جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 726 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 8110|ئىنكاس: 79

قۇلۇپلىق iPhone لارنىڭ قۇلۇپىنى يېشىش قوللانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:26:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇلۇپلىق iPhone لارنىڭ قۇلۇپىنى يېشىش قوللانمىسى

   بۈگۈن دوستلارنىڭ سەمىگە قۇلۇپلىق iPhone لارنىڭ قۇلۇپىنى يېشىش ، يەنى سىگنال چىقىرىش ئۇسۇلىنى سۇناي . ئالدى بىلەن مۇشۇ قۇلۇپلىق ۋە قۇلۇپسىز دىگەن ئۇقۇم ئۈستىدە توختىلىپ بەزەن بىر سوئاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قوياي .
    ھەممىمىزگە مەلۇم ، iPhone نىڭ ھەرخىل تۈرلىرى بولىدۇ ، چوڭ جەھەتتىن قۇلۇپلىق ۋە قۇلۇپسىز دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.  يانفونىڭىز قۇلۇپلىق تىپىدىكى iPhone بولسا ، چوقۇم ئەسلى دۆلەتنىڭ تىجارەتچى كارتىسىنىلا تونۇيدۇ ، دۆلىتىمىزنىڭكىنى تونىمايدۇ . شۇڭا بىز مەيلى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولسۇن ، ياكى چاپلىما كارتا ئىشلىتىش ئارقىلىق بولسۇن ، ئالدى بىلەن سېگنال چەكلىمىسىنى يەشكەندىن كېيىن بىمالال ئىشلىتەلەيمىز . (چاپلىما كارتا تېخى يانفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز قايتا مەشغۇلات قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ).  سېگنال چىقىرىش ۋە چەكلاشتە مۇھىم رول ئوينايدىغىنى يانفونىڭىزنىڭ مودېم نەشىرى بولۇپ، سېستىما نەشىرىنىڭ يۇقىرلىشىغا ئەگىشىپ مودېم نەشىرىمۇ يۇقىرلاپ ماڭىدۇ ، شۇڭا بەلگىلىك دەرىجىدىكى مودېم نەشىرلىرىنى تېخى يەشكىلى بولمايدۇ . (iPhone 3GS نىڭ 05.13  ، iPhone 4 نىڭ 04.10 دەرىجىگىچە يەشكىلى بولىدۇ) .يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن سېگنال چەكلىمىسىنى يېشىش ھەممىسى يۇمشاق دېتال ئۈستىدىكى يېشىشنى كۆرسىتىدۇ .  شۇڭا كۆپلىگەن دوستلىرىمىزنىڭ iPhone لىرى مودېم نەشىرى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن تېلفون ئۇرۇشتىن مەھرۇم قېلىنىپ ، iPod Touch نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ . بۈگۈن مۇشۇ دوستلىرىمىز ئۈچۈن بىر خوش خەۋەر .   
   
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قۇلۇپنى يېشىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالدىنقى شەرتلەر:  
1. يانفونىڭىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كېرەك . ھازىر 5.0.1 سېتىمىسغىچە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ . iPhone 4 ۋە iPhone 3GS ، iPad لارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قوللانمىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ : قوللانما .   iPhone 4S ۋە iPad 2 لارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قوللانمىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ : قوللانما .

2. مەيلى ھازىر يانفونىڭىزدا تېلفون ئۇرغىلى بولسۇن ياكى سېگنال يوق ئۇرغىلى بولمىسۇن iPhone نىڭىز چوقۇم ئاكتىپلانغان بولىشى كېرەك . يەنى iTunes غا ئۇلىسىڭىز ھېچقانداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقماي بىمالال ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر قۇلۇپلىق iPhone لارنىڭ ئىككى خىل ئاكتىپلاش ئۇسۇلى بار ، بىرخىلى ئەسلى دۆلەت تىجارەتچى كارتىسى بىلەن ئاكتىپلاش ، يەنە بىرسى بولسا ھۆججەت سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاكتىپلاش .ئاكتىپلاشنىڭ تەپسىلىي قوللانمىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ : قوللانما

    مەن بۇ يازمامدا ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى iPhone 4 نى مېسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.   




تەپسىلىي باسقۇچلار:
  1. ئالدى بىلەن Cydia نى ئېچىپ Manage 管理 نى بېسىڭ .



2. ئاندىن Sources نى بېسىپ مەنبە قوشۇش كۆزنىكىنى ئېچىڭ .




3. مەنبە تەھرىرلەشنى بېسىپ ، ئادېرىسقا ماۋۇ مەنبەنى  repo.bingner.com  قوشۇڭ .




4. مەنبەنى قوشۇپ بولغاندىن كېيىن ، مۇشۇ مەنبە ئىچىگە كىرىپ ، SAM دېگەن قىستۇرمىنى تېپىپ قاچىلاڭ .



5. قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، يانفوننى ئۆچۈرۈپ سېگنال يەشمەكچى بولغان كارتىنى سېلىپ يانفوننى قوزغىتىڭ . (چاپلىما ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دوستلار بولسا چاپلىمىنى ئېلىۋېتىڭ ) .
قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېكرانىڭىزدا چوقۇم سېگنال يوق ، چۈنكى چاپلىمىنى ئېلىۋەتتىڭىز، ياكى قۇلۇپنى تېخى يەشمىدۇق .



6. ئەمدى تەڭشەك ئىچىگە كىرىپ ، SAM قىستۇرمىسىنىڭ تەڭشىكىنى ئېچىڭ .




7. ئەمدى SAM تەڭشىكى ئىچىدىكى Utilities دىگەن يەرنى چېكىڭ . بۇ يەردە چېكىپ كىرگەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان كۆزنەك بارلىق iPhone لارنىڭ ئوخشاش چىقماسلىقى مۇمكىن . ئەگەر تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك چىقسا De-Activate iPhone نى بېسىڭ ، ئەگەر Revert Lockdownd to Stock دەپ چىقسا شۇنى بېسىڭ.




8. ئالدىنقى كۆزنەككە قايتىپ ، More Information نى بېسىڭ ، ھەمدە بىرىنجى قۇرغا قاراپ ، Unactivated دەپ چىقتىمۇ يوق ، شۇنى جەزىملەشتۇرۇڭ .




9. يەنە ئالدىنقى كۆزنەككە قايتىپ ئاستىدىكى Enabled كۇنۇپكىسىغا قاراپ بېقىڭ ، ئوچۇق بولسۇن ، ئەگەر ئېچىلمىغان بولسا كۇنۇپكىنى ئېچىۋېتىڭ. ئاندىن يەنە قايتىدىن More Information غا كىرىپ SAM Details ئاستىدىكى IMSI نومۇرىڭىزنى خاتىرلىۋېلىڭ . (دىققەت : SIM Details ئەمەس ، SAM Details ، ئىككىسىنىڭ نومۇرى ئوخشىمايدۇ ، ھەممە iPhone نىڭ IMSI نومۇرى ئوخشىمايدۇ، ئۇقماي مېنىڭكىنى كۆچۈرۈۋالماڭ ) .



10.  ئەمدى باش كۆزنەككە قايتىپ ، Method نى بېسىپ كىرىپ ، By Bundle Name نى تاللاڭ ، ئاندىن ئالدىنقى كۆزنەككە قايتىسىڭىز Bundle نى كۆرىسىز ، بۇ يەردىن سىزنىڭ يانفونىڭىزنىڭ ئورگان تەرەپ تىجارەتچى ئىسمىنى تاللاڭ .




    مەسلەن مېنىڭ ئامېرىكا نۇسخىسى، شۇڭا  AT&T نى تاللىدىم، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ يانفونىڭىزنىڭ قايسى تىجارەتچى شىركىتىغا قارايدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن پايدىلىنىڭ .



11.  تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، باش كۆزنەككە قايتىپ ، More Information غا كىرىڭ ، ئاندىن ئوتتۇرىدىكى Spoof Real to SAM نى بېسىڭ . بۇ ۋاقىتتا SIM Details بىلەن SAM Details ئىككىسىنىڭ IMSI نومۇرى ئوخشاش بولىدۇ .





12. يەنە باش كۆزنەككە قايتىپ ، Method غا كىرىپ ، Manual نى تاللاڭ .




13. باش كۆزنەككە قايتىپ ئاستىدىكى IMSI نومۇرى يازىدىغان يەرگە ئابايتىن خاتىرلىۋالغان IMSI نومۇرىنى چاپلاڭ .



14. ئەمدى iTunes نى ئېچىپ ئاكتىپلاڭ . (iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى بولسۇن ، يېڭى ICCID ئاسىتىدىكى iPhone نى ئۆزىلىكىدىن ئاكتىپلايدۇ ) .



15.  ئاكتىپلاپ بولغاندىن كېيىن ، iTunes ئىچىدىكى يانفون نومۇرى چىقىدىغان يەرنى ئىككى قېتىم چەكسىڭىز ICCID نومۇرىڭىز چىقىدۇ ، مۇشۇ نومۇرىڭىزنى SAM  تەڭشىكى More Information ئىچىدىكى ئىككى ICCID نومۇرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ ، چوقۇم ئوخشاش بولسۇن ،  ئەگەر ئوخشىمىسا يۇقارقى قەدەملەرنى قايتىدىن قىلىڭ .



16.  ئەمدى iTunes نى ئۆچۈرۋېتىپ ، يانفوننى USB دىن چىقىرۋېتىڭ .  ئاندىن CYDIA غا كىرىپ SAM نى يۇيۇۋېتىپ  يانفوننى قايتا قوزغىتىڭ .




17. قايتا قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن ، iTunes غا ئۇلىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ، ئەنسىرمەڭ ، بۇ نورمال ئەھۋال . ئەمدى iTunes ئۆچۈرۋېتىپ قايتا ئېچىڭ . بىردەم ساقلىسىڭىز سېگنال پەيدا بولىدۇ .







دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. بۇ قېتىملىق سېگنال يېشىشنىڭ پىرىنسىپى بولسا ، ئەسلى دۆلەت تىجارەتچى SIM كارتىسىنىڭ IMSI نومۇرىدىن پايدىلىنىپ ، يانفوندا SAM قىستۇرمىسى ئارقىلىق بىز ئىشلەتمەكچى بولغان كارتىنىڭ ICCID نومۇرىنى سۈنئىي ھالدا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت . دېمەك ، بۇمۇ بىر Apple مۇلازىمېتېرىنىڭ يوچۇقى .
2. بىز يۇقارقى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ سېگنال چەكلىمىسىنى يېشىپ بولغاندىن كېيىن ، بېمالال يانفوننى قايتا قوزغىتالايمىز، ھەرقاچان كارتىنى سېلىپ چىقارساقمۇ ھېچقانداق مەشغۇلاتسىز سېگنال چىقىدۇ . لېكىن كەمچىلىكى شۇكى ، كارتا ئالماشتۇرسىڭىز ياكى قايتا سېستىما يازسىڭىزمۇ يۇقارقى باسقۇچلارنى قايتىدىن ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك ، چۈنكى سىز ئۆزگەرتكەن IMSI نومۇرىنى سېستىما ئىچىگە يېزىپ كىرگۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ ،ھەم يانفونىڭىزدا مەڭگۈ ساقلىنىپمۇ تۇرمايدۇ .
3. يەنە بىر مەسىلىنى تەكىتلەپ قوياي ، خۇددى تەكىتلىگەنگە ئوخشاش ، بۇ ئۇسۇلدا بىز APPLE مۇلازىمېترىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلاندۇق ، لېكىن بۇنى مەڭگۈلۈك يوچۇق دەپ ئېيتالمايمىز، APPLE شىركىتى كەلگۈسىدە بۇ يوچۇقنى ياماقلىشىمۇ مۇمكىن ، شۇڭا تەۋسىيەرىم ، ئەڭ ياخشىسى iPhone رىڭىزنىڭ خاتىرلەشكە تېگىشلىك سانلىق رەقەملەرنىڭ ھەممىسىنى ساقلاپ قويۇڭ ، كېيىن ئىشلىتىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . (ئەگەر چاپلىما ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، چاپلىمىنىمۇ ياخشى ساقلاپ قويۇڭ ،ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ ) .


  يازمىنى ئالدىراپلا يېزىپ قالدىم ، بەزەن يېرى تومتاق چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن ، قانداق مەسىلىلەرگە ئۇچرىغان بولسىڭىز ياكى چۈشىنەلمىگەن يەرلەر بولسا ، دوستلارنىڭ قىزغىن سوئاللارنى سورىشىنى ھەمدە پىكىر تەلەپلەرنى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .


تامام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-22 20:47  

باھا سۆز

بۇ تېما ماڭا ياقتى!: 4.0
قاراخان  سىزچە مۇشۇ ئۇسۇلدا قۇلپىسىنى يەشكەن ياخشىمۇ ياكى ultrasn0wدەيەشكەن ياخشىمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 09:44
پاسىبان  بۇ تېما ماڭا ياقتى!: 4
تەپسىلىي، ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈپتۇ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:47
باۋۇدۇن ئۈندىدار سالونى ئېلان قىلىندى

55

تېما

1

دوست

4335

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
940
تۆھپە
1216
قىزغىنلىق
2027
شەرەپ
1092
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
تېما
55
جۇغلانما
4335
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
797

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 17:01:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى تەپسىلىي دەرسلىك بوپتۇ. ماۋۇ تېمىدىكى دەل مۇشۇ قىستۇرمىدەك قىلىدۇ:
http://zx.sj.91.com/content/2012-04-22/20120422012841767_1.shtml
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

42

تېما

18

دوست

3737

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1041
تۆھپە
1135
قىزغىنلىق
1548
شەرەپ
1054
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
تېما
42
جۇغلانما
3737
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
431

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 18:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ناھايتى ياخشى دەرىس بوپتۇ.ھەراس سىزنىڭ ئورگان تەرەپتىن قۇلۇپىسىنى يىشىشپ بىرىش ئىشى قانداق بولدى؟

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 20:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Abdurexit يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 17:01
ناھايىتى تەپسىلىي دەرسلىك بوپتۇ. ماۋۇ تېمىدىكى دەل مۇش ...

توغرا ،  ئوخشاش قورالكەن ...

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 20:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراخان يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 18:24
رەخمەت ناھايتى ياخشى دەرىس بوپتۇ.ھەراس سىزنىڭ ئورگان ت ...

ھازىر ئورگان تەرەپ ھەل قىلىش مىقدارى بەك كۆپ بولغاچقا ، خەت يېزىپ ئۇقتۇرۇش قىلدى ، 27 چىسلادىن بۇرۇن ئېچىپ بېرىمىز دەيدۇ .

42

تېما

18

دوست

3737

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1041
تۆھپە
1135
قىزغىنلىق
1548
شەرەپ
1054
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
تېما
42
جۇغلانما
3737
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
431

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 21:40:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 20:15
ھازىر ئورگان تەرەپ ھەل قىلىش مىقدارى بەك كۆپ بولغاچقا ...

مەنمۇئىلتىماس قىلغان 24-چېسلاغىچىكەن مېنىڭ ئالدىراپ قويسا بۇلاتتى ئۇلا چوڭ ئېشلىرىمىزغا.......

0

تېما

0

دوست

8

جۇغلانما

شىيالى

Rank: 1

تەڭگە
3
تۆھپە
2
قىزغىنلىق
30
شەرەپ
1
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
تېما
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-4-22
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 23:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنپەئەتلىك تىما يوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

75

تېما

21

دوست

4531

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1734
شەرەپ
1362
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
تېما
75
جۇغلانما
4531
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 05:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن تەپسىلىي يېزىپسىز، كۆپ رەھمەت !
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 08:21:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراخان يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 21:40
مەنمۇئىلتىماس قىلغان 24-چېسلاغىچىكەن مېنىڭ ئالدىراپ ق ...

ئۇغۇشۇ ، لېكىن مۇشۇ خەقلەرنىڭ ئادىمى جىق بولغاچقا ئۇلار بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 08:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىھرام يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 23:13
مەنپەئەتلىك تىما يوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

ئەرزىمەيدۇ ، پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 08:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 05:22
ئىنتايىن تەپسىلىي يېزىپسىز، كۆپ رەھمەت !

ئەرزىمەيدۇ ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم . سىز قۇلۇپىڭىزنى يېشىۋالدىڭىزمۇ ؟

1

تېما

2

دوست

455

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
115
تۆھپە
84
قىزغىنلىق
141
شەرەپ
55
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
تېما
1
جۇغلانما
455
تىزىملاتقان
2012-2-26
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 09:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش بەك ياخشى يېزىپسەن جۇمۇ !

13

تېما

5

دوست

1578

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
392
تۆھپە
334
قىزغىنلىق
315
شەرەپ
190
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-25
تېما
13
جۇغلانما
1578
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
157

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام بۇرادەر تېمىنىڭ قاتىلىدىن بىرنى يوللاپتۇ مانا.

135

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2494
تۆھپە
2951
قىزغىنلىق
12227
شەرەپ
1880
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
تېما
135
جۇغلانما
17063
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1546

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ دەرسلىكىڭىزنى كۆرۈشمۇ بىر راھەت ئىش جۇمۇ~ قايىلمەن!

63

تېما

48

دوست

8803

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
626
تۆھپە
2175
قىزغىنلىق
4999
شەرەپ
1609
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
تېما
63
جۇغلانما
8803
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1399

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:46:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەم يوللىغان ۋاقتى  2012-4-23 09:46
ئاداش بەك ياخشى يېزىپسەن جۇمۇ !

رەھمەت دوستۇم ، سېنىڭمۇ نادىر ئەسەرلىرىڭنى كۈتىمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش