دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 18- باب
دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى
(رومان)
ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى
ئون سەككىزىنچى باب
ئۇ ئەتىسى ئۆيدىن تالاغا چىقمىدى . ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويغانىدى . لېكىن ، ئۇ جان قايغۇسىغا ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمىدى . قاچان كەينىمگە بىرسى چۈشۈۋالاركىن ، قاچان تۇتۇلۇپ قالارمەنكىن ، قىلتاققا چۈشۈپ قالارمەنكىن دېگەندەك ۋەھىمىلىك خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغان ئىدى . تامغا ئېسىلغان گىلەمنىڭ شامالدا سەلگىنە تەۋرىنىشى بىلەن تەڭ ، ئۇنىڭ تېنى جىغغىدە قىلىپ قالدى . قۇرۇپ كەتكەن غازاڭلارنىڭ شامالدا ئۇچۇپ قوغۇشۇن كېشەكلىك دېرىزە ئەينىكىگە دەممۇدەم ئۇرۇلۇشىدىن ئۇ خىياللىرى پۈتۈنلەي بەربات بولغاندەك ، چەكسىز ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى . كۆزلىرىنى يۇمۇۋېدى ، گويا ھېلىقى سۆرۈن تەلەت ماتروس قويۇق تۇمان باسقان دەرىزىدىن ئۆزىگە ياۋۇزلارچە قاراپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قايتىدىن ۋەھىمە چۇلغۇۋالدى .
بەلكىم ئۇنىڭ بۇ خىيالىي تۇيغۇلىرى ئىنتىقام ئىلاھىنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چاقىرىپ چىقىپ ، چىرايى ۋەھىمىلىك تۈس ئالغان ياۋۇز ماتروسنىڭ سىيماسىنى كۆز ئالدىدا زاھىر قىلغاندۇ . رېئال تۇرمۇش قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان بولسىمۇ ، لېكىن تەسەۋۋۇر شۇنچىلىك تەرتىپلىك بولاتتى . دەل ئاشۇ تەسەۋۋۇر تەسەۋۋۇر بولغاچقىلا ، ئۆچمەنلىك جىنايەتنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپلا يۈرەتتى . بۇ دۇنيادا ئەسكىلەر تېگىشلىك جازاسىنى تارتمايىتتى ، ياخشىلارمۇ قىلغان ئەجرىگە لايىق جاۋابقا ئېرىشەلمەيىتتى . مۇۋەپپەقىيەت كۈچلۈكلەرگە ، مەغلۇبىيەت ئاجىزلارغا مەنسۇپ بولاتتى ، بۇ ئۇدۇم ئەزەلدىن شۇنداق ئىدى . ئېنىقكى ، بۇ ئۇنىڭ خىيالىي تۇيغۇسى ئىدى . سىبىل ۋېيىننىڭ ئىنىسىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرىمەن دەپ كەينىگە چۈشۈشى مۇمكىن ئەمەس ، ئۇ ئاللىقاچان يىراق دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ كەتتى ، بۇ چاغقا دېڭىزغا غەرق بولدىمۇ تېخى . مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ ئەمدى دورىيانغا خەۋپ يەتكۈزەلمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇ دورىياننىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس . دورىياننىڭ نەۋقىران يىگىتلەرگە خاس ئاشۇ چىرايى ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى .
ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ سۆرۈن كۆلەڭگۈسى پىنھان بۇلۇڭلاردىن ئۇنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ماراپ تۇرسا ، مەسخىرە قىلسا ، زىياپەتتە ئولتۇرغاندا قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىسا ، تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە مۇزدەك قوللىرى بىلەن ئويغاتسا ، نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق – ھە ! ئاشۇنداقلا بولىدىغان بولسا ، ئۇ ئەمدى قانداق ياشايدۇ ؟ ئۇنىڭ كاللىسىنى ۋەھىمىلىك خىياللار چىرمىۋالدى ، قورققىنىدىن چىرايلىرى تامدەك تاتىرىپ ، ھاۋا بىردىنلا سوۋۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى . ھەي ! ئۇ بازىلنى ھەجەپ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋەتتى – ھە ! ئۇنىڭغا شۇ ئەندىشىمۇ يېتىپ ئاشاتتىغۇ ! جىمى ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر – بىرلەپ زاھىر بولدى . قورقۇنچلۇق ئىشلار ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىپ باراتتى . سائەت ئالتە بولغان چاغ ، لورد ھېنىرى كېلىپ دورىياننىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدە ھۆركىرەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى .
دورىيان ئۈچ كۈن ئۆتكەندىلا ئاندىن ئۆزىگە غەيرەت بېرىپ سىرىتقا چىقتى . قىش كۈنلىرىنىڭ سەھەر ۋاقتىدىكى كۈچلۈك قارىغاي ھىدى ئارىلىشىپ كەتكەن ساپ ھاۋاسى دىمىقىغا ئۇرۇلۇشى بىلەن ، ئۇ خېلى تېتىكلىشىپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى . لېكىن ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇھىت بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق ئىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆڭلىنى مالىمان قىلىپ ئارام بەرمەيۋاتقان ئازاب ئېڭى بىلەن تەبىئىتى كەسكىن ئېلىشىۋاتاتتى . پىسىخىكىسى ساغلام كىشىلەرلا ئازاب – ئوقۇبەت ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ . قايغۇ – ھەسرەت بىلەن سۆيگۈ – مۇھەببەت قانچىكى تېيىز بولسا ، شۇنچە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ . قانچىكى كۈچلۈك بولسا ، ئۆز ئىچىدىن گۇمران بولىدۇ . شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەھىمىلىك خىياللىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىغا تولۇق ئىشەندى ، ئۆز – ئۆزىگە ئېچىندى ، ئۆزىنى ناھايىتى پەس كۆردى .
ناشتىدىن كېيىن ، ئۇ كېنەز خانىم بىلەن گۈللۈكتە بىر سائەت ئايلاندى ، ئاندىن پەيتۇنغا ئولتۇرۇپ ، قورۇقتا ئوۋ ئوۋلاۋاتقان بىر توپ ئوۋچىلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى . شەبنەم تامچىلىرى ئوت – چۆپلەرنىڭ يۈزىدە خۇددى مەرۋايىتتەك يالتىرايتتى ، ئاسمان گويا دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان كۆك رەڭلىك مېتال ئىستاكانغا ئوخشاپ قالغان ، بولۇق ئۆسكەن قومۇشلۇق كۆل يۈزىنى نېپىز بىر قەۋەت مۇز تۇتقان ئىدى .
قارىغايزارلىقنىڭ چېتىگە بارغاندا ، ئۇ كېنەز خانىمنىڭ ئىنىسى سېر جېفرىي كلاۋستوننىڭ ئوۋ مىلتىقىدىن ئىككى پاي ئوق ئۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ، پەيتۇندىن سەكرەپ چۈشتى – دە ، ئاتباقارغا ئاتنى ئۆيگە ئەكېتىشنى تاپىلىدى ، ئاندىن قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن ياۋروپا سارچىسى ۋە بولۇق ئۆسكەن چاتقاللىقلاردىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى .
– قانداقراق ، جېفرىي؟ – سورىدى دورىيان .
– تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ، دورىيان . قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى كەڭرى دالىلارغا ئۇچۇپ كەتكەندەك قىلىدۇ . چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ، باشقا جايغا بېرىپ باقساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ .
دورىيان ئۇنىڭ بىلەن يانمۇيان مېڭىپ بىردەم ئايلاندى . ھاۋادىن جانغا ھوزۇر بېغىشلايدىغان بىر خىل خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلاتتى ، سەھەر قوياشىنىڭ كۈچلۈك نۇرى دەرەخلەر ئارىسىدا نازغىپ كۆزنى قاماشتۇراتتى ، كىشىلەر بىرەر ئوۋ نىشانىنى بايقىغان ھامان ئەسەبىيلەرچە قىقاس – سۈرەن سالاتتى ، ئارقىدىن مىلتىقنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك پاڭىلداپ ئېتىلغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى . بۇ جۇشقۇن كۆرۈنۈشلەر ئۇنى ئوبدانلا جەلىپ قىلىۋالدى ، كۆڭلىمۇ خېلى ئېچىلىپ قالدى ، بايىقى غەم – ئەندىشىلەر ئۇنتۇلۇپ ، چەكسىز بىر خۇشاللىق قوينىغا چۆمدى .
شۇ ئەسنادا ، ئۇنىڭ ئالدىدىن – يىگىرمە نەچچە يارد يىراقلىقتىكى دولقۇنلىنىپ تۇرغان بولۇق ئوتلاق ئارىسىدىن بىر ياۋا توشقان سەكرەپ چىقتى . ياۋا توشقان قاپقارا تۈكلۈك ئۇزۇن قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ، سەكرەپ – تاقلىغىنىچە ئالىنۇس دەرىخنىڭ كامېرىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى . جېفرىي شۇئان مىلتىقىنى كۆكرىكىگە تىرەپ توشقاننى قارىغا ئالدى . توشقاننىڭ چىرايلىق ھەرىكەتلىرى دورىئان گرېينى جەلپ قىلىۋالغان ئىدى . ئۇ شۇ ھامان «ئوق چىقارماڭ جېفرىي ، ئۇنى ئاتماڭ » دەپ توۋلىدى .
– نىمىدەپ دەپ جۆيلۈۋاتىسىز دورىيان ! – جېفرىي كۈلۈپ كەتتى . ياۋا توشقان ئالىنۇس دەرىخىنىڭ ئارىسىغا ئۆزىنى ئېتىشىغا ، جېفرىيمۇ تەڭ ئوق ئۈزدى . شۇئان ، ئىككى يەردىن ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى . بىرى ، ئوق تەگكەن ياۋا توشقاننىڭ ئاۋازى بولۇپ ، نالىسىگە چىدىغىلى بولمايىتتى . يەنە بىر يەردە بىر ئادەم ئېچىنىشلىق داد – پەرياد كۆتۈرۈپ ، يۈرەكنى ئەزگۈدەك دەرىجىدە نالە قىلىۋاتاتتى .
– ئاھ تەڭرىم ! بىر ئادەمنى ئېتىپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ ! – جېفرىي ئەنسىز ۋارقىرىۋەتتى ، – نېمانداق كالۋا نېمە ئۇ . مىلتىقنىڭ ئالدىغا يۈگۈرگىنى نىمىسى ! ئاتماڭلار ! – ئۇ ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ توۋلىدى ، – بىر ئادەم يارىلاندى .
ئوۋ مەيدانىنىڭ كۈزەتچىسى كالتىكىنى كۆتۈرگىنىچە يۈگرەپ كەلدى .
– ئوق تەگكەن ئادەم قېنى ئەپەندىم ؟ – ۋارقىرىدى كۈزەتچى . شۇھامان مىلتىق ئاۋازلىرىمۇ چىپپىدە توختىدى .
– ئەنە ئاۋۇ يەردە ، – چاتقاللىققا ئالدىراش كىرىپ كېتىۋاتقان جېفرىي زەردە بىلەن جاۋاپ بەردى ، – خىزمەتكارلىرىڭىزغا نېرىراق تۇرۇڭلار دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ مانا بۈگۈنكى ئوۋ ئوۋلاش كەيپىممۇ بىراقلا يوققا چىقتى .
دورىئان ئۇلارنىڭ لەپپەڭشىپ جىم تۇرمايۋاتقان يۇمران شاخ – شۇمبلارنى قايرىپ ئالىنۇس دەرەخلىكىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇردى . ھايال ئۆتمەي ، ئۇلار بىر جەسەتنى ئوچۇقچىلىققا سۆرەپ چىقتى . دورىيان قورققىنىدىن كەينىگە ئۆرۈلۈۋالدى ، گويا نەگىلا بارسۇن ، بالا – قازا ئۆزىگە ئەگىشىپ يۈرگەندەكلا ھىس قىلدى . ئۇ جېفرىينىڭ ھىلىقى ئادەمنىڭ ئۆلگەن – ئۆلمىگەنلىكىنى سورىغانلىقىنى ، ئوۋ مەيدانى كۈزەتكۈچىسىنىڭ «ئۆلۈپتۇ» دېگەن جاۋابىنىمۇ ئاڭلىدى . كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ، بىر توپ ئادەم يىغىلىپ غولغۇلا قىلىشقا باشلىدى ، ئەتراپ بىردەمدىلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى . كۆكرىكى سۆسۈن كەلگەن يوغان بىر ياۋا توخۇ دەرەخ ئۈستىدىن پۇررىدە ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى .
ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى . بۇ بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت دەككە – دۈككە ئىچىدە ئاران تۇرغان ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئېيىتقۇسىز ئازاب چىرمىۋالغان دورىيان ئۈچۈن نەچچە سائەتتەك تۇيۇلۇپ كەتتى . بىر قول مۈرىسىگە قويۇلۇشى بىلەن تەڭ ، ئۇ ھودۇققىنىچە شاققىدە كەينىگە ئۆرۈلدى .
– دورىيان ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – كەيپىمىزنىڭمۇ پەكارى ئۇچتى ، بۈگۈنكى ئوۋ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇنمىكىن .
– بولدى ، ئوۋ ئوۋلاش دېگەننى ئىككىنچىلەپ كۆزۈم كۆرمىسۇن ھاررى ، – دېدى دورىيان ئازابلانغان ھالدا ، – ھەجەپ ئېچىنىشلىق ئىش بولدى – ھە ! كىم بولغىيىتتى ئۇ …
ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى .
– شۇنداق ، بەك ئېچىنىشلىق ئىش بولدى ، – دېدى لورد ھېنىرى ، – ئوقنىڭ ھەممىسى كۆكرىكىگىلا تېگىپتۇ ، ئۇ چوقۇم نەق مەيداندىلا جان بەرگەن گەپ . يۈرۈڭ ، ئەمدى قايتىپ كېتەيلى .
ئىككىيلەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي ئەللىك ياردقىچە يانمۇيان مېڭىشتى . شۇ ئەسنادا ، دورىيان لورد ھېنىرىغا يالىتتىدە بىرنى قاراپ قويۇپ ھەسرەت ئىلىكىدە دېدى :
– بۇ يامانلىقنىڭ بىشارىتى ، ھاررى . بىر شۇملۇق بۇرنۇمغا پۇراۋاتىدۇ .
– نىمە دېدىڭىز؟ – سورىدى لورد ھېنىرى ، – سىز مۇشۇ تاسادىپى ۋەقەنى دەۋاتسىزغۇ دەيمەن . بۇرادەر ، بۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . گۇناھنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدە . كىم ئۇنى مىلتىقىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ كەلسۇن دەپتۇ ؟ جېفرىيمۇ بۇ ئىشتا كۆپ تەڭقىسلىقتا قالدى . ئەمما ، بۇنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ، ئۆلگۈچىدىمۇ گۇناھ يوق . باشقىلار جېفرىينى قالايمىقان ئوق چىقاردى دەپ قالغاندەك تۇرىدۇ . ئەمىلىيەتتە ، ئۇنداق ئەمەس . لېكىن ، ئۇنىڭ ئاتقان ئوقى دەل تېگىدىكەن ئەمەسمۇ . ئەمدى بۇ ئىشنى تەگەۋەرگەننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق .
دورىيان بېشىنى چايقاپ قويدى .
– ياق ھاررى ، بۇ بىر پېشكەلچىلىكنىڭ بىشارىتى . كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ، ئىككىمىزنىڭ بىرىگە بىرەر بالا – قازا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ . بۇ بالا – قازا بەلكىم مېنىڭ بېشىمغا كېلەر ، – ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ، قولى بىلەن قاپىقىنى بېسىپ قويدى .
لورد ھېنىرى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .
– دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىشنىڭ بىرسى – كۆڭۈلسىزلىك ، دورىيان . شۇنداقلا بۇ كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر گۇناھ . لېكىن ، مېھمانلار تاماق ئۈستىدە بۇ ئىشنى تەگەپ تۇرۇۋالمىسىلا ، بۇنداق گۇناھقا دۇچار بولمايمىز . مەن ئۇلارغا بۇ ئىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلىپ قويسام بولغۇدەك . بالا – قازانىڭ بىشارىتى دەپ نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز . تەقدىر ئىلاھى بىزگە ئەزەلدىن بىرەر بىشارەت بېرىپ باققان ئەمەس . ئۇ شۇنچىلىك دانا ھەم شەپقەتسىز تۇرۇپ ، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ . نېمە ئىش قىلغىنىڭىزغا بېشىڭىزغا بالا – قازا كەلگۈدەك ، دورىيان؟ مانا ھەممە نېمىڭىز تەل ، سىزگە ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىشىدۇ ، بىزمۇ ئۇنىڭدەك بولۇپ قالغان بولساقچۇ دەپ ئارمان قىلىشىدۇ .
– مەن شۇلارنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالسامچۇ كاشكى . تولا كۈلۈۋەرمەڭ ھاررى ، راست دەۋاتىمەن . بايا ئۆلۈپ كەتكەن بىچارە دېھقان جېنىدا مەندىن كۆپ بەختلىك . مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن ، ئەزرائىلدىن قورقىمەن . ئەزرائىل گويا يوغان قانىتىنى كېرىپ ئەتراپىمدا چۆرگىلەۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدۇ . ئاھ تەڭرىم ! قاراڭ ، ئەنە ئاۋۇ ئورمانلىقتا بىرسىنىڭ مېنى پايلاپ يۈرگىنىنى كۆردىڭىزمۇ ؟
لورد ھېنىرى ئۇنىڭ پەلەي كىيىۋالغان ، توختىماي تىترەۋاتقان قولى بىلەن كۆرسەتكەن تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى .
– شۇنداق ، – دېدى لورد ھېنىرى كۈلۈمسىرىگىنىچە ، – باغۋەن سىزنى ساقلاۋاتقاندەك قىلىدۇ . پەرىزىمچە ، ئۇ سىزدىن كەچتە تاماق شىرەسىگە قانداق گۈللەرنى تىزىشنى سورىماقچىدەك قىلىدۇ . نېمانداق جىددىيلىشىپ كېتىسىز بۇرادەر ! شەھەرگە كىرگەندە دوختۇرۇم سىزنى بىر كۆرۈپ باقسا بولغۇدەك .
باغۋەننىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ، دورىياننىڭ كۆڭلى خېلى ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى . باغۋەن شىلەپىسىنى سەلگىنە قىمىرلىتىپ قويۇپ ، ئارىسالدى بولغان قىياپەتتە لورد ھېنرىغا قارىدى ، ئاندىن قوينىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ دورىيانغا تەڭلىدى :
– كېنەز خانىم جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ قالدى ئەپەندىم .
دورىيان خەتنى يانچۇقىغا سېلىۋېتىپ :
– كېنەز خانىمغا دەپ قوي ، مەن ھازىرلا بارىمەن ، – دېدى سوغوقلا . باغۋەن كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ تېز- تېز كېتىپ قالدى .
– ئاياللار خەتەرلىك ئىشقا تەۋەككۈل قىلىشقا نىمانداق ئامراقتۇ – ھە ! – لورد ھېنىرى كۈلۈپ قويدى ، – مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئىشىغىلا قايىل . بىرى سەللا دىققەت قىلدىمۇ بولدى ، شۇھامان ئايرىپ ئولتۇرماي ھەر قانداق ئادەمگە ناز – كەرەشمە قىلىۋېرىدۇ .
– تەۋەككۈلچىلىك ھەققىدە گەپ قىلىشقا بەك ئامراقكەنسىز ، ھاررى ! بۇ ئىشتا سىز زور خاتالاشتىڭىز . مەن كېنەز خانىمغا ئامراق ، لېكىن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن .
– كېنەز خانىم سىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن سىزگە ئانچە ئامراق ئەمەس . شۇڭا ئىككىڭلار قوشماق مېغىزدەك تازا ماس كېلىسىلەر .
– تولا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمىڭە ھاررى . ئۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەڭ .
– گەپمۇ بىكارغا چىقمايدۇ ، شۇڭا ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئۆزى ئەخلاقسىزلىق ، – دېدى لورد ھېنىرى بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ .
– ئاشۇ «ھىكمەتلىك» گەپلىرىڭىزنى قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمنى بوش قويمايدىكەنسىز ، ھاررى .
– كىشىلەر مېنساغا ئۆزى خالاپ بېرىشىدۇ ، – دېدى لورد ھېنىرى جاۋابەن .
– بىرەرسىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرۈپ باقسام بولاتتى ، – دورىياننىڭ ئاۋازى ئازابلىق تۈس ئالدى ، – مەندە ھېسسىيات دېگەندىن ئەسەر قالمىدى ، ئارزۇ – ئىستەكلىرىممۇ تەلتۆكۈس يوققا چىقتى . ئۆزۈمنىڭ ھالى بىلەنلا قالدىم ، ئادىمىيلىكىم ئۆزۈمگە يۈك بولدى . شۇ تاپتا يىراق – يىراقلارغا كەتكۈم ، ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇلۇپ كەتكۈم بار . بۇ يەرگە كېلىپ بەك دۆتلۈك قىپتىمەن . خارۋېيغا تېلىگرامما يوللاپ ، ساياھەت كېمىسى تەييارلاپ قوي ، دېسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ.كېمىگە چىقىپلىۋالسام خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم .
– قايسى خەتەرنى دەۋاتىسىز دورىيان ؟ سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ نىمە ئىش بولسا ئۇدۇل دەۋېرىڭ ، سىزدىن ياردىمىمنى ئايىمايمەن .
– سىزگە دېسەم بولمايدۇ ، ھاررى ، – ئۇنىڭ چىرايى غەمكىن تۈس ئالدى ، – ئېھتىمال ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندىكى خىيالىي تۇيغۇ بولۇشى مۇمكىن . بۇ ۋەقەدىن كۆڭلۈم تولىمۇ پاراكەندە بولدى . مۇشۇنداق بالا – قازا بېشىمغا كېلىپ قالامدىكىن دەپ قورقۇپ كېتىۋاتىمەن .
– نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز دورىيان ؟
– جۆيلۈش بولۇپ قالسىغۇ تازا ياخشى بولاتتى . لېكىن ، ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق خىياللار خىيالىمغا كىرىۋېلىپ زادىلا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ . ئوھوي ! كېنەز خانىم كەپتىغۇ . ئۇچىڭىزغا كىيىۋالغان ئېسىل مۇراسىم كىيىمىڭىز بىلەن گېرىتسىيىنىڭ ئايال ئوۋ ئىلاھىغا ئوخشاپ قالغىنىڭىزنى كۆرمەمدىغان . قارىڭە ، مانا بىز قايتىپ كەلدۇق كېنەز خانىم .
– بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپتىم گرېي ئەپەندىم ، – دېدى كېنەز خانىم ، – بىچارە جېفرىينىڭ روھى چۈشۈپ سالپىيىپلا قاپتۇ . سىزمۇ ئۇنىڭغا توشقاننى ئاتماسلىقنى ئەسكەرتىپتىكەنسىز بولمىسا . تازىمۇ غەلىتە ئىش بوپتىغۇ بۇ !
– شۇنداق ، ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش بولدى . نېمىشقىمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئەشۇ گەپنى قىلغاندىمەن . قارىغاندا ، شۇ چاغدا قېنىم قىزىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . ھىلىقى جانۋارمۇ بەك ئوماق ئىكەن ئىدۇق . ئەپسۇس ، ئۇلار سىزگە بۇ قورقۇنچلۇق ئىشنى دەپ ساپتۇ ئەمەسمۇ .
– ھەقىقەتەن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىش بولدى ، – گەپ ئارىلىدى لورد ھېنىرى ، – قىلچىلىك پىسخىلوگىيىلىك تەتقىقات قىممىتى يوقتە بۇ ئىشنىڭ . ئەگەر جېفرىي بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولسا ئىدى ، ئەنە شۇ چاغدىلا ئاندىن بۇ ئىشنىڭ تازا ئەھمىيىتى بولغان بولاتتى ! شۇ تاپتا مېنىڭ ئۇ قاتىل بىلەن تازا تونۇشقۇم كېلىۋاتىدۇ .
– بەك قورقۇنچلۇق ئادەمكەنسىز ھاررى ! – دېدى كېنەز خانىم ، – شۇنداقمۇ ، گرېي ئەپەندى ؟ ھاررى ، ھاررى ، گرېي ئەپەندىم بولالماي قېلىۋاتىدۇ ، ھۇشىدىن كېتەي دەپ قالدى .
دورىيان تولىمۇ تەسلىكتە قەددىنى رۇسلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .
– ھىچ ئىش يوق كېنەز خانىم ، – پىچىرلىدى دورىيان ، – كۆڭلۈم تازا جايىدا ئەمەس . ئەتىگەن بەك ئۇزۇن مېڭىۋەتكەن بولسام كېرەك . بايا ھاررى نېمە دېدى ؟ چوقۇمكى ناھايىتى رەزىل گەپلەرنى قىلدىغۇ دەيمەن ؟ ئۇنىڭ نېمە دېگىنىنى ماڭا باشقا كۈنى ئېيتىپ بېرەرسىز . كەچۈرۈڭ ، بىردەم يېتىۋالمىسام بولمىدى . ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم .
ئۇلار مېڭىپ – مېڭىپ ، گۈللۈك شىپاڭدىن بالكونغا تۇتىشىدىغان ھىلىقى پەلەمپەيگە كېلىپ قالغان ئىدى . دورىيان ئەينەك ئىشىكنى يېپىپ كىرىپ كېتىشىگە ، لورد ھېنىرى شاققىدە كەينىگە ئۆرۈلدى – دە ، ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرى بىلەن كېنەز خانىمغا تىكىلىپ سورىدى ، – سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزما ؟
كېنەز خانىم دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمەي ، ھاڭۋاققىنىچە چىرايلىق مەنزىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ قالدى .
– ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ، – دېدى ئۇ ئاخىرى .
لورد ھېنىرى بېشىنى چايقاپ قويدى .
– ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولۇپ كەتسە ، جانغا زامىن بولىدۇ . بىر نەرسىگە بولغان تونۇش قانچىكى غۇۋا ، قانچىكى مەۋھۇم بولسا ، شۇ نەرسە كىشىگە شۇنچە ئۇز بىلىنىدۇ .
– ئۇنداق غۇۋا بولۇپ كەتسە ، ئاسانلا يولدىن ئادىشىپ قالىدىغان گەپ .
– ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىسىنىڭ مەنزىلى بىر يەردە ئاخىرلىشىدۇ ، سۆيۈملۈك گلادىس .
– نەدە ئاخىرلىشىدۇ؟
– خىيالىي تۇيغۇ بەربات بولغان يەردە .
-مېنىڭ ھاياتىم دەل ئاشۇ خىيالىي تۇيغۇ بەربات بولغان يەردە باشلىنىدۇ ، – كېنەز خانىم يېنىككىنە ئۇھسىنىپ قويدى .
– سىز خىيالىي تۇيغۇنى ھېس قىلىپ بولغۇچە ، ئۇ خان تاجى بولۇپ بېشىڭىزغا كىيىلىپ بولىدۇ .
– مەن بۆلجۈرگەن يوپۇرمىقى شەكىلىدىكى تاجىسىمان بېزەكلەردىن ① بەك بىزار .
– شۇندىقىنى كىيسىڭىز سىزگە بەك يارىشىدۇ .
– ئۇنداقلىرى ئاممىۋى سورۇنلارغىلا ماس كېلىدۇ .
– بىر كۈنلەردە شۇنىڭ ئارمىنىنىمۇ يەپ قالىسىز ، – دېدى لورد ھېنرى .
– گۈلىنىڭ بىر تال بەرگىسىنىمۇ يوقىتىپ قويماسمىنا .
– ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ، ئېرىڭىز مونمونتنىڭ قۇلىقى ئۇزۇن جۇمۇ .
– قېرىپ قالغان ئادەمنىڭ قۇلىقى قانچىلىك بولماقچىدى .
– ئۇ سىزنى قەتئىي كۈنلىمەمدا ؟
– مەنمۇ شۇنى دەيمەن . گاھىدا ، ئۇمۇ باشقا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدەك مېنى كۈلەپ قويسا بولمامدىغاندۇ دەپ كېتىمەن .
لورد ھېنىرى گويا بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك ، تۆت ئەتراپىغا قارىدى .
– نىمە ئىزلەۋاتىسىز ؟ – سورىدى كېنەز خانىم .
– خەنجىرىڭىزنىڭ قالقىنىنى ② ئىزدەۋاتىمەن ، – جاۋاب بەردى لورد ھېنىرى ، – سىز ئۇنى تاشلىۋەتتىڭىز .
كېنەز خانىم ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى :
– مەن تېخى نىقابىمنىمۇ ئېلىۋەتمىگەن تۇرسام .
– نىقاب تاقىۋالسىڭىز ، كۆزلىرىڭىز ئادەمنى بۆلەكچە جەلپ قىلىدىكەن ، – دېدى لورد ھېنىرى .
كېنەز خانىم يەنە كۈلۈپ كەتتى ، كۈلگەندە ئۇنىڭ سەدەپتەك ئاپئاق چىشلىرى كىشىگە گويا قىپقىزىل ئالمىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقنى ئەسلىتەتتى .
دورىيان گرېي ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھوجرىسىدىكى كىرىسلودا سوزۇلۇپ ياتاتتى ، ۋۇجۇدى قورقۇنچتىن شامال سوققان ياپراقتەك غال – غال تىتىرەيىتتى . ھايات كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلا بىر قورقۇنچلۇق يۈككە ئايلىنىپ ، ئۇنىڭ يەلكىسىنى قاتتىق باساتتى . بايا ئوق يەپ ئۆلگەن ھېلىقى بىچارە كىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى گويا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . ئۇ لورد ھېنىرىنىڭ بايا چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان گەپلىرىدىن ھوشىدىن كەتكىلى تاسلا قالدى .
سائەت بەش بولغاندا ، دورىيان گرېي ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ خىزمەتكارنى چاقىرىپ نەرسە – كېرەكلىرىنى تەقلەپ قويۇشنى ، كېچىلەپ شەھەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ، سائەت سەككىز يېرىمدا پەيتۇننى دەرۋازا ئالدىغا توختىتىتپ تەق قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلىدى .
شۇ تاپتا ئۇنىڭ سېلبي قورۇقىدا بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇسى يوق ئىدى ، بۇ يەردە تۇرۇۋەرسە بىرەر پېشىكەلچىلىككە يولۇقىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى . بۇ يەردە ئەزرائىل ئوچۇق – ئاشكارا مېڭىپ يۈرمەكتە ، ئورمانلىقتىكى چاتقاللىقلار ئارىسىدا قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغان ئىدى .
ئارقىدىن ، ئۇ لورد ھېنىرىغا بىر پارچە خەت يېزىپ ، خېتىدە ئۆزىنىڭ شەھەرگە قايتىپ ئۇنىڭ دوختۇرىنى ئىزلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆزىگە ۋاكالىتەن مېھمانلارنى كۈتۈپ قويۇشىنى ئۆتۈندى . ئۇ خەتنى قاتلاپ كونۋېرتقا سالاي دەپ تۇرۇشىغا ، ئىشىك چېكىلىپ خىزمەتكار كىرىپ كەلدى ۋە ئوۋ مەيدانى كۈزەتچىسىنىڭ كۆرۈشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى . ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ لەۋلىرىنى چىشلەپ قويدى – دە ، بىردەم ئارىسالدى بولۇپ كېتىپ : «ئۇنى باشلاپ كىر» دېدى .
كۈزەتچى ئىشىكتىن كىرىشىگە ، دورىيان تارتمىدىن پۇل چېكى دەپتىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يايدى .
– مېنىڭچە سەن بۈگۈن ئەتىگەن يۈز بەرگەن ھىلىقى ئىش ئۈچۈن كەلدىڭغۇ دەيمەن تورنتون؟ – سورىدى ئۇ قولىغا قەلەمنى ئېلىپ .
– شۇنداق ، ئەپەندىم ، – جاۋاپ بەردى كۈزەتچى .
– ئۇ بىچارە توي قىلغانمۇ ؟ ئۆيىدە ئۇنىڭ بېقىشىغا قاراشلىق بىرەرى بارمۇ ؟ – سورىدى دورىئان بىزارلىق بىلەن ، – ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن . سەن زۆرۈر دەپ قارىساڭلا ، ئۇلارنىڭ دېگىنىنى بېرىمەن .
– بىز ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدۇق ئەپەندىم . شۇڭا مەن ئۆزۈمنى چاغلىمايلا ئالدىڭىزغا سۈرۈشتۈرگىلى كېلىۋېدىم .
– كىملىكىنى بىلەلمىدۇق؟ – سورىدى دورىيان روھسىز قىياپەتتە ، – بۇ نىمە دېگىنىڭ ؟ ئۇ سېنىڭ قول ئاستىڭدىكى ئادەم ئەمەسما ؟
– ئەمەس ئەپەندىم . ئۇنى بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . تۇرۇقىدىن ماتروستەك قىلىدۇ ئەپەندىم .
دورىيان گرېينىڭ قولىدىكى قەلەم تۇيۇقسىز سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى ، گويا يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدى .
– ماتروس ؟ – توۋلىدى دورىيان ، – سەن ئۇنى ماتروسكەن دېدىڭما ؟
– شۇنداق ئەپەندىم . قارىماققا ماتروسقا بەكلا ئوخشايدىكەن ، ئىككى بىلىكىگە ئالا قويماي گۈل چېكىۋالغان بىر نېمىكەن .
– ئۇنىڭ يېنىدىن بىرەر نەرسە چىقتىمۇ ؟ – دورىيان ئالدىغىراق سۈرۈلۈپ ، كۈزەتچىگە ھەيرانلىق ئىلىكىدە تىكىلدى ، – ئۇنىڭ يېنىدىن سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ بېرەلىگۈدەك بىرەر نەرسە چىقتىمۇ ؟
– ئازراق پۇل بىلەن يەنە بىر دانە ئالتە ئاتار تاپانچىسى بار ئىكەن . سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ بېرەلىگۈدەك ھېچنەرسە چىقمىدى . ئۇنىڭ تومپايلىقىغا قاراپ ، بىز ئۇنى ماتروسمىكىن دەپ پەرەز قىلدۇق .
دورىيان ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتى ، كاللىسدا كۈچلۈك بىر ئۈمىد يۇلتۇزى يالىتتىدە قىلىپ چاقنىغاندەك بولدى .
– جەسەت قەيەردە ؟ – سورىدى ئۇ ئالدىراپقىنا ، – تېز بول ! مېنى باشلاپ بار ، ئۇنى كۆرۈپ باقاي .
– دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئاتخانىدا ئەپەندىم . باشقىلار نەس باسىدۇ دەپ جەسەتنى ئۆيگە ئەكىرىشكە ئۇنىمىدى .
– ئاتخانىدا ! سەن دەرھال ئۇ يەرگە بېرىپ مېنى ساقلاپ تۇر . پەيتۇنكەش ئاتتىن بىرنى يېتىلەپ كەلسۇن ، ياق ، بولدى . بولمىسا ئاتخانىغا ئۆزۈم بارسام تېزرەك بولغۇدەك .
ھايال ئۆتمەي ، دورىيان گرېي ئېتىنى ئۇچقاندەك چاپتۇرغىنىچە ئۇزۇن كەتكەن خىيابان يولدا پەيدا بولدى . يول بويىدىكى دەرەخلەر گويا ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلىپ تۇرغان جىن – ئالۋاستىلەردەك ئۇنىڭ يېنىدىن غۇيۇلداپ ئۆتەتتى . ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ئات بىر ئاق تۈۋرۈكنىڭ يېنىدىن جىددىي ئايلىنىشىغا ، دورىيان ئاتتىن ھاۋا تاپان بولۇپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى ، دورىيان ئاچچىقىدا قامچا بىلەن ئاتنىڭ بوينىغا بىرنى سالدى . تۇيۇقسىز تەگكەن قامچىدىن چۆچۈگەن ئات يادىن ئۈزۈلگەن ئوققا ئوخشاش ، قاراڭغۇدا تۇياقلىرى ئاستىدىن شېغىللارنى چاچرىتىپ ئۇچقاندەك چېپىپ كەتتى .
دورىيان دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئاخىرى يېتىپ كەلدى ، ئىككى ئادەم ھويلىدا لاغايلاپ مېڭىپ يۈرەتتى . ئۇ ئاتتىن لىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ ، چۇلۋۇرنى ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىگە تاشلاپ بەردى . ئۇ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئېغىلدا پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان چىراغ يورۇقىنى كۆرۈپ ، جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدى ۋە ئىككى تاقلاپلا ئېغىلنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، قولىنى ئىشىكنىڭ تاقىقىغا ئالدى .
دورىيان بىردىنلا تۇرغان جايىدا قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك تۇرۇپلا قالدى ، بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپلا كەتسە ، پۈتكۈل تۇرمۇشى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ، ئىشىكنى ئىتتىرىپلا ئېغىلغا كىردى .
ئېغىلنىڭ بۇلۇڭىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان بىر دۆۋە تاغارنىڭ ئۈستىدە ئۇچىسىغا قوپال تىكىلگەن كۆينەك بىلەن كۆك ئىشتان كىيگەن ، يۈزىگە قاسماقلىقىدىن كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن قولياغلىق يېپىپ قويۇلغان بىر ئادەمنىڭ جەسىتى ياتاتتى . يېنىدىكى بوتولكىغا سانجىپ قويۇلغان بىر تال شام پىلىلداپ كۆيۈۋاتاتتى .
دورىيان گرېينىڭ تېنى جۇغغىدە قىلىپ قالدى ، جەسەتنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، چاكارلارنى چاقىردى .
– ئۇنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋەت ، ئۇنى كۆرۈپ باقاي ، – ئۇ شۇنداق دېگەچ ، ئىشىكنىڭ تۈۋرۈكىگە چىڭڭىدە يۆلۈنۈپ تۇرۇۋالدى .
چاكار جەسەتنىڭ يۈزىدىكى قولياغلىقنى ئېلىۋەتتى . ئۇ ئىككى چامداپلا ئالدىغا ئۆتتى – دە ، خۇشاللىق ئىلىكىدە ۋارقىرىۋەتتى . دەرەخلىكتە ئوق تېگىپ ئۆلگەن بۇ ئادەم دەل جامۇس ۋېيىن ئىدى .
ئۇ جەسەتكە قارىغىنىچە جايىدا خېلىغىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . ئۇ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ، خەتەردىن قۇتۇلغانلىقىدىن خوشلۇقىدا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى .
ئىزاھات :
① كېنەزلەرنىڭ تاجىسىغا تاقايدىغان بېزەك .
② قىلىچۋازلىق قىلغاندا كىيىدىغان نىقاب ۋە شەمشەرنىڭ دەستىسىنىڭ يېنىدىكى يۇمۇلاق قالقان قوغدىنىشتا ناھايىتى ئەسقاتىدۇ .
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11296