ئاڭ ئېقىنى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەر قانداق بولىدۇ؟
ئاڭ ئېقىنى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەر قانداق بولىدۇ؟
ئۇيغۇرزادە
بۇ ھەقتە توختىلىشتىن بۇرۇن ئەدەبىيات پروفېسسورلىرى تۈزگەن مەنبەلەردە ئاڭ ئېقىنى ئۇقۇمىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىلگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:
Stream of consciousness refers to a method and subject matter of narrative fiction that attempts to represent the inner workings of a character’s mind at all levels of awareness, to recreate the continuous, chaotic flow of half-fromed and discontinuous thoughts, memories, sense impressions, random associations, images and feelings and reflections. It less emphasizes plot, avoids from intrusive authorial commetary to focus on the character’s iner thoughts and feelings
from ”NTC’s Dictionary of Literary Terms, pp.212
edited by Kathleen Morner, Ralpth Rausch, 1991, McGraw Press
يۇقىرىقى ئىنگلىزچە تەبىردىن شۇنسى ئايان بولۇپ تۇرۇپتىكى، مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى ئاڭ ئېقىنى مودېرنىزملىق ئەدەبىياتقا خاس نەسرىي ئەسەرلەردە قوللىنىلدىغان بىر خىل يېزىقچىلىق مېتودى بولۇپ، بۇ خىل مېتود ئىشلەتكەن يازغۇچىلار ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېس- تۇيغۇلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ۋەقەلىك قوغلاشمايدۇ؛ پېرسوناژنىڭ ئەسلىمىسىنى، ئىچكى مونولوگىنى، باش- ئاخىرى يوق، تۇتامسىز خياللرىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ ئەسەرگە ئاپتور ھېسسياتىنى ئارىلاشتۇرمايدۇ، پېرسوناژغا چات كېرىۋالمايدۇ؛ ھەتتا زىددىيەتلىك ئىدىيە، دەقىقىلىق تۇيغۇلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ.
بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردىن جامېس جويىسنىڭ «ياش سەنئەتكارنىڭ پورتېرىتى»، «ئۇلىسېس»، «دۇبلىنلىقلار»، ۋىرگىنىيە ۋۇلفنىڭ «داۋروۋېي خانىم» قاتارلىق رومانلىرى، ۋىليام فولكىنېرنىڭ «شاۋقۇن ۋە غەزەب» قاتارلىق رومانلىرى بار. بۇ ئۈچ يازغۇچى ئاڭ ئېقىنى ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدۇر.
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11308