جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 302 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

قۇلاقلىق ئىشلەتكەندە قۇلاق ساغلاملىقىغا دى ...

2012-5-1 03:36| يوللىغۇچى : admin| كۆرۈش: 166| باھا: 0

قۇلاقلىق (نائۇشنىك) MP3 فورماتىدىكى مۇزىكا ئاڭلاش مودا بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كەڭ قوللىنىلماقتا. قولىمىزدىكى iPod, iPhone قاتارلىق iOS ئۈسكۈنىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كىچىك باشلىق، قۇلاق ئىچىگە كىرگۈزۈپ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىق ئىشلىتىمىز. بىز مۇزىكا ئاڭلىغۇچە قۇلاق ئىچىگە چىڭ سېلىۋالىدىغان بۇ نەرسىنىڭ قۇلىقىمىزغا بولغان تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاشتۇقمۇ؟



150 يىل بۇرۇن ئىنسانلار ئۇزۇن مەزگىل شاۋقۇن-سۈرەن ئىچىدە تۇرغاندا ئاڭلاش سېزىمىنىڭ مەڭگۈلۈك قاتتىق زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقنى بايقاشقان. بۇ ئاساسلىقى كەكە-پالتا، قىڭراق-پىچاق، نەيزە-قېلىچ سوقىدىغان تۆمۈرچىلەردە كۆپ ئۇچرىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل كىسەللىكنى ئىلگىرى كىشىلەر «تۆمۈرچىلىك كىسىلى» دەپ ئاتىشىۋالغان. زامان تەرەققى قىلىپ ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە بۇنى بىز «MP3 كېسىلى» دەپ ئاتىساقمۇ بولىدىغان بولدى.

قۇلاقلىق ئىشلەتكەندە قۇلاق ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ

رەسىمدىكىدەك بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مېدىتسىنا ژورنىلى ئېلان قىلغان يېقىنقى بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى %20 ياشلار ئوخشاش  بولمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەرىجىدە ياكى مەڭگۈلۈك ئاڭلاش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ياكى زەخمىلىنىش كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان.

ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسى بەش ئەزا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 100 دېتسىبېل دەرىجىدىكى MP3 نى 15 مىنۇت ئاڭلىغاندا ئاڭلاش سېزىمىنىڭ مەڭگۈلۈك زەخمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن ھازىر ناھايىتى كۆپ قىسىم MP3 لەرنىڭ ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسى 115 دېتىسېلدىن يۇقىرى.

iPod ۋە iOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مودا بولىشىغا ئەگىشىپ، مۇزىكا ياشلارنىڭ دائىم يېنىدىن ئايرىلماس بىر نەرسىسىگە ئايلاندى. بەزىلەرنىڭ كۈنىگە ھەتتا نەچچە سائەتلەپ قۇلاقلىق بىلەن مۇزىكا ئاڭلايدىغان ئادىتىمۇ بار. مۇشۇنداق ئادىتى بار كىشى ئادىتىنى ۋە مۇزىكا ئاڭلاش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتمىسە، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن نۆۋەتتە قۇلاقلىقنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان، ئاڭلاش سېزىمىگە دەخلى قىلمايدىغان ياخشىراق بىرەر ئۇسۇل چىققىنى يوق.

تەتقىقاتچىلار قۇلاق ۋە قۇلاقلىقنى ناھايىتى ياخشى بىر ئۇسۇلدا بېرىكتۈرۈپ ھەم قۇلاققا زىيان سالمايدىغان، ھەم مۇزىكا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان لايىھەلەرنى تۈزىۋاتىدۇ. مۇشۇ تەتقىقات تاتلىق مىۋە بېرىشتىن بۇرۇن iOS ئىشلەتكۈچىلىرى قۇلاقلىق بىلەن مۇزىكا ئاڭلىغاندا ئاۋازنى %50 تىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ ئاڭلىشى ۋە ئۇزاق داۋاملاشتۇرماسلىقى ماقۇلدۇر.


ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس

بۇلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈڭ
تەۋسىيە
ئېلان
قەسىر مېھمانسارىيى - سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئېسىل تاللىشىڭىز ئىسكەندەر كېيىم-كېچەكلىرى - ئەرلىك سالاپىتىڭىزنىڭ نامايەندىسى!
بۇ ماقالىنى ھەمبەھرلىنىڭ
ستاتىستېكا

8726

تېما

892

ئەزا

35

توردا
bottom

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش