ئالما شىركىتى nano SIM كارتىسى قوللانماقچى ئالما شىركىتى مەھسۇلات ياسىغاندا 1 مىللىمېتىردىن بولسىمۇ كىچىك ياكى ئىخچام بولىشى ئۈچۈن قان-تەرىنى سەرپ قىلىپ تەتقىقان ئېلىپ بېرىپ قاتتىق دېتال لايىھەلەيدۇ. ئالدىنقى مەزگىللەردە SIM كارتىسىزلا، iPhone نىڭ ئىچىگە نومۇر يېزىۋېتىدىغان قىلىپ لايىھەلەش توغرىسىدا پىكىر بەرگەندە تېلېگراف شىركەتلىرى قوشۇلمىغان. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ كارتىدىن تاپىدىغان پۇلى ئازلاپ كېتىدىكەن. ئەمدى ئۇلار iPhone 4 كە ئىشلىتىۋاتقان Micro SIM كارتىسىدىنمۇ كىچىك بولغان Nano SIM كارتىسى چۈشىدىغان مەھسۇلات ياسىماقچى ئىكەن. سۈرەتتىكىسى iPhone 4 كە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Micro SIM كارتىسى (ئاستىدىكى چوڭراقى شۇ) بىلەن Nano SIM كارتىسىنىڭ سېلىشتۇرما رەسىمى. ئالما شىركىتى ئۈسكۈنىسىگە چۈشىدىغان كارتىنى يەنە ئازراق كىچىكلىتىپ، ئاشۇ كىچىككىنە جايدىنمۇ پايدىلىنىپ، كىيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ تېخىمۇ ئىخچام بولىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىكەن. بۇ يىل 3-ئايدا ياۋرۇپادا ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا SIM كارتىسى ئۆلچىمى بېكىتىش يىغىنىدا ئالما شىركىتىنىڭ Nano SIM كارتا لايىھەسى ئۇنىڭ رىقابەتچىسى Nokia, BlackBerry قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىدى. Nokia نىڭ قارىشىچە Nano SIM كارتىسىنىڭ ئەتراپىدا يېتەرلىك پلاستىك قىسمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كارتىنى تولا ئېلىپ-سالىدىغانلار ئۈچۈن كارتا ئۆزىكىنى بۇزۇپ قويۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. ئالما شىركىتى يېڭى Nano SIM كارتىسىنىڭ لايىھەسىگە ئەتراپىغا ئازراق پىلاستىك قىسىم قوشۇپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن Nokia نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. پات يېقىندا ياۋرۇپا تېلېگراف ئۆلچەم كومىتىتى ئالما شىركىتىنىڭ Nano SIM كارتىسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن ئىكەن. |
1
![]() ئېسىلكەن |
![]() ئوخشاش ئويدا |
![]() چۆچۈپ كەتتىم |
![]() ماڭا بەرىبىر |
![]() ناچاركەن |
6876 تېما | 718 ئەزا | 50 توردا |
---|
ئارخىپ|يانفۇن|پاسىبان كۇلۇبى ( 新ICP备10202432号 )
GMT+6, 2012-6-23 18:34
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.