ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟
ئىستېتىزم دېگەن نېمە؟
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
ئىستېتىزم 19- ئەسىردە ياۋروپادا مودا بولغان ئەدەبىيات- سەنئەتتىكى بىر خىل پىكىر ئېقىمى. ئىستېتىزم «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ سەنئەتنىڭ تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ؛ ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ شەكلەن گۈزەللىكى بىلەن ئىپادىلىنىش ماھارەتلىرىنى قوغلىشىپ، ئىجتىمائىي رولى بىلەن مەنپەئەت مۇددىئالىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.
ئىستېتىزم ئەڭ بۇرۇن فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن. گاۋتىيېر 30- يىللاردىلا «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى بىلەن ئىجادىيىتى ئەدەبىياتتىكى ئىستېتىزملىق ئاۋانگارتلىققا يول ئېچىپ بەرگەن. 60- يىللاردا فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن پارنېيىس ئېقىمىدىكىلەر گاۋتيېرنىڭ شېئىردا نوقۇل شەكلىيلىك بىلەن ئوبيېكتىپلىقنى قوغلىشىش خاھىشىنى راۋاجلاندۇرغان.
ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ئوسكار ۋىلدى ئىستېتىزم نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئوسكار ۋىلدى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىستېتىزمنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىسى. ئۇ ئەنگىلىيەدىكى دەللاللىق (مىشچانلىق) پەلسەپىسى بىلەن ساختا ئەخلاققا نەپرەتلىنىپ، شەخسىي ھوزۇر تۇيغۇسىنى قوغلاشقان؛ «سەنئەت مۇستەقىل ھاياتقا ئىگە، ئۇ ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ «سەنئەت تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ، بەلكى تۇرمۇش سەنئەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، رېئال تۇرمۇش رەزىل بولىدۇ، پەقەت سەنئەتلا مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە» دەپ قارىغان. ئوسكار ۋىلدى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق باش تېمىسى مۇھەببەت ۋە ھوزۇر- ھالاۋەت قوغلىشىشتۇر. ئۇ ۋەكىللىك ئەسىرى «دورىيان گرېينىڭ پورتېرىتى» ناملىق رومانىدا ئۆزىنىڭ چۈشكۈنلۈككە تولغان راھەتپەرەسلىك ئىدىيەسى ۋە «سەنئەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دەيدىغان تەشەببۇسىنى گەۋىدىلەندۈرگەن.
چاڭ ئەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلىملىرىدىن جەۋھەرلەر» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11153