جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

5.1.1 لىك قۇلۇپلۇق ئايفوننى مۇكەممەل تۈرمىدىن ...

2012-6-2 18:37| يوللىغۇچى : پاسىبان| كۆرۈش: 7153| باھا: 0|ئەسلىي ئاپتورى : پاسىبان

قۇلۇپى بار ئامېرىكان ئايفوننى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى

ئىلگىرىدىن مۇنبەردە، بلوگدا چۆگىلەپ يۈرگەن تورداشلار بىلىدۇ. مەن تا مۇشۇ كەمگىچە iOS 4.3.3 تە چۆگىلەپ يۈرگەن ئىدىم. ئامېرىكان ئايفوننىڭ سېستىما يېڭىلانسىلا قورقماي يېڭىلىغىلى بولمايدىغان ئىشى مېنى سىقىپ قويۇپ iOS 5 گە چىقالماي يۈرگەن ئىدىم. لېكىن ئۈلۈشكۈن بىر تەۋەككۈل قىلىپ Sn0wbreeze ئارقىلىق «ئۆزۈم ياسىغان بولاق» نى قاچىلاپ 5.1.1 گە مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىۋالدىم ھەم مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرىۋالدىم.

بۇ تەجرىبەمنى مۇنبەردە ئورتاقلىشاي دەپ، ماڭا ئوخشاش قۇلۇپى بار iPhone داشلار بوپقالسا پايدىلانسۇن دەپ يوللىدىم. ئۇنداق بولسا دەرسلىكنى باشلاپ كېتىمىز.
بۇ دەرسلىك قۇلۇپى بار ئايفونلارغا ماس كېلىدۇ. Sn0wbreeze دېگەن بۇ قورال ئارقىلىق نەشىر يېڭىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا «مودىم نەشىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ» غان بولغاچقا، قۇلۇپى بار iPhone غا ماس كېلىدۇ. قۇلۇپسىز ئايفونلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن ئورگان تەرەپنىڭ iOS 5.1.1 بولىقىنى چۈشۈرۈپ مۇنبەردىكى ياكى دەرۋازىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن پايدىلىنىڭ.
/article-39-1.html

دىققەت: ھەر بىر ئەسكەرتمىگە ئوبدان دىققەت قىلىڭ. بىلمەيلا قارىغۇلارچە بېسىپ قويسىڭىز ئۇتۇقلۇق بولماي قالىدۇ. چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئوقۇپ شۇ بويىچە ئىش قىلىڭ!
بىز ھازىر قۇلۇپلۇق ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرۇش توغرىىسىدا توختىلىمىز.بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلايدىغان نەرسە:
1. ئاۋال Snowbreeze نىڭ 2.9.5 نۇسقىسىنى چۈشۈرىمىز. بۇنەشىرىدە يېڭى iPhone 4 نىڭ سېستىما بولىقىنى قوللايدىغان بولغان. چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://dl.dbank.com/c0uyqrwpk0
2. ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ تېلىفونىغا ماس كېلىدىغان ئورگان تەرەپ سېستىما بولىقىنى چۈشۈرىمىز. مېنىڭكى iPhone 4 GSM ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ئادرېستىن 9B208 نۇسقىسىنى چۈشۈردۈم.iPhone 4 GSM 9B208 سېستىما بولىقىنى چۈشۈرۈڭ
3. ئامېرىكىنىڭ قۇلۇپلۇق iPhone ىنى ئاكتىپلاش ئۈچۈن AT&T نىڭ كارتىسىدىن بىر تال. (راس گەپنى قىلسام ياپونىيە ياكى ئەنگىلىيەنىڭكىگە ئوخشاش قۇلۇپلۇق ئايفونغا قانداق كارتا سېلىپ ئاكتىپلايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.)
يۇقارقىلارنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىنSn0wbreeze نى Win7 دە باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتىدە قوزغىتىمىز. ( XP دە ئىككى چېكىپلا قوزغاتساق بولىدۇ.) رەسىمدىكىدەك:

[attach]422[/attach]



6

ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

ئىپادە بىلدۈرگەن دوستلىرى (6 نەپەر)

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس

بۇلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈڭ
تەۋسىيە
ئېلان
قەسىر مېھمانسارىيى - سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئېسىل تاللىشىڭىز ئىسكەندەر كېيىم-كېچەكلىرى - ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى!
بۇ ماقالىنى ھەمبەھرلىنىڭ
ستاتىستېكا

26457

تېما

3952

ئەزا

23

توردا
bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش