

Apple Store دىكى بالىلارغا قويغان iMac ئورنىغا iPad چ ...

2012-5-1 02:58| يوللىغۇچى : admin| كۆرۈش: 113| باھا: 4|ئەسلىي ئاپتورى : پاسىبان

iMore نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى، ئۆزىنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇككىنى Apple Store دىكى كىچىك بالىلار رايونىغا تىزىلغان iMac لەرنى پۈتۈنلەي iPad كە ئالماشتۇرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى كومپىيۇتېر ئېراسىغا iPad نى خوجايىن قىلىش توغرىسىكى پاراڭلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ۋە ئالمىنىڭ بۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولامدۇ يوق؟ ئەجەبا ئۇلار ھازىردىن باشلاپ كىچىك بالىلارنىڭ ئىدىيەسىگە iPad نى سىڭدۈرۈپ ئۇلارنى iPad تىن ئايرىلالماس قىلىپ iPad نى كىيىنكى كومپىيۇتېر ئىراسىنىڭ خوجايىنى قىلامدىغاندۇ؟


10 يىللاردىن بۇيان Apple Store دا(بۇ iPhone دىكى App Store  ئەمەس، بەلكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس ساتىدىغان دۇككان) مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن «بالىلار رايونى» تەسىس قىلغان. ئەڭ دەسلەپ بۇ يەرگە قويۇلغىنى بولسا CRT نىڭ iMac كومپىيۇتېرى بولۇپ، بۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئىتالىيەنىڭ Baleri شىركىتى ياسىغان ئورۇندۇق قويۇلغان ئىكەن. ئالما شىركىتى كىچىكلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ خىرىدارى بولىدىغانلىقىنى، شۇ كىچىكلەر سەۋەبىدىن چوڭلارنىڭمۇ ئالما مەھسۇلاتى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلىپ «بالىلار رايونى» غا مانا مۇشۇنىڭدەك ئىنچىكىلىك بىلەن ئىتىۋار بەرگەن. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. سىز كۆرگەن ئاۋۇ ئورۇندۇقنىڭ بىرسى $ 500 دوللار ...


يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئالما شىركىتى iMac لىرىنى يېڭىلاۋەردى. بالىلار رايونىدىكى كومپىيۇتېرلارمۇ ھەر قېتىملىق يېڭىلاشتىن بەھرىمەن بولىۋەردى. ئەمدىلىكتە بولسا iMac نىڭ ئورنىنى iPad ئاپتۇ.
چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايدىغان بىر سۆز بار ئىدى. داھىمىز ماۋجۇشى «ياشلار كەلگۈسىنىڭ ئېگىلىرى. كەلگۈسى ياشلارنىڭ قولىدا» دەيدىغان... ئالما شىركىتىدىكىلەر بۇ نوقتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنلىكتىن بالىلارغا ئاتاپ ئالاھىدە بىر جاينى تۈجۈپىلەپ ياسىتىپ كىچىك خېرىدارلىرىنى كۈتىۋالغان. ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ كىچىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالسا كەلگۈسىنى ئۇتىۋالالايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن.  كىيىنكى كومپىيۇتېر ئىراسى دېگەن بۇ ئۇقۇمدا كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ مىكروسوفتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭ قىلىشىپ يۈرۈيدۇ. بۈگۈنكى بۇ تېما بەلكى دەل مۇشۇنىڭ بىر قىسمى بولسا كېرەك. ئالما شىركىتى ئەمدى ئىشنى كىچىك بالىلارنىڭ ئىدىيىسىنى قامال قىلىشقا ئۆتۈپتۇ...
ئۇلارنىڭ يىراقنى كۆرەرلىگىنى قاراڭ ... بىز بولساق بۈگۈنكى تاپقان بىرەر يۈز كويىمىز بىلەن... كىشىلەر بولسا ھازىرقى شۇمتەكلەر چوڭ بولۇپ كومپىيۇتېرىمنى، ئايفونىمنى، ئايپىتىمنى ئالىدۇ دەپ «خام خىيال» قىلىپ يۈرگەن ...
ئالما بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەندىن كىيىن ئالما شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ كارخانىنىڭ، جوبسقا ئوخشاش چوڭ كارخانىچىلارنىڭ دۇنيا كۆز قارىشى، تىجارەت ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بولىدىغان، دىققەت قىلىپ باقىدىغان بوپقالدىم. بىزنىڭ تەربىيلىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىمىز سەۋەبلىكمىكىن، ئۇلار ھەقىقەتەن بۆلەكچىلا بولىدىكەن.



ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

ئىنكاس يوللاش

يېڭى ئىنكاس

نازلى 2012-4-29 21:02
ياىشى باشلنىش .....بىراق مەن مۇنبەرگە كىرسەم خەت بەك سەت چىقلدى . مەن كومپىيوتىرغا فونىت قاچىلشىم كىرەكمۇ ؟ باشقا تور بەتلەر شۇنداق نورمال ......پاسىبانلا ياخشى ئەمەس .....
پاسىبان 2012-4-28 13:17
يېڭى مۇنبەرگە نىسبەتەن بايقىغان خاتالىق ياكى تەكلىىپ پىكىرلەر بولسا ماڭا ئۇچۇر شەكلىدە ياكى ئېلخەت شەكلىدە يوللىساڭلار بولىدۇ. بۇندىن كىيىن مەزمۇن ۋە ئىقتىدارلىرىنى بارغانسىرى تولۇقلايمىز خۇدا خالىسا...
قاراخان 2012-4-28 09:41
مۇنبەر سەتەڭ بوپ كىتىپتۇ جۇمۇ.........لىكىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تىل يىزىقىنى كۆزدە تۇتقاندا يەنىلا microsoftنىڭ ياخشى تاللاشتەك تۇردۇ.ئەگەر ios6دە ئۇيغۇرچە قوشساباشقاگەپ........
ئاتامان 2012-4-28 04:52
مۇنبەر باشقىچە تۈسكە كىرىپ قالدىمۇ قانداق ؟

بارلىق ئىنكاسنى كۆرۈش(4)

بۇلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈڭ
تەۋسىيە
ئېلان
قەسىر مېھمانسارىيى - سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئېسىل تاللىشىڭىز ئىسكەندەر كېيىم-كېچەكلىرى - ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى!
بۇ ماقالىنى ھەمبەھرلىنىڭ
ستاتىستېكا

8725

تېما

892

ئەزا

13

توردا
bottom

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش