- شەرەپ
- 902
- توردا
- 232 سائەت
- تەڭگە
- 898
- تۆھپە
- 1097
- قىزغىنلىق
- 1494
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-29
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5904
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 611
      
- تەڭگە
- 898
- تۆھپە
- 1097
- قىزغىنلىق
- 1494
- شەرەپ
- 902
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-7-29
- تېما
- 58
- جۇغلانما
- 5904
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 611
|
iMore نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى، ئۆزىنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇككىنى Apple Store دىكى كىچىك بالىلار رايونىغا تىزىلغان iMac لەرنى پۈتۈنلەي iPad كە ئالماشتۇرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى كومپىيۇتېر ئېراسىغا iPad نى خوجايىن قىلىش توغرىسىكى پاراڭلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ۋە ئالمىنىڭ بۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولامدۇ يوق؟ ئەجەبا ئۇلار ھازىردىن باشلاپ كىچىك بالىلارنىڭ ئىدىيەسىگە iPad نى سىڭدۈرۈپ ئۇلارنى iPad تىن ئايرىلالماس قىلىپ iPad نى كىيىنكى كومپىيۇتېر ئىراسىنىڭ خوجايىنى قىلامدىغاندۇ؟
10 يىللاردىن بۇيان Apple Store دا(بۇ iPhone دىكى App Store ئەمەس، بەلكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس ساتىدىغان دۇككان) مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن «بالىلار رايونى» تەسىس قىلغان. ئەڭ دەسلەپ بۇ يەرگە قويۇلغىنى بولسا CRT نىڭ iMac كومپىيۇتېرى بولۇپ، بۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئىتالىيەنىڭ Baleri شىركىتى ياسىغان ئورۇندۇق قويۇلغان ئىكەن. ئالما شىركىتى كىچىكلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ خىرىدارى بولىدىغانلىقىنى، شۇ كىچىكلەر سەۋەبىدىن چوڭلارنىڭمۇ ئالما مەھسۇلاتى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلىپ «بالىلار رايونى» غا مانا مۇشۇنىڭدەك ئىنچىكىلىك بىلەن ئىتىۋار بەرگەن. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. سىز كۆرگەن ئاۋۇ ئورۇندۇقنىڭ بىرسى $ 500 دوللار ... 
يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئالما شىركىتى iMac لىرىنى يېڭىلاۋەردى. بالىلار رايونىدىكى كومپىيۇتېرلارمۇ ھەر قېتىملىق يېڭىلاشتىن بەھرىمەن بولىۋەردى. ئەمدىلىكتە بولسا iMac نىڭ ئورنىنى iPad ئاپتۇ.
چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايدىغان بىر سۆز بار ئىدى. داھىمىز ماۋجۇشى «ياشلار كەلگۈسىنىڭ ئېگىلىرى. كەلگۈسى ياشلارنىڭ قولىدا» دەيدىغان... ئالما شىركىتىدىكىلەر بۇ نوقتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنلىكتىن بالىلارغا ئاتاپ ئالاھىدە بىر جاينى تۈجۈپىلەپ ياسىتىپ كىچىك خېرىدارلىرىنى كۈتىۋالغان. ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ كىچىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالسا كەلگۈسىنى ئۇتىۋالالايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن. كىيىنكى كومپىيۇتېر ئىراسى دېگەن بۇ ئۇقۇمدا كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ مىكروسوفتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭ قىلىشىپ يۈرۈيدۇ. بۈگۈنكى بۇ تېما بەلكى دەل مۇشۇنىڭ بىر قىسمى بولسا كېرەك. ئالما شىركىتى ئەمدى ئىشنى كىچىك بالىلارنىڭ ئىدىيىسىنى قامال قىلىشقا ئۆتۈپتۇ...
ئۇلارنىڭ يىراقنى كۆرەرلىگىنى قاراڭ ... بىز بولساق بۈگۈنكى تاپقان بىرەر يۈز كويىمىز بىلەن... كىشىلەر بولسا ھازىرقى شۇمتەكلەر چوڭ بولۇپ كومپىيۇتېرىمنى، ئايفونىمنى، ئايپىتىمنى ئالىدۇ دەپ «خام خىيال» قىلىپ يۈرگەن ...
ئالما بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەندىن كىيىن ئالما شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ كارخانىنىڭ، جوبسقا ئوخشاش چوڭ كارخانىچىلارنىڭ دۇنيا كۆز قارىشى، تىجارەت ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بولىدىغان، دىققەت قىلىپ باقىدىغان بوپقالدىم. بىزنىڭ تەربىيلىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىمىز سەۋەبلىكمىكىن، ئۇلار ھەقىقەتەن بۆلەكچىلا بولىدىكەن.
|
|