پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى

يۈرىكىمىز تونۇدى ، لېكىن بىزمەغرۇر

يۈرىكىمىز تونۇدى ، لېكىن بىزمەغرۇر

 

زۇلپىقاربارات ئۆز باش

 

ھەيرانلىقئىلكىدەقالدۇق قارشىپ،
ۋۇجۇدقا تارىدى يېنىك بىر تىتىرەك .
نىگاھلار ئۇچراشتى شۇنچە تاساددىب،
تونۇشتى كۆزىمىز ، تونۇشتى يۈرەك.

نېمانچەتونۇشدەپ ئويلىدىڭ بەلكىم،
چېھرىڭدە گۇۋاھ بوپ ياندى تېڭىرقاش.
تومۇرغا تارىدى ئسسىق بىر ئېقىم.
مېھرلىك قارىساڭ بولۇپ بىر قۇياش.

توۋادەپئۆزۈمنى قويدۇم يۈتتۈرۈپ،
سەنمۇ ھەم جىمىدىڭ كۆڭلۈڭ تۇيغاندەك،
ئېخ،لەۋلەر بىزۇۋان ،قالدۇق بىز تۇرۇپ،
مىدرىماي بىر پەسكە مىخلاپ قويغاندەك .

شۇدەقىقبۇرۇلدۇڭ شۇنچە بىتۇيۇق،
مەغرۇرلۇق ئىلكىدە كەتتىڭ يىراقلاپ،
ئېھتىمال يۈرىكىڭ بەرگەندۇر بۇيرۇق ،
كەتكەندۇر سەن بىلەن شېرىن بىر ئازاب.

ۋەلېكىنقاچتىڭسەن مېنى پەپىلەپ ،
بىر تاتلىق خىيالغا قالدىم بۆلىنىپ.
يۈرەكنى قىينىدۇق مەغرۇرلۇقنى دەپ.
قالغانسەن سەنمۇ ھەم مەندەك پۇچۇلىنىپ.

ئويلىسام،تېپىشىپ،بولۇپيېشىلنۇر،
چۈشلەرنى كەزگەنكەن مۇھەببەت ئەسلى.
يۈرەكلەر تونۇدى،لېكىن بىز مەغرۇر ،
قېچىشتۇق كەلگەندە ۋىسالنىڭ پەسلى.

باشقىدىن كۆڭلۈڭسۇ ئىچمەي بىر كۈنى،
نەدە دەپ قارىساڭ كەينىڭگە قىيا.
ئىسمىمدۇر زۇلپىقار ، ئىزلىسەڭ مېنى.
ئالدىڭدا ئۈنەرمەن بولۇپ نۇر ، زىيا.

2000- يىل ئاۋغۇست

يازما ئاپتورى:

كىچىكىمدە مومامنىڭ كونا بىر ساندۇقى بولىدىغان ئېچىدىن ھەرخىل -تاتلىق تۈرۈملەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى ،مېنىڭ ساندۇقۇم يوقكەن ، ئىچىدە ساقلانغان تاتلىقلىرىم تېخىمۇ يوقكەن ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە پەرزەنتلىرىمگە مۇشۈ بلوگقا يىغىپ قويغان ھالال ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى بولغان تەرجىمىلىرىمنى سۇنالايدىكەنمەن.


يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11588

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-04-23
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئۆزباش ئەسەرلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: