جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 302 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

iTunes Store غا ئۇلانماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

2012-5-1 03:15| يوللىغۇچى : admin| كۆرۈش: 193| باھا: 0

ئالدىنقى ھەپتىلىرى شۇنچە پەچەت ئەپلەر بار ئىدى. چۈشۈرەي دېسەم كومپىيۇتېرىمدىكى iTunes Store سائەتلەپ تۇرۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلانمايدۇ. ئاخىرىدا قىستۇرما رەسىمدىكىدەك بىر خىل خاتالىق ئۇچۇرلىرى چىقىۋېلىپ گۆشىرىپ تۇرىدۇ. كۆپ ھەپىلىشىپ كەتتىم، ئاخىرى بۇ ئامالنى تېپىپ ئوڭشىۋالدىم.

iTunes Store无法完成您的请求 بىلەن باشلانغان بەزى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كەلسە كېرەك دەپ بىلىمەن. لېكىن، ئۆزۈم سىناپ باقمىدىم. مېنىڭكىدە كۆرۈلگەن خاتالىق كودى 11222 ئىدى. بۇ خاتالىقنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىقلا ئوڭشىۋالدىم. ئەگەر ئوخشاپ كېتىدىغان مەسىلىگە يولۇققانلار بولسا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سىناپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.

مەن ئەڭ دەسلەپتە hosts نىڭ ئىشىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ hosts نىڭ ئىچىدىكى **.apple.com نىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ كۆردۈم. لېكىن ئەھۋال ئوخشاش. شۇنىڭ بىلەن توردىن تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى ئىزدەپ تاپتىم.

开始 دىن 运行 نى بېسىڭ. ياكى تېزلەتمە كونۇپكىسى Win بەلگىسى + R نى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا cmd نى يېزىپ Enter نى بېسىڭ. DOS بۇيرۇق كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. DOS كۆزنىكىگە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ Enter نى باسىمىز. ( Win 7 دە بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى تەلەپ قىلىنغاچقا كومپىيۇتېرنىڭ C:\Windows\system32 مۇندەرىجىسىدىن cmd.exe نى تېپىپ، 以管理员身份打开 نى باسساق بولىدۇ. )

netsh winsock reset

ئاندىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز. قوزغىتىپ بولۇپ iTunes نى ئېچىپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر ئوڭشالغان بولسا تەبرىكلەيمەن. مېنىڭ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىقلا ئوڭشالغان ئىدى. ئەگەر يەنە ئوڭشالمىغان بولسا تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتاللارنى 添加删除 دىن ياكى 360软件管家دېگەندەك قوراللارنىڭ 卸载软件 ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر-بىرلەپ يۇيۇپ تاشلاڭ.

1. Itunes
2. Quicktime
3. Apple software update
4. Apple mobile device support
5. Bonjour
6. Apple application support

يۇيۇپ تاشلىغاندىن كىيىن msconfig نىمۇ باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئېچىڭ. بۇنىڭ ئورنى C:\Windows\System32 مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدە. بۇنىڭدىن مۇلازىمەت 服务 تاللاش كارتىسىنىڭ ئىچىدىكى apple ۋە quicktime مۇلازىمەتلىرىنى تاللاشتىن قالدۇرۇڭ. 应用 نى بېسىڭ ۋە كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.

قوزغىتىپ بولۇپ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iTunes نى ئالما مۇلازىمېتىرىدىن چۈشۈرۈپ قايتا قاچىلاڭ. چۈشۈرۈش ئادرېسى.

ئەگەر بۇ ئۇسۇل بىلەن ئوڭشالمىغان بولسا، ماۋۇ بەتتىن ئىزدەپ كۆرۈڭ. سىزگە لازىملىق ئۇسۇل چوقۇم چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.


ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس

بۇلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈڭ
تەۋسىيە
ئېلان
قەسىر مېھمانسارىيى - سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئېسىل تاللىشىڭىز ئىسكەندەر كېيىم-كېچەكلىرى - ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى!
بۇ ماقالىنى ھەمبەھرلىنىڭ
ستاتىستېكا

8726

تېما

892

ئەزا

35

توردا
bottom

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش