دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى 13- باب
دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى
(رومان)
ئاپتورى: ئوسكار ۋىلدى
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات
ئون ئۈچىنچى باب
دورىيان ئۆيدىن چىقىپ ، قەدىمىنى ئۈستۈنكى قەۋەتكە قاراپ يۆتكىدى ، بازىل خالۋارد كەينىدىن سوڭدىشىپلا ماڭدى . ئۇلار خۇددى بىرسىنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دېگەندەك ، قەدەملىرىنى تولىمۇ ئاستا ئېلىشاتتى . چىراغ يورۇقى تام ۋە پەلەمپەيدە غەلىتە شولىلارنى ھاسىل قىلدى . شامالنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىدىن دەرىزىلەر توختىماستىن غىچىرلىشاتتى .
ئۇلار ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى ، دورىيان قولىدىكى چىراغنى يەرگە قويدى – دە ، قۇلۇپقا ئاچقۇچ سالدى .
– بەكلا بىلگۈڭىز بارمۇ بازىل ؟- سورىدى دورىيان بوش ئاۋازدا .
– شۇنداق .
– بۇلىدۇ ، – دورىيان كۈلۈپ قويدى ، – بۇ دۇنيادا مېنى سىزلا چۈشىنىسىز. بىلەمسىز ، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدىنمۇ يېقىن ، – دورىيان يەردىكى چىراغنى قولىغا ئالدى – دە ، ئىشىكنى ئېچىپ بۇسۇغىدىن ئاتلىدى . شۇئان سوغۇق شامال گۈپپىدە ئۇرۇلدى ، چىراغدىن تارقاۋاتقان توق سېرىق رەڭلىك نۇرنىڭ يورۇقىدا ئۆي ئىچى غۇۋا يورۇدى . دورىياننىڭ پۈتۈن ئەزايىنى سۈر باستى .
– ئىشىكنى ياپقاچ كىرىڭ ، – دېدى دورىيان چىراغنى ئۈستەلگە قۇيۇۋېتىپ بوش ئاۋازدا . چىرايىغا گاڭگىراش ئالامەتلىرى تېپىپ چىققان بازىل ئۆي ئىچىگە ئەلەڭلەپ قارىدى . بۇ ئۆي قارىماققا ئۇزۇن يىل ئادەم ئولتۇرمىغاندەك كۆرۈنەتتى . ئۆڭۈپ كەتكەن بىر پارچە گىلەم ، يۈزىگە پەردە تارتىپ قۇيۇلغان بىر پارچە رەسىم ، ئىتالىيە پاسونىدىكى كونىراپ كەتكەن بىر ئىشكاپ ، ئىچىدە تۈزۈككىنە كىتابمۇ بولمىغان بىر كىتاب جاھازىسى ، بىر ئورۇندۇق ، بىر ئۈستەل ، ئۆيدىكى سەرەمجانلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئىدى . دورىيان تام ئوچاقنىڭ ئۈستىدىكى يېرىمى كۆيۈپ تۈگىگەن شامنى ياندۇردى . بازىل ئۆي ئىچىگە سەپ سالدى ، ئۆي ئىچىنى بىر ئىلىك توپا- چاڭ باسقان ، يەردىكى گىلەمنىڭ تېشىلىپ ساق يېرى قالمىغان ئىدى . ئۆي ئىچىدىن بىر خىل زەي پۇرىقى كېلەتت ى.
– بازىل ، سىز ئادەمنىڭ روھىنى پەقەت تەڭرىلا كۆرەلەيدۇ دەپ قارايسىز ، شۇنداقمۇ؟ ئاۋۇ پەردىنى قايرىۋەتسىڭىز ، مېنىڭ روھىمنى كۆرەلەيسىز ، – دېدى دورىيان توڭلۇق بىلەن .
– ساراڭ بولدىڭىزمۇ دورىيان ؟ – دېدى بازىل ئاغرىنىش تەلەپپۇزىدا قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ .
– كۆرگۈڭىز يوقما ؟ ئەمىسە ئۆزۈم كۆرسىتىپ قوياي ! – دورىيان رەسىمنىڭ يۈزىدىكى پەردىنى قايرىپ ئېلىپ يەرگە تاشلىۋەتتى .
بازىل ئەنسىزلىك ئىلكىدە ۋارقىرىۋەتتى . رەسىم ئاجىز چىراغ يورۇقىدا ، ياۋۇزلارچە ھىجىيىپ تۇراتتى ، رەسىمگە قارىغانسېرى ئۇنىڭ ئۆچلۈكى قوزغالدى . ئاھ تەڭرىم ! ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكىسى راستىنلا دورىيان گېرىينىڭ چىرايىمۇ ؟ ھالبۇكى ، رەسىمنىڭ ياۋۇزلارچە كۈلكىسى رەسىمنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزەلمىگەنىدى . رەسىمنىڭ شالاڭلاشقا باشلىغان تال- تال چاچلىرى ھېلىمۇ ئالتۇندەك پارقىراپ تۇراتتى ، رەزىللىك تۆكۈلۈپ تۇرغان لەۋلىرىدىن ئاۋۋالقىدەكلا بىر خىل قىپقىزىل نۇر چاقنايىتتى ؛ كىشى كۆڭلىنى ئەسىر قىلىدىغان زۇمرەتتەك كۆزلىرى سەل خۇنۈكلەشكەن ئىدى ؛ ئىلىپتەك كەلگەن چىرايلىق بۇرۇنى بىلەن شېشىدەك سۈزۈك بوينىدىن ھېلىمۇ ئاجايىپ بىر خىل لاتاپەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى . شۇنداق ، ئۇنىڭ دورىياننىڭ پورتېرىتى ئىكەنلىكىدە شەك يوق . ئەمما ئۇنى كىم مۇشۇنداق سىزىپ قويدى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىنى تونۇغاندەك بولدى ، رەسىمنىڭ جاھازىسىنىمۇ ئۆز قولى بىلەن لاھىيلىگەن ئىدى . ئۇ شۇئان بىمەنە ئويلىرىدىن قورقۇپ كەتتى ۋە شامنى قولىغا ئېلىپ رەسىمنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلدى . رەسىمنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدە ئۇنىڭ قىزىل رەڭدە ئىنچىكە قىلىپ يازغان ئىمزاسى تۇراتتى . بۇ ئۆتۈپ كەتكەن رەزىللىك ، شەرمەندىلەرچە مەسخىرە ئىدى . ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق رەسىم سىزىپ باقمىغان ئىدى . لېكىن ، بۇ رەسىمنى ئۇنىڭ سىزغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . ئۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى ، ۋۇجۇدىدا ئۆركەشلەۋاتقان قىزىق قانلىرى دەقىقە ئىچىدە مۇزلىغاندەك بولدى . بۇنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن سىزغان ئىدىغۇ ! بۇ زادى نېمە ئىش؟ رەسىم قانداقلارچە بۇنداق ئۆزگىرىپ قالدى؟ ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ، دورىيانغا بىچارىلەرچە قارىدى . لەۋلىرى توختىماي لىپىلداپ ، قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى . ئۇ پىشانىسىنى تۇتۇپ بېقىپ ، چىپ- چىپ سوغۇق تەرلەپ كەتكەنلىكىنى سەزدى . تام ئوچاقنىڭ جاھازىسىغا يۆلىنىپ تۇرغان دورىيان پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بىر سەنئەتكارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى دراممىنى كۆرۈۋاتقاندەك ، بازىلغا غەلىتە بىر خىل نەزەردە تىكىلپ تۇراتتى . ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن نە ئازاپلانغاننى ، نە خۇشال بۇلۇۋاتقانلىقنى بىلگىلى بولمايتتى . كۆزلىرىدىن ئەتراپتا تۇرۇپ تاماشا كۆرگۈچىلەردىلا بولىدىغان بىر خىل قىزىقىش ۋە كۆرەڭلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى . ئۇ چاپىنىنىڭ پەتلىسىگە قىستۇرۇۋالغان گۈلنى ئېلىپ پۇراشقا باشلىدى ، قارىماققا ئۇ قەستەن گۈلنى پۇرىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندەكمۇ كۆرۈنەتتى .
– بۇ نېمە ئىش؟ – بازىل چىراقىراق ئاۋازدا ۋارقىراپ تاشلىدى – يۇ ، ئاۋازىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى .
خېلى يىللار بۇرۇن ، يەنى ئۆسمۈر ۋاقتىمدا ، – دورىيان قولىدىكى گۈلنى ئالقىنىدا ئېزىشكە باشلىدى ، – ئىككىمىز يېڭى تونۇشقاندا ، سىز مېنى ماختاپ ئۇچۇردىڭىز ، قاملاشقان چىرايىمدىن پەخىرلىنىش كېرەكلىكىمنى ئۆگەتتىڭىز . بىر كۈنى ، مېنى بىر دوستىڭىزغا تۇنۇشتۇرۇپ قويدىڭىز . ئۇ دوستىڭىز ماڭا ياشلىق باھارىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئەزۋەيلەپ چۈشەندۈردى . ئويلىمىغاندا ، سىز پورتېرىتمنى سىزىپ ، ماڭا گۈزەللىكنىڭ نەقەدەر سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدىڭىز . ئاشۇ رەسىم مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچتى ، ماڭا گۈزەللىكنىڭ سېھرىي كۈچىنى تونۇتتى .
– ھە ، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى ! ئېسىمدە شۇنداق ئېنىق تۇرۇپتۇ ! ياق ، بۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ! بۇ ئۆي بەك نەمكەن . كۆكەرتكۈچى باكتىرىيلەر رەسىمنىڭ رەختىنى چىرىتىۋەتكەن گەپ . مەن ئىشلەتكەن بوياقتا سۈپىتى ناچار زەھەرلىك مېنىرال ماددىلار بار ئىدى . رەسىم دەل شۇ سەۋەبتىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن .
– مۇمكىن ئەمەس دەمسىز؟- چوڭقۇر ئويغا چۆككەن دورىيان دەرىزە ئالدىغا كېلىپ ، پىشانىسىنى ھوردىشىپ كەتكەن مۇزدەك ئەينەككە ياقتى .
– سىز ماڭا رەسىمنى بۇزىۋەتتىم دېمىگەنمىتىڭىز؟
– مەن خاتالىشىپتىمەن ، ئەسلىدە مەن رەسىمنى ئەمەس ، رەسىم مېنى گۇمران قىلىپتىكەن .
– بۇ رەسىمنى ئۆزۈمنىڭ سىزغانلىقىمغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ .
– ئەجىبا رەسىمدىن ئۆز غايىڭىزنى كۆرگەندەك بولمىدىڭىزما ؟ – دېدى دورىيان بازىلنى قەستەن تېرىكتۈرمەكچى بولغاندەك .
– غايىڭىز دېدىڭىزما؟
– شۇنداق ، ئىلگىرى سىز شۇنداق دېگەن ئىدىڭىز .
– ئۇچاغدا رەسىمنىڭ چىرايىدا ياۋۇزلۇق ، شەرمەندىلىك يوق ئىدى . شۇ چاغدىكى سىز مەن ئۈچۈن ئىككىنچىلەپ ئۇچرىتالمايدىغان بىر غايە ئىدىڭىز . لېكىن ، ھازىر بۇ رەسىمنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شەھۋەتپەرەسلىك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بوپ قاپتۇ .
– ئۇ دېگەن مېنىڭ روھىمنىڭ چىرايى .
– ۋاي تەڭرىم ! مەن مۇشۇنداق نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ يۈرگەندىمەنمۇ ! ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئالۋاستىنىڭ كۆزلىرى بىلەن نېمە پەرقى !
– بازىل ، جەننەت بىلەن دوزاخ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ، – ۋارقىرىدى دورىيان ئىلاجىسىز قالغاندەك بىر خىل قىياپەتتە .
بازىل يەنە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ، رەسىمگە سىنچىلاپ قارىدى .
– ئاھ تەڭرىم ! ئەگەر ئۇ راستلا بوپ قالسا ، – ئەنسىز ۋارقىرىدى بازىل ، – ئەگەر سىز راستىنلا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بولسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز يامان گېپىڭىزنى قىلىپ يۈرگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ ئەسكىكەنسىز ! – ئۇ يەنە شامنى قولىغا ئېلىپ رەسىمنى ئىنچىكە كۆزىتىشكە باشلىدى . رەسىم قارىماققا يېڭى پۈتكەن ۋاقىتتىكىدەك بىر ئوبدان تۇراتتى . رەسىمنىڭ چېھرىدىكى ياۋۇزۇق بىلەن ۋەھىمە ئېنىقكى ئۇنىڭ ئىچىدە چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى .بوياقنىڭ تەركىۋىدىكى چىرىتكۈچ ماددا مەلۇم بىر خىل ئۆزگىرىشنىڭ تۈرتكىسىدە رەسىمنى ئاستا- ئاستا چىرىتۋەتكەندەك ئىدى ، بۇ زەيلىشىپ كەتكەن مۇدھىش قەبرىنىڭ ئىچىدىكى چىرىپ كۆرگۈسىز بوپ كەتكەن جەسەتتىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى .
– ئۇنىڭ قوللىرى لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى ، قولىدىكى شام پالاققىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ئۇ شامنى دەسسەپ ئۆچۈرىۋېتىپ ، دەلدۈسلىگەن پېتى بېرىپ ئۈستەلنىڭ يېنىدىكى لىڭشىپ ئارانلا قالغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردى – دە ، قوللىرى بىلەن يۈزلىرىنى چاڭگاللىدى .
– ئاھ تەڭرىم ! دورىيان ، نەقەدەر قورقۇنچلۇق جازا ھە – بۇ !
دورىيان ئۈنچىقمىدى . بازىل دورىياننىڭ دەرىزە يېنىدا مىشىلداپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى .
– تۆۋە قىلىڭ دورىيان ، تۆۋە قىلىڭ ! – پىچىرلىدى بازىل ، – كىچىكىڭىزدە چوڭلارنىڭ قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەنلىكى ئېسىڭىزدە باردۇ ؟ «شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئازدۇرمىغىن ، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن» دەپ ئۆگەتكەن بولغىيتتى؟ قېنى ، ئىككىمىز بىللە دۇئا قىلايلى . سىزنىڭ ئىلگىرى ساختا شۆھرەت تاماسىدا قىلغان دۇئالىرىڭىز ئىجابەت بولغانىدى . ئەمدى قىلمىش – ئەتمىشلىرىڭىزگە تۆۋە قىلىپ دۇئا قىلسىڭىز ، ئۇمۇ ئىجابەت بۇلۇپ قالار . بۇرۇن مەن سىزگە زىيادە چوقۇنۇپتىكەنمەن ، مانا ئەمدى شۇنىڭ جاجىسىنى تارتىۋاتىمەن . سىز ئۆزىڭىزگىمۇ شۇنداق زىيادە چوقۇنۇپ كەتكەن ئىدىڭىز ، مانا ئەمدى ھەممىمىز ئوخشاش جاجىمىزنى يېدۇق .
ياشتىن كۆز ئالدى غۇۋالاشقان دورىيان كەينىگە ئاستا ئۆرۈلۈپ بازىلغا قارىدى .
كېچىكتىم ، بەكلا كېچىكتىم بازىل ، – دېدى دورىيان تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا .
– ھەرگىز كېچىكمىدىڭىز دورىيان . قېنى تىزلىنايلى ، ئاۋۋال تۆۋە قىلىپ باقمامدۇق؟ «گۇناھلىرىڭ تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ كېچىمەن» دەيدىغان بىر دۇئا بولىدىغان ، شۇنى دۇئانى ئوقۇيلى .
– ئۇنداق گەپلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ھازىر ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى .
– ئۇنداق دېمەڭ ، ھېلىمۇ نۇرغۇن پەسكەشلىكلەرنى قىلدىڭىز . ئاھ تەڭرىم ! ئاۋۇ لەنىتى رەسىمنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتامدىغانسەن ؟
دورىيان گېرىي رەسىمگە يالىتتىدە قاراپ قويدى ، شۇئان قەلبىدە بازىلغا نىسبەتەن چەكسىز ئۆچمەنلىك پەيدا بولدى ، رەسىمنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكە يامراۋاتقان لەۋلىرى گويا ئۇنىڭ قۇلىقىغا نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ ، ئاستىرىتىن كۆرسەتمە بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ ئىچ – ئىچىدىن ياۋايىلارچە بىر خىل نەپرەت مەۋج ئۇرماقتا ئىدى . ئۇ بازىلغا شۇنچىلىك ئۆچ بولغان ئىدىكى ، ھاياتىدا ھېچنەرسىگە بۇنچىلىك ئۆچ بۇلۇپ باقىمىغاندى . ئەسەبىيلەشكەن دورىيان ئەتراپىغا ئەلەڭلەپ قارىدى ، ئۇدۇلدىكى رەڭلىك ئىشكاپنىڭ ئۈستىدە بىر نەرسە ۋال- ۋۇل پارقىراپ تۇراتتى . ئۇ بۇ نەرسىنىڭ پىچاق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى . بۇ پىچاقنى ئۇ ئالدىنقى كۈنى بىر نەرسە كەسكىلى ئەكىرىپ ، ئەچىقىپ كېتىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانىدى . ئۇ ئىشكاپ تەرەپكە ئاستا – ئاستا سىلجىپ ، بازىلنىڭ يېنىدىن ئۆتتى . بازىلنىڭ كەينىدە تۇرۇپ پىچاقنى قولىغا ئالدى – دە ، كەينىگە شاققىدە ئۆرۈلدى . بازىل ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ قىمىرلاپ قويدى . دورىيان ئېتىلىپ كەلگەن پېتى پىچاقنى بازىلنىڭ قۇلىقىنىڭ كەينىگىلا تىقتى ، ئاندىن بېشىنى ئۈستەلگە نىقتاپ تۇرۇپ ، كەينى – كەينىدىن نەچچە پىچاق تىقىۋەتتى . بازىل ئاچچىق ئىڭرىۋەتتى ، بوغۇزىغا قان كەپلىشىپ خارقىراپ قالدى ، يۇقىرىغا سوزغان قوللىرى ھاۋادا لەيلەپ قالدى . دورىيان پىچاقنى كەينى – كەينىدىن يەنە ئىككى قېتىم تىقتى، بازىل ئەمدى بىراقلا جىمىدى . نېمىدۇر بىر نەرسە پولغا تېمىشقا باشلىدى . دورىيان بىردەم تۇرۇپ كېتىپ ، بازىلنىڭ بېشىنى چىڭڭىدە بېسىپ تۇردى ، ئاندىن قولىدىكى پىچاقنى ئۈستەلگە تاراققىدە تاشلىۋېتىپ ، بازىلنى ئۆلدىمۇ- ئۆلمىدىمۇ دېگەندەك ، جىممىدە قۇلاق سالدى .
قاننىڭ گىلەمگە چىپىلداپ تامچىلىغان ئاۋازىدىن ئۆزگە ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمايتتى . ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ ، پەلەمپەينىڭ ئالدىغا كەلدى . پۈتكۈل بىنا گويا يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى . ئۇ پەلەمپەينىڭ رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ گۆردەك قاراڭغۇلۇق قاپلىغان پەستىكى قەۋەتلەرگە نەچچە سىكۇنت قاراپ تۇرى ، ئاندىن ئىشىكتىن ئاچقۇچنى چىقىرىۋېلىپ ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالدى . بازىلنىڭ جەسىتى ئورۇندۇقتا بېشىنى كەينىدىكى ئۈستەلگە تاشلاپ ھاۋا تاپان بۇلۇپ ياتاتتى ، ئۇزۇن سوزۇلغان بېلەكلىرى توختىماي تارتىشاتتى . بوينىدىكى يارا ئېغىزى بىلەن ئۈستەلدىكى ئويۇشقا باشلىغان قىپقىزىل قانلار بولمىغىنىدا ئىدى ، ئۇنى كۆرگەن كىشى ئۇخلاۋېتىپتۇ دەپ قالاتتى . ئىشلار شۇنچىلىك تېزلىك ئىچىدە يۈز بەردى . دورىيان ئۆزىنى خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى . ئۇ دەرىزىنى ئېچىپ ، بالكونغا ئاتلاپ چىقتى . شامال قۇيۇق تۇمانلارنى قاياققىدۇر ئۇچۇرۇپ كەتكەن ، ئاسماندىكى چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار گويا غايەت زور توزنىڭ قۇيرۇقىدىكى چىرايلىق توچكىلارغا ئوخشايتتى ، قارىغان كىشىگە ساناقسىز نۇرلۇق كۆزلەر تىكىلىپ تۇرغاندەك تۇيۇلاتتى . ئۇ پەسكە نەزىرىنى ئاغدۇردى ، چىراغ كۆتۈرۋالغان بىر ساقچى ئەتراپنى چارلاپ يۈرەتتى ، چىراغنىڭ تال – تال نۇرلىرى سۈكۈتكە چۆمگەن قاتار- قاتار ئۆيلەرنىڭ ئىشىك ئالدىنى يورۇتۇپ تۇراتتى . يىراقتىن ئىككى چاقلىق بىر پەيتون چىراغلىرىنى يورۇتقىنىچە يېتىپ كەلدى ۋە بىر دوقمۇشقا كەلگەندە قايرىلىپ كۆزدىن غايىپ بولدى . بىر ئايال يول بويىدىكى رىشاتكىلارنى بويلاپ دەلدۈگۈنۈپ ئاستا كېتىۋاتاتتى ، يېپىنچاقلىۋالغان پىلاشى شامالدا ھەدەپ يەلپۈنەتتى ، تۇرۇپ- تۇرۇپ قەدىمىنى توختىتىپ ئەتراپقا ئەلىڭلەپ قارايتتى . ئايال تۇرۇپلا ئاۋازلىرىنى بولۇشىغا قۇيۇۋېتىپ ، چىراقىراق ئاۋازدا ناخشا توۋلاشقا باشلىدى . ھېلىقى ساقچى كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېلىپ ، ئايالغا بىر نېمىلەرنى دېدى . ئايال قاقاھلاپ كۈلگىنىچە دەلدۈسلىگەن پېتى كېتىپ قالدى . مەيداندا بىردىنلا شىددەتلىك قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپ ، گازۋاي لامپىدىن كۆپكۈك ئۇچقۇنلار چاچرىدى ، يوپۇرماقلرى تۆكۈلۈپ يالىڭاچلىنىپ قالغان دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى ئۇياق – بۇياققا ئېرغاڭلاپ كەتتى . پۈتۈن ئەزايىغا تىتىرەك ئولاشقان دورىيان دەرھال ئۆيگە كىرىۋالدى ۋە دەرىزىنى گۈممىدە يېپىۋەتتى .
ئۇ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىشكنى ئاچتى ، بازىلنىڭ جەسىتىگە قاراپمۇ قويمىدى . يۈز بەرگەن ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەسلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاقىلانىلىك ئىدى . ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ئازاپلارنىڭ مەنبەسى ئاشۇ جان ئالغۇر رەسىم ئىدى . مانا ئەمدى ئۇنى سىزىپ بەرگەن دوستى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئالىمىدىن بىراقلا يۈتتى ، شۇندىلا ئۇ ئارام تاپقاندەك بولدى .
شۇ ئەسنادا بايا ئالغاچ چىققان چىراغ ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى ، ئۇ شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇرىشلار ياسىغان ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان كۈمۈش چىراغ بۇلۇپ ، ئەرەب ئۇسلۇبىدا ناھايىتى نەپىس گۈل ئويۇلغان ئىدى . خىزمەتكار بۇ چىراغنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ قالسا ، سوراپ قېلىشتىن يانمايتتى . ئۇ خېلىغىچە دېلغۇل بولۇپ تۇرۇپ كېتىپ ، كەينىگە ئۆرۈلدى – دە ، چىراغنى ئالغىلى ئۆيگە كىردى . ئۇ ئىختىيارسىز جەسەتكە لاپپىدە بىرنى قاراپ قويدى ، جەسەت مىدىر- سىدىر قىلماستىن جىممدە ياتاتتى . قان دىدارى قالمىغان تاتىراڭغۇ بىلەكلىرى تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر تەرزدە كۆزگە تاشلىناتتى ، قارىغان كىشىنىڭ تەنلىرى جۇغغىدە قىلاتتى .
ئۇ ئىشىكنى تاقىدى – دە ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۆۋەنكى قەۋەتكە چۈشتى . ياغاچ پەلەمپەي گويا ئازاب ئىلكىدە ئىڭراۋاتقاندەك غىچىرلايتتى . ئۇ نەچچە رەت قەدىمىنى توختىتىپ ، ئەتراپتىكى تىۋىشقا قۇلاق سالدى . ئۆي ئىچى گۆرىستان جىمجىتلىققا چۆمگەن ، ئۆزىنىڭ قەدەم تىۋىشىدىن باشقا شەپە ئاڭلانمايتتى .
كىتابخانىسىغا يېنىپ كىرگەن دورىياننىڭ كۆزى بۇلۇڭغا تاشلاپ قۇيۇلغان سومكا بىلەن پەلتوغا چۈشتى . بۇ نەرسىلەرنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىش كېرەك ئىدى . ئۇ مۇراسىم كىيىملىرىنى ساقلايدىغان مەخپىي تام ئىشكاپىنى ئېچىپ ، سومكا بىلەن پەلتونى ئىچىگە تىقىۋەتتى . بۇ نەرسىلەرنى ئۇ كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىرىماي كۆيدۈرۈۋەتسىلا بولاتتى . ئۇ قۇيۇن سائىتىگە قارىدى ، سائەت 11 دىن 40 مېنۇت ئۆتكەنىدى .
ئۇ چوڭقۇر خىيالغا پاتتى . ئەنگىلىيىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلار ھەريىلى ، ھەتتا ھەر ئايدا چىقىپ تۇراتتى ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھشىي قاتىللىق قىلمىشلىرى خېلىلا ئەدەپ قالغانىدى . قىزىل يۇلتۇزدىن بىرەرسى يەرشارىغا يېقىنلاپ قالدىمۇ نېمە ….. ئۇنىڭغا پايدىسىز بىرەر دەلىل – ئىسپات قېپقالدىمۇ – يوق ؟ بازىل خالۋارد سائەت 11 دە ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى ، ھېچكىم ئۇنىڭ يەنە قايتىپ كەلگىنىنى كۆرمىدى . خىزمەتكارلارنىڭ كۆپىنچىسى سېلبىي قەسىرىدە . ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئەر خىزمەتكارلىرىمۇ ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن . پارىژ ! توغرا ، بازىل پىلانى بويىچە كېچىلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ پارىژغا كەتتى . ئۇ لوندوندا تىكەندەك يالغۇز ، نەچچە ئاي يوقاپ كەتسىمۇ ھېچكىمنىڭ گۇمانىنى قوزغىمايدۇ . نەچچە ئاي ! شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىمۇ يىپ ئۇچىنى پاكپاكىز يوقىتىۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمەيمۇ ئىشمۇ؟
توساتتىن ، ئۇنىڭ كاللىسىدىن يالتتىدە بىر خىيال كەچتى . شۇئان خۇرۇم پەلتويى بىلەن شىلەپىسىنى كىيىپ ، مېھمانخانىغا كىردى . مېھمانخانىغا كىرىشىگە ، سىرتتىن ساقچىنىڭ پىيادىلەر يولىدا يول چىرىغىنىڭ يورۇقى چۈشكەن دەرىزىلەرنىڭ ئالدىدا چارلاپ كېتىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىدى . ئۇ تىنىق چىقارماستىن ساقچىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇردى .
ھايال ئۆتمەي ، ئۇ ئىشىكنىڭ تاقىقىنى ئېلىۋېتىپ ئۆزىنى غىپپىدە تالاغا ئاتتى ، ئاندىن ئىشىكنى ئاستاغىنە يېپىپ قويۇپ ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى . ئالاھەزەل بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ، خىزمەتكار كىيىمىنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمەي ، ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغىنىچە چىقىپ كەلدى .
– ئۇيقۇڭنى بۇزۇۋەتكىنىمدىن خىجىلمەن فرانسىس ، – ئۇ شۇنداق دېگەچ بۇسۇغىدىن ئاتلىدى ، – ئالدى ئىشىكنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن . ھازىر سائەت نەچچە بولدى؟
– 2 دىن 10 مىنۇت ئۆتتى ئەپەندىم ، – خىزمەتكار ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلغاچ سائىتىگە قاراپ قويدى .
– 2 دىن 10 مىنۇت ئۆتتى؟ ھەجەپ كەچ بوپ كىتىپتۇيا ! مېنى ئەتە سائەت 9 دا ئويغىتىپ قويغىن ، قىلىدىغان ئىشىم بار .
– بولىدۇ ئەپەندىم .
– بۈگۈن بىرەرسى مېنى ئىزدەپ كەلدىمۇ؟
– بازىل خالۋارد ئەپەندىم كەپتىكەن . سىزنى سائەت 11 گىچە ساقلاپ ، پويىزغا ئۈلگۈرمىسەم بولمايدۇ دەپ كېتىپ قالدى .
– ۋاي ئېسىت ! كۆرۈشەلمەي قاپتىمەن – دە ! ئۇ ماڭا بىرەر نەرسە دېدىمۇ؟
– ياق ئەپەندىم . ئۇ : « دورىياننى كۇلۇپتىنمۇ تاپالمىسام ، پارىژغا بارغاندىن كېيىن خەت يازىمەن» دېگەن گەپنىلا قىلدى .
– ئەمىسە بوپتۇ فرانسىس . مېنى ئەتە سائەت 9 دا ئويغىتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغىن .
– ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايمەن ئەپەندىم .
خىزمەتكار كەشىنى سۆرىگىنىچە كارىدورنى بويلاپ پالاقلاپ كىرىپ كەتتى .
دورىيان گېرېي شىلەپىسى بىلەن پەلتويىنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ ، كىتابخانىسىغا كىردى . لەۋلىرىنى چىڭڭىدە چىشلىگىنىچە ، كىتابخانىدا خېلىغىچە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈردى . ئاندىن كىتاب جاھازىسىدىن بىر كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدى . «ئالان كامپېل، ماي فايىر رايونى ھېرىتفورد كوچىسى 152 – نۇمۇر >> توغرا ، بازىل ئىزدىمەكچى بولغان ئادەم دەل مۇشۇ شۇ .
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11274