1901- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: سۇلى پىرودوم
1901- يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى
سۇلى پرۇدوم
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى: كۆزلەر (Eyes)
مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى :
ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يۈكسەك غايىۋىزم ، ھەقدادىغا يەتكۈزۈلگەن بەدىئىي ماھارەت ئەكس ئەتكەنلىكى ، ئىدىيە بىلەن ئەقىل – پاراسەت زىچ جىسىپلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇشبۇ مۇكاپات بېرىلدى .
مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتى
مەن شۇ تاپتا چەكسىز ئىپتىخارلىنىۋاتىمەن ، خۇش بولۇۋاتىمەن . مېنىڭ نەزىرىمدە ، جىمى يازغۇچىلار (ئۆزۈممۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ كاتتا شەرەپ ئالدى بىلەن ۋەتىنىمگە مەنسۇپ . چۈنكى ، مېنى ئۇشبۇ شان – شەرەپكە نائىل قىلغان شېئىرلىرىمدىكى جىمى نەرسىلەرنى ئۇ ئاتا قىلغان .
مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە
سۇلى پرۇدوم (Sully Prudhomme , 1839 – 1907) ، ئەسلى ئىسىمى رېنىي فرانسوۋا پرۇدوم ، فرانسىيىدىكى بىر سودا – سانائەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، دادىسى ئىنژېنىر ئىدى . سۇلى پرۇدوم تۇغما ئەقىللىق بولسىمۇ ، لېكىن مەجروھلۇقى تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان . ياش ۋاقتىدا خىزمەتچى ، ئىنژېنىر بولغان ، قانۇن خىزمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ، شېئىر ئىجادىيىتىگە كېيىن كىرىشكەن . كىچىكىدىنلا سىڭدۈرۈلگەن ئىلمىي تەربىيە ئۇنى تەبىئىيلا شېئىر ئىجادىيىتى ۋە ئىلىم – پەنگە باشلاپ كىرگەن . ئۇنىڭ پەلسەپىگە بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغاچقا ، پەلسەپىۋى تەپەككۇردىن ئىلھام ئالاتتى ، شېئىرلىرنىڭ تېمىسىمۇ ناھايىتى تاۋلانغان ئىدى . ئىجادىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ئۈچۈن ، 1881 – يىلى فرانسىيە ياۋروپا ئىلىمى ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئاكادېمىكلىككە تاللانغان .
شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر :
تولستوي (رۇسىيە) ، بىيانسون (نورۋېگىيە) ، زۇلا (فرانسىيە) ، ئىبسون (نورۋېگىيە) ، پرۇدوم (فرانسىيە)
ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى :
غېرىبلىق ۋە ئويلىنىش — سۇلى پرۇدوم ، خۇ شياۋيۆ تەرجىمىسى ، لى جىياڭ نەشرىياتى ، 2001 – يىل
پرۇدوم شېئىرلىرىدن تاللانما — سۇلى پرۇدوم ، مو يۈ تەرجىمىسى [ تەيبېي ] ، يۈەنجىڭ نەشرىيات ئىشلىرى شىركىتى ، 1983 – يىل
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى
«پرۇدوم شېئىرلىرىدا ھەمىشە گۇمانسىراش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش بىلەن تولغان قەلبىنى ئاشكارىلايدۇ ؛ كۆزىتىشى ئۆتكۈر ، تەپەككۇرى چوڭقۇر بولسىمۇ ، لېكىن شۇنىڭغا چۇشلۇق قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەيۋاتقاندەك ، ئەخلاق قارىشى ، غۇرۇر – ۋىجدان ھەمدە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا ئورناپ كەتكەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئىچىدىن ئىنسانلارنىڭ ئازاب – ئوقۇبىتىنىڭ مەنبەسىنى تاپالمايۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ .»
– ئو . ۋېلسون
ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
1865 – يىل – «ئۇزۇن – قىسقا شېئىرلار» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1866 – يىل — «ئوۋكىننىڭ كالا قوتىنى» ، نەسىرلەر توپلىمى ، «سىناق» شېئىرلار توپلىمى ؛
1869 يىل — «غېرىبلىق ۋە ئويلىنىش» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1870 – يىل — «ئۇرۇش تەسىراتلىرى» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1872 – يىل — «تەقدىر» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1874 – يىل — «فرانسىيە» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1875 – يىل — «ئورۇنسىز مۇلايىملىق» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1878 – يىل «ھەققانىيەت» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1883 – يىل «نەسىرلەر توپلىمى» ؛
1886 – يىل «پىرىزما» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1888 – يىل — «بەخت» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1892 – يىل «شېئىرنىڭ سىنىقى» ، ئوبزورلار توپلىمى ؛
1901 – يىل — «شېئىرنىڭ ۋەسىيىتى» ، شېئىرلار توپلىمى ؛
1905 – يىل — «باسكا نائىل بولغان ئېتىقاد» ، پەلسەپىۋى ئەسەرلەر توپلىمى
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11543