جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

تەۋسىيە: مىكروسوفتتىن پەچەت بىر ئەپ – PhotoSynth

2012-5-19 18:00| يوللىغۇچى : پاسىبان| كۆرۈش: 3069| باھا: 2

تەۋسىيە: مىكروسوفتتىن پەچەت بىر ئەپ – PhotoSynth

ئايفوننىڭ رەسىمگە تارتىشقا ئائىت ئەپلىرى نۇرغۇن. لېكىن شۇ ئەپلەر ئىچىدە ئىشىنىمەنكى بۇنىڭغا ئوخشاش پەچەت ئەپتىن ساناقلىقلا چىقسا كېرەك. بەلكىم بۇ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بۇ ئەپ زادى قانداق قىلالايدۇ؟ بۇنى يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئاندىن بىلگەيسىز.


ئايفوندا رەسىمگە تارتقاندا مەن ئادەتتە بىۋاستە ئۆزىدىكى تارتىدىغان جاي بىلەنلا تارتىمەن. لېكىن بەزىدە بۇ ئەپ قىلالىغاننى ئۆزىدىكى رەسىمگە تارتىدىغان جاي ھەرگىزمۇ قىلالمىغاچقا بۇ ئەپنى قاچىلىماسلىققا باھانەم يوق بولدى! مېنىڭچە سىزنىڭمۇ باھانىڭىز بولمىسا كېرەك.


مىكروسوفت ئالمىنىڭ رىقابەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن iOS ئابونتلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق پەچەت بىر ئەپنى ياساپ چىققانلىقىغا قايىل بولدۇم. بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق ھەقىقىي 360 گرادۇسلۇق + ئاستى ۋە ئۈستى بولۇپ نەچچە گرادۇس بولىدىكىن ئىشقىلىپ پۈتۈن شارسىمان ھالەتتە رەسىمگە ئالالايمىز. رەسىمگە ئالغاندىن كىيىن شۇ ئەپ ئارقىلىق 6 تەرەپ (ئوڭ، سول، ئالدى، كەينى، ئۈستى ۋە ئاستى) نىڭ ھەممىسىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.


ئەڭ پەچەت يېرى بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ رەسىمگە تارتىش تولىمۇ قولاي. سىز ئېكرانغا بېسىپ سۈرەتكە تارتىشنى باشلايسىز. ئەقلى ئىقتىدارلىق بۇ ئەپ رەسىمنى ئۆزى ئاپتۇماتىك تارتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز بېسىپ تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ.


ئېكراندىكى يېشىل رامكىغا دىققەت قىلىڭ. رامكا يېشىل ھالەتتە تۇرسۇن. سېرىق ياكى قىزىل رەڭدە بولغىنى مەنزىرىنى پەرق ئېتەلمىگىنى. ئەگەر بەك مۇرەككەپ مەنزىرىلا بولمىسا ئاساسەن كۆپ قىسىم ئەھۋالدا پەرق ئېتەلەيدۇ. يەنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكى ئوڭ تەرەپتىكىسى تارتىلىپ بولغان مەنزىرە، بىز ئاپاراتنى سەل يۆتكەپ سول تەرەپكە ئەكەلسەك يېڭى مەنزىرىنى ئاپتۇماتىك تارتىدۇ. مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئەتراپنى پۈتۈن تارتىپ چىقىمىز. ئەگەر ياقمىغان جاي بولسا قايتىدىن تارتساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر بىرەر پارچە رەسىمنى خاتا تارتىپ قالسا، ئاستىدىكى undo نى بېسىپ چىكىنىسىز. پۈتۈن مەنزىرە تارتىلىپ بولغاندىن كىيىن finish نى بېسىپ ئاياغلاشتۇرىسىز، ئاندىن Stitch نى بېسىپ قوراشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلسىڭىز ئىش تامام.


رەسىم پۈتكۈندىن كىيىن ئۇياق-بۇياققا سۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. نېمە دېگەن پەچەت ئەپ ھە؟
پۈتكەندىن كىيىن بۇنى Windows Live گە ھەمبەھرلىگىلى بولىدىكەن. بۇ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى ئىچىنى ماتىلاپ كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار.


ئەپ ئىسمى : 
Photosynth
ساتقۇچى : Microsoft Corporation
چوڭلۇقى : 4.6 مېگابايت
ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : iOS 4.2
باھاسى : ھەقسىز
App Store دىن چۈشۈرۈش : 

5

ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم
1

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

ئىپادە بىلدۈرگەن دوستلىرى (6 نەپەر)

مۇناسىۋەتلىك يازما

ئىنكاس يوللاش

يېڭى ئىنكاس

نەقىل نىشان 2012-5-20 14:55
ھەقىقەتەن بولىدىغان ئەپكەن. بەك ياقتۇردۇم ،رەھمەت.
نەقىل Wijdan 2012-5-20 09:14
مۇشۇنداق قوللىنىشچان ئەپلەنى كۆپراق يوللاپ تۇرۇشۇڭلانى ئۈمۈت قىىلىمەن ماڭا ئوخشاش ئالمىنىڭ يىڭى ھەۋەسكارلېرى ئۈچۈن بۇنىڭدەك خۇشاللىنارلىق ئىش بومىسا كىرەك خۇسۇسەن مەن بەكلا خوش بولدۇم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلانىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن پاسىبانىمغا ۋە باشقا جاپاكەشلەگە كۆپ رەھمەت........!

بارلىق ئىنكاسنى كۆرۈش(2)

بۇلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈڭ
تەۋسىيە
ئېلان
قەسىر مېھمانسارىيى - سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئېسىل تاللىشىڭىز ئىسكەندەر كېيىم-كېچەكلىرى - ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى!
بۇ ماقالىنى ھەمبەھرلىنىڭ
ستاتىستېكا

26457

تېما

3951

ئەزا

20

توردا
bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش