1905- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: ھېنىرىك سىنكىۋىچ
1905- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى
مۇكاپاتقا ئېرسىشكەن ئەسىرى: مەنزىلىڭ قايان Zuo Vadis
ئاپتورى: ھېنىرىك سىنكىۋىچ
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
ئەسەر ئۈچۈن قىسقىچە ئەسلەتمە: سىنكىۋىچنىڭ «مەنزىلىڭ قايان» ناملىق تارىخىي رومانىدا نىرۇنىڭ ئوبرازى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن : گۇمانخورلۇقتا ئۇچىغا چىققان بۇ رەھىمسىز ھۆكۈمراننىڭ بىر جۈپ قولى خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان . رەسىمدە رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان نىرو روھىي جەھەتتىن گۇمران بولۇپ ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتكەن .
مۇكاپاتلاش كومېتىتېكىلەرنىڭ باھاسى
ئۇنىڭ تارىخىي رومان يېزىقچىلىقى جەھەتتىكى قالتىس نەتىجىسى ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى .
مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە
ھېنىرىك سىنكىۋىچ (Henryk Sienkiewicz , 1846 – 1916) پولشا پايتەختى ۋارشاۋاغا يېقىن كېلىدىغان فۇرا ئوكراي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئانىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ۋارشاۋا ئالىي مەكتىپىنىڭ مىدېتسىنا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ، لېكىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئالمىشىۋالغان . 1871 – يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋارشاۋا ئالىي مەكتىپىنى ۋارشاۋا ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتكەندە ، ئۇ ئاچچىقىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتناشمايلا مەكتەپتىن ئايرىلىپ ، قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن .
ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئەدەبىي پائالىيىتىنى باشلىغان . «كۆمۈر قەلەمدە سىزىلغان تېز سىزما» قاتارلىق بىر قاتار ئېسىل ھېكايە ، پوۋېسىتلىرىدا ئېزىلگەن مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن .
18836 – يىلى ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تارىىخي ھېكايە يېزىشقا يۈزلەنگەن . 1 – دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ، شىۋېتسارىيىگە كۆچمەن بولۇپ ، «پولشا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنى قۇتقۇزۇش كومېتىتى» نى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان . 1916 – يىلى 15 – نويابېر كېسەل سەۋەبىدىن شىۋېتسارىيىدە ۋاپات بولغان . سەككىز يىلدىن كېيىن ، پولشا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ مېيىت ساندۇقىنى ۋارشاۋاغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ ، دۆلەت بويىچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن .
شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەنلەر :
تولىستوي (رۇسىيە)
لاگرلوف (شىۋېتسىيە)
كىپلىڭ (ئەنگلىيە
سىنكىۋىچ (پولشا)
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل
«مەنزىلىڭ قايان» – ۋەقەلىكى ئەگرى- توقاي ، ئوقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك تارىخىي روماندۇر . روماندا رىملىق ئاقسۆڭەك يىگىت ۋېنىكۇس بىلەن لىگىيا دېگەن قىز ئوتتۇرىسدىكى مۇھەببەت ھېكايە قىلىنىش ئارقىلىق زالىم پادىشاھ نىرۇ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .
روماندا ئىككى يىپ ئۇچى ئارقىلىق مىلادى 1 – ئەسىرنىڭ 50 – 60 – يىللىرىدىكى رىم ئىمپېرىيىسىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى نامايان قىلىنغان . يەنى پادىشاھ نىرۇ بىلەن ۋەزىر – ۋۇزۇرالار ئارىسىدىكى زىددىيەت بىلەن نىرۇ باشچىلىقىدىكى زالىم رىم ھۆكۈمىتىنىڭ خىرىستىيان دىنىغا ئىشىنىدىغان قۇللارغا قىلغان ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىكى ۋەقەلىك قىلىنىدۇ . روماندا تەسۋىرلەنگەن زالىم پادىشاھ نىرۇنىڭ قولى خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان . بۇلا ئەمەس ، ئاپىسى ، ئايالى ۋە ئۇنىڭغا ساۋاق بېرىدىغان ئۇستازى سېنىگامۇ ئۇنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ ، ھەتتا ئۇنىڭ كۆڭلى ئەڭ يېقىن ۋەزىرى فىتىرونىيۇسمۇ ئۇنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . ئۇ ئوت كەتكەن مەنزىرىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن شەھەرگە ئوت قويۇشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ . كېيىن ، ئوت قويغانلىق گۇناھىنى خىرىستىيان مۇخلىسلىرىغا دۆڭگەپ قويۇپ ، بۇ بىچارە بىگۇناھ كىشىلەرنى دۇئېلغا سېلىپ قىرغىن قىلىدۇ ياكى ئۇلارنى كرىسىتقا مىخلاپ ئاۋام – خەلق ئالدىدا نامايىش قىلىدۇ ، ھەتتا «ئوت تۈۋرۈكى» گە باغلاپ ، تىرىك پېتى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ . ئەڭ ئېچىنىشلىقى ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان لىگىيا دېگەن قىز ماھارەت سىنىشىش مەيدانىدا قۇترىغان ياۋا كالا تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ …
ئاقسۆڭەك يىگىت ۋېنىكۇس بىلەن لىگىيانىڭ سۆيگۈ ماجراسى ۋە خىرستىيان دىنىدا تەرغىپ قىلىنىدىغان ئاقكۆڭۈللۈك ، مېھرى – شەپقەت ، سەۋر – تاقەت ، ئەپۇچانلىق بىلەن قانلىق كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان . مانا بۇنى روماننىڭ ئىككىنچى يىپ ئۇچى دېيىشكە بولىدۇ . ۋېنىكۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بىر ياش قوماندان . ئۇ دەسلەپتە لىگىيانىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ ، ئۇنى بۇلاپ كېلىپ ئاشنا قىلىۋالماقچى بولىدۇ ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ . بىللە ئاپارغان قولچۇماقلىرىمۇ بىكاردىن بىكار جېنىنى سېلىپ بېرىدۇ ، ئۆزىمۇ لىگىيانىڭ قوغدىغۇچىسى بىلەن بولغان ئېلىشىشتا بىلىكىدىن ئايرىلىپ ، جېنىغا خەۋپ يەتكىلى تاسلا قالىدۇ . لېكىن ، ئاقكۆڭۈل لىگىيا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ ، ئۇنىڭ يارىسى ساقايغۇچە ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ . لىگىيانىڭ ئېسىل پەزىلىتىدىن تەسىرلەنگەن ۋېنىكۇس ئاخىرى رەزىللىكتىن قول ئۈزۈپ ھەقىقەتكە قايتىپ ، خىرىستىيان دىنىي ئەقىدىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان لىگىيا بىلەن شېرىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆمىدۇ .
ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
1872 – يىل : «بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك» ، رومان ؛
1876 – 1878 يىل : «ئامېرىكا تەسىراتلىرى» ، رومان ؛
1877 – يىل : «كۆمۈر قەلەمدە سىزىلغان تېز سېزما» ، رومان ؛
1879 – يىل : «مۇزىكانت يانىك» ، رومان ؛
1880 – يىل : «پەرىشتە» ، رومان ؛
1886 – يىل : «كەلكۈن» ، رومان ؛
1889 – يىل : «پان ۋولودىۋسكى ئەپەندى» ، رومان ؛
1896 – يىل : «مەنزىلىڭ قايان» ، رومان ؛
1900 – يىل : «ئەھلىسەلپ چەۋەندازى» رومان .
ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى
«ئەھلىسەلپ چەۋەندازى» ، سىنكىۋىچ (پولشا) ، مېي رۇيى تەرجىمىسى ، خۇنەن ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى ، 1998 – يىل ؛
«مەنزىلىڭ قايان» ، سىنكىۋىچ (پولشا) ، جاڭ جېنخۇي تەرجىمىسى ، خەلق ئەدەبىيات نەشرىياتى ، 2000 – يىل ؛
«ئۈچىنچى ئايال» ، سىنكىۋىچ (پولشا) ، لىن خوڭلىياڭ تەرجىمىسى ، لى جىياڭ نەشرىياتى ، 1987 – يىل .
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى
«پولشانىڭ تارىخىي ئېپوسلىرى سىنكىۋىچ بولغاچقىلا ھەقىقىي پورەكلەپ ئېچىلالىدى .»
ئو . ۋېلسون
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11568