قۇلۇپلىق iPhone لارنىڭ قۇلۇپىنى يېشىش قوللانمىسى بۈگۈن دوستلارنىڭ سەمىگە قۇلۇپلىق iPhone لارنىڭ قۇلۇپىنى يېشىش ، يەنى سىگنال چىقىرىش ئۇسۇلىنى سۇناي . ئالدى بىلەن مۇشۇ قۇلۇپلىق ۋە قۇلۇپسىز دىگەن ئۇقۇم ئۈستىدە توختىلىپ بەزەن بىر سوئاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قوياي . ھەممىمىزگە مەلۇم ، iPhone نىڭ ھەرخىل تۈرلىرى بولىدۇ ، چوڭ جەھەتتىن قۇلۇپلىق ۋە قۇلۇپسىز دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. يانفونىڭىز قۇلۇپلىق تىپىدىكى iPhone بولسا ، چوقۇم ئەسلى دۆلەتنىڭ تىجارەتچى كارتىسىنىلا تونۇيدۇ ، دۆلىتىمىزنىڭكىنى تونىمايدۇ . شۇڭا بىز مەيلى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولسۇن ، ياكى چاپلىما كارتا ئىشلىتىش ئارقىلىق بولسۇن ، ئالدى بىلەن سېگنال چەكلىمىسىنى يەشكەندىن كېيىن بىمالال ئىشلىتەلەيمىز . (چاپلىما كارتا تېخى يانفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز قايتا مەشغۇلات قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ). سېگنال چىقىرىش ۋە چەكلاشتە مۇھىم رول ئوينايدىغىنى يانفونىڭىزنىڭ مودېم نەشىرى بولۇپ، سېستىما نەشىرىنىڭ يۇقىرلىشىغا ئەگىشىپ مودېم نەشىرىمۇ يۇقىرلاپ ماڭىدۇ ، شۇڭا بەلگىلىك دەرىجىدىكى مودېم نەشىرلىرىنى تېخى يەشكىلى بولمايدۇ . (iPhone 3GS نىڭ 05.13 ، iPhone 4 نىڭ 04.10 دەرىجىگىچە يەشكىلى بولىدۇ) .يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن سېگنال چەكلىمىسىنى يېشىش ھەممىسى يۇمشاق دېتال ئۈستىدىكى يېشىشنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا كۆپلىگەن دوستلىرىمىزنىڭ iPhone لىرى مودېم نەشىرى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن تېلفون ئۇرۇشتىن مەھرۇم قېلىنىپ ، iPod Touch نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ . بۈگۈن مۇشۇ دوستلىرىمىز ئۈچۈن بىر خوش خەۋەر .
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قۇلۇپنى يېشىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالدىنقى شەرتلەر: 1. يانفونىڭىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كېرەك . ھازىر 5.0.1 سېتىمىسغىچە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ . iPhone 4 ۋە iPhone 3GS ، iPad لارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قوللانمىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ : قوللانما . iPhone 4S ۋە iPad 2 لارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قوللانمىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ : قوللانما . 2. مەيلى ھازىر يانفونىڭىزدا تېلفون ئۇرغىلى بولسۇن ياكى سېگنال يوق ئۇرغىلى بولمىسۇن iPhone نىڭىز چوقۇم ئاكتىپلانغان بولىشى كېرەك . يەنى iTunes غا ئۇلىسىڭىز ھېچقانداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقماي بىمالال ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر قۇلۇپلىق iPhone لارنىڭ ئىككى خىل ئاكتىپلاش ئۇسۇلى بار ، بىرخىلى ئەسلى دۆلەت تىجارەتچى كارتىسى بىلەن ئاكتىپلاش ، يەنە بىرسى بولسا ھۆججەت سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاكتىپلاش .ئاكتىپلاشنىڭ تەپسىلىي قوللانمىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ : قوللانما مەن بۇ يازمامدا ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى iPhone 4 نى مېسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
تەپسىلىي باسقۇچلار: 1. ئالدى بىلەن Cydia نى ئېچىپ Manage 管理 نى بېسىڭ .
|
1
![]() ئېسىلكەن |
![]() ئوخشاش ئويدا |
![]() چۆچۈپ كەتتىم |
![]() ماڭا بەرىبىر |
![]() ناچاركەن |
[□_CIRDAX] يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 10:07
3گ س گە5.1.1نى يازغانتىم سىگىنال چقمايۋاتىدۇ تۇرمىدىنم ...
8727 تېما | 892 ئەزا | 37 توردا |
---|
ئارخىپ|يانفۇن|پاسىبان كۇلۇبى ( 新ICP备10202432号 )
GMT+6, 2012-7-30 10:15
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.