ئىدۋارد سەيىد كىم؟
ئىدۋارد سەيىد كىم؟
ئىدۋار.ۋ.سەيىد (Edward said)
ئىدۋارد سەيىد زامانىمىزدىكى تەسىرى چوڭ ئەدىب ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى. ئىرۇسالىمدا تۇغۇلۇپ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى مەزگىلىدە مىسىرنىڭ قاھىرەدە ئېچىلغان غەرب مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئەنگىلىيىچە ۋە ئامرىكىچە مائارىپنى قوبۇل قىلغان. 1950-يىللىرى ئامرىكىغا بېرىپ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان ۋە 1963-يىلىدىن باشلاپ كولومبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەنگىلىيە ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات پىروففىسورلىقىغا تەيىنلەنگەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن:«باشلىنىش: لايىھە ۋە ئۇسۇل»،«دۇنيا، تېكست، تەنقىدچى»،«شەرق ئىلمى ياكى شەرقشۇناسلىق»،«مەدەنىيەت ۋە جاھانگىرلىك»،«زىيالىيلار ھەققىدە ياكى زىيالىيلار نەزەرىيىسى»،«پەلەستىن مەسىلىسى» قاتارلىقلار بار. سەيىد يەنە نامى بار مۇزىكانت، ئوپېراچى، پىئانىنوچى شۇنداقلا زىيالىي سالاھىيىتى بىلەن پەلەستىن سىياسى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، پەلەستىننىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك باياناتچىسى.
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11613