جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 302 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

يېڭى iPad زادى قانچە پۇلغا پۈتۈپ چىقار؟

2012-5-1 03:17| يوللىغۇچى : admin| كۆرۈش: 194| باھا: 0

iPad نى، بولۇپمۇ The new iPad نى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل تاختا كومپىيۇتېر دەپ ئېيتىشىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولسا مۇشۇ نەرسە زادى قانچىلىك پۇلغا پۈتۈپ چىقار؟ ئالما شىركىتى بىر تال iPad تىن قانچە پۇل  پايدا ئالىدىغاندۇ؟ بىز بۇنىڭغا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئانالىزىغا قاراپ بىر نەرسە دەيلى.

بازار تەتقىقاتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان IHS iSuppli شىركىتى ئىلگىرى ئالمىنىڭ باشقا مەھسۇلاتى ئۈستىدىمۇ «چۇۋۇپ باھالاش» ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرەزلىرى ئاساسەن توغرا چىقىدىكەن. جۈمە كۈنى ئۇلارنىڭ شىركىتىدىكى بىر خادىم، ئالما سېتىش دۇكىنىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئەڭ تۆۋەن باھادىكى يېڭى iPad تىن بىرنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، تەجرىبىخانىغا ئەكىرىپ ئانالىز قىلىپ چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئانالىزىغا قارىغاندا، ئەڭ تۆۋەن نۇسقىدىكى يېڭى iPad نىڭ پۈتۈپ چىقىش باھاسى 316 دوللار بولۇپ چىقىپتۇ.

iSuppli شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە يېڭى iPad نىڭ زاپچاسلىرى، iPad 2 نىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئالما شىركىتى زاپچاس تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنى كۆپ تەڭشىمىگەن. شىركەتتىكى غوللۇق ئانالىزچى ئەنجىرۋ رازۋېلىر (Andrew Rassweiler) ، زاپچاسلار ئۈستىدىكى بەلگىلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئىلگىرىكى iPad بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى، دېگەن. بۇنىڭدىن، The new iPad نىڭ زاپچاس تەمىنلىگەن شىركەتلەرنىڭ ئاساسەن بۇرۇنقى شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يېڭى iPad نىڭ ئاساسى ئۆزىكىنى Broadcom 博通 ۋە Qualcomm 高通 شىركىتى تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە Qualcomm CPU ئۆزىكىنى، Broadcom بولسا WiFi ۋە كۆكچىش ئۆزىكىنى تەمىنلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا  TriQuint شىركىتى باشقا بەزى سىمسىز ئۆزەكلەرنى، STMicroelectronics شىركىتى گروسكوپنى، Cirrus Logic شىركىتى ئاۋاز كودى يېشىش ئۆزىكىنى تەمىنلەيدىكەن.

iSuppli نىڭ پەرىزىچە باھاسى 499 دوللار بولغان يېڭى iPad نىڭ پۈتۈپ چىقىش باھاسى تەخمىنەن 316 دوللار ئىكەن. بۇنىڭ بويىچە ھېساپلىساق، پارچە سېتىش باھاسىنىڭ %63 ى پۈتۈپ چىقىش باھاسى، قالغان %37 ى ئالمىنىڭ پايدىسى ئىكەن. لېكىن 829 دوللارلىق 64GB WiFi+4G نۇسقىسىنىڭ پۈتۈپ چىقىش باھاسى تەخمىنەن 409 دوللار بولۇپ، پارچە سېتىش باھاسىنىڭ % 49 ىنى ئېگەللەيدىكەن. دېمەك بۇلار 4G تورىنى قوللايدىغان بۇ iPad تە تەڭدە-تەڭ پايدا ئالىدىكەن. تېخنىكىنى پۇلغا سېتىش دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك … بۇ ستاتىسكا بىلەن iPad 2 نىڭ ستاتىستىكىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالما شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى iPad تىكى پايدا نىسبىتىنىڭ % 21 ۋە % 25 ئۆرلىگەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدىكەن.

يېڭى iPad نىڭ ئىشلەتكىنى باھاسى تېخىمۇ قىممەت بولغان SAMSUNG ئېكرانى بولۇپ، رازۋېلىرنىڭ پەرىزىچە بۇ ئېكراننىڭ باھاسى 87 دوللار ئىكەن. بۇ iPad 2 نىڭ ئېكرانىدىن ساق 57 دوللار قىممەت ئىكەن. ئۇ يەنە شۇنداق دەپتۇ: ئىككى چوڭ ئېكران تەمىنلىگۈچى شىركەتSHARP ۋە  LG Display مۇ ئالما شىركىتى بىلەن مال تەمىنلەش كېلىشىمى ئېمزالاپتۇدەك. لېكىن ھازىر پەقەت SAMSUNG لا كەپ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەشكە قاتنىشىۋېتىپتۇ. ئىشلەپچىقارغان كارخانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بۇ ئېكراننىڭ باھاسى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 90 دوللارغا يېتىدىكەن.

رازۋېلىرنىڭ ئېيتىشىچە بارماق سېزىش جەھەتتە iPad 2 بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تەيۋەندىكى 宸鸿集团 ، 胜华科技 ۋە 奇美电子 قاتارلىق 3 شىركەت زاپچاس بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇنىڭ پەرىزىچە ئالما شىركىتى كەلگۈسىدە، بارماق سېزىش قاتتىق دېتالى ئۈستىدە يەنە ئىنقىلاب خاراكتىرلىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېڭى iPad نىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرەپتىكى iSight كامېراسى 12.35 دوللارغا پۈتىدىغان بولۇپ، iPad 2 گە قارىغاندا 3 ھەسسە قىممەت ئىكەن. بۇ كامېرا iPhone 4 نىڭ كامېراسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. ئانالىزچىلار كامېرانىڭ زادى قايسى شىركەت تەمىنلىگەنلىكىنى بىلەلمىگەن. چۈنكى ئالما شىركىتى بۇ ئۇچۇرلارنى ئالاھىدە ئۇسۇلدا يوشۇرغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ پەرىزىچە كامېرا تەمىنلىگۈچى شىركەت تەيۋەننىڭ 大立光电 ۋەياكى Omnivision شىركىتى بولىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇندىن بۇرۇن Chipworks دەيدىغان بىر شىركەتنىڭ بايقىشىچە، iPhone 4S نىڭ ئوپتىكىلىق كامېراسىنىڭ CMOS سېنزورى SONY دىن كەلگەنمىش.

ئالمىنىڭ A5X CPU سىنى SAMSUNG شىركىتىگە بۇيرۇتۇپ ياسىتىدىكەن. بۇ CPU نىڭ باھاسى 23 دوللار بولۇپ، iPad 2 گە قارىغاندا 14 دوللار قىممەت ئىكەن. يېڭى iPad نىڭ باتارىيەسىنى ئالاھىدە چوڭ دەرىجىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، باھاسى تەخمىنەن 32 دوللار ئىكەن. بۇ iPad 2 نىڭ باتارىيەسىدىن 25 دوللار قىممەت ئىكەن. لېكىن، باتارىيە ھەجمى % 70 تىن كۆپرەك چوڭايغان.

كېلەر ھەپتە ئىچىدە پەن – تېخنىكا تور بېكىتى iFixit مۇ يېڭى iPad كە قارىتا ئانالىز ئېلىپ بارىدىكەن.

خاتىمە

ئاتاقلىق لېكسىيە پروفىسسورى، دوكتور 郎咸平 نىڭ ئېيتىشىچە، بىر ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ 7 باسقۇچى بولىدۇ. بۇنى 6+1 دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان باسقۇچنىڭ بىرىنجىسى، مەھسۇلات لايىھەلىنىشى؛ ئىككىنجىسى، خام ماتېرىيالنىڭ سېتىۋېلىنىشى؛ ئۈچىنجىسى، ئامبارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ترانسپورت؛ تۆتىنجىسى، زاكاس بىر تەرەپ قىلىش؛ بەشىنجىسى، توپ تارقىتىش؛ ئالتىنجىسى پارچە سېتىش؛ بۇنىڭدىكى 1 بولسا پەقەتلا ئىشلەپچىقىرىش ئىكەن.

قاراپ باقساق، ئالما شىركىتى ئالدىنقى 6 باسقۇچنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ چاڭگىلىدا كونترول قىلىدىكەن. ئاخىرىدىكى 1 نى بولسا 富士康 ۋە SAMSUNG غا ئوخشاش ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارغا تاشلاپ بېرىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىشتا زور ئادەم كۈچى ۋە مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسىدىن سىرت، ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر قاتارلىق ئۇششاق باش ئاغرىقى مەسىلىلىرى بولىدۇ. ئالما بۇنداق باش ئاغرىقلىرىدىن ناھايىتى ئازغىنە پايدىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپلا خالىي بولىدىكەن. بىز بۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟


ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس

بۇلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈڭ
تەۋسىيە
ئېلان
قەسىر مېھمانسارىيى - سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئېسىل تاللىشىڭىز ئىسكەندەر كېيىم-كېچەكلىرى - ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى!
بۇ ماقالىنى ھەمبەھرلىنىڭ
ستاتىستېكا

8726

تېما

892

ئەزا

36

توردا
bottom

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش