2011- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى توماس ترانستروم بىلەن سۆھبەت (2)
2011- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى شائىر توماس ترانستروم بىلەن سۆھبەت (2)
تېپىشماق ئايدىڭلاشسۇن
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
سۇئال: بۇرۇن شېئىرلىرىڭىزدا تۇيغۇلىرىڭىزنى بەك ئاشكارا ئىپادىلەپتىكەنسىز، ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزدا شۇ چاغدىكى ئۇسلۇبىڭىز پات- پات ئىپادىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
جاۋاب: بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم: كونىلىق بىلەن يېڭىلىق ئارىسىدا يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق قېلىپلىشىپ كەتكەن كۆز قاراشنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىدى. مېنىڭچە، شەيئىلەرگە تارىخىي نەزەردە قاراش بەك مۇھىم، بۇنداق بولغاندا ئادەم ۋاقىت جەھەتتىكى چىقىش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ھەرگىزمۇ كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتقىلا تىكىلىۋالمايدۇ.
سۇئال: شېئىرلىرىڭىز ھەمىشە مۇئەييەن بىر ئوبيېكىتتىن باشلىنىدىكەن.
جاۋاب: شېئىرلىرىمنى مۇئەييەن بىر ئوبيېكىت ياكى ھالەتتىن باشلايمەن، يەنى شېئىرلىرىم ئۈچۈن بىر «ئۇل» قۇرۇپ چىقىمەن. بۇمۇ مېنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىمدىكى ئالاھىدە بىر تەرەپ. شېئىر گاھىدا ئېنىق بىر ئوبرازدىن تۇغۇلىدۇ. ئوبراز مۇرەككەپ بىر ھالەتنىڭ تاۋلىنىشى، ئۇ شۇ ھالەتنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ دەسلەپتە يازغان شېئىرلىرىمدا ناھايىتى جىق ئوبرازلار بار.
سۇئال: مۇنداق بىر سۇئالنى سوراپ باقاي: شېئىر يېزىش ئارقىلىق بىرەر مەقسەتكە يەتمەكچى بولامسىز؟
جاۋاب: بۇ سۇئالغا ئېنىق بىر جاۋابنى بەرگىلى بولمايدۇ. مۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ: ھايات مەن ئۈچۈن بىر تېپىشماق، مەن مۇشۇ تېپىشماقنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى. مەن ئاشۇ رېئاللىقنى، ئۆزۈم ھېس قىلغان، تولىمۇ سىرلىق تۇيۇلىدىغان ئاشۇ ھاياتنى ئېنىق بىر شەكىلدە تەسۋىرلەپ بەرسەمكەن دەيمەن.
سۇئال: دەسلەپتە يازغان شېئىرلىرىڭىزغا ئىسىمىڭىزنى يازمىغانىدىڭىز. كېيىن «مەن» ئاپتورلۇقىدىكى شېئىرلىرىڭىز بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى.
جاۋاب: شۇنداق. مەسىلەن، تۇنجى كىتابىمدا ۋۇجۇدۇمدىكى ياۋزۇلۇقنى «ئىمزاسىز» ھالەتتە ئاشكارىلاشقا مەجبۇر ئىدىم، شېئىر ئاپتورىنى ئاشكارىلىمىسام، ئوقۇغانلار كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلەلمەيتتى. كېيىن بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچتىم. شېئىرنى ئۆزۈم يازغانلىقىمنى مەخپىي تۇتۇۋېرشىكە ئامالسىز قالدىم.
سۇئال: ساياھەتكە جىق چىقىدىكەنسىز، بۇ شېئىرلىرىڭىزدىمۇ جىق ئەكىس ئېتىدىكەن. قىلغان ساياھەتلىرىڭىز شېئىر يېزىشىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاب: 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ساياھەتكە چىقىشقا باشلىدىم. شەرق دۆلەتلىرىگە، شەرقىي ياۋروپاغا، ئافرىقىغا باردىم. دائىم ئۆزۈم يالغۇز ساياھەت قىلىمەن. شۇ ساياھەتلەر داۋامىدا ئۆز ئوبرازىمنى ئىزدىدىم، چوڭقۇر تەسىراتلارغىمۇ ئېرىشتىم، سەپەر جەريانىدا ئېرىشكەن شۇ تەسىراتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى «سەپەر مەخپىيەتلىكلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمدا ئەكىس ئەتتۈردۈم.
سۇئال: پىسخىك دوختۇرلۇقى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەنسىز. بۇ سىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
جاۋاب: نۇرغۇن نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ. ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن كۈندە ئالاقە قىلىپ تۇرىمەن. بۇ مېنىڭ تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنى دەماللىققا ھېس قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. «ئاۋاز تۈسى ۋە ئاياغ ئىزى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمدا روكىستۇناغا ئىشلىگەن پىسخىك خىزمىتىمنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈردۈم دېسەممۇ بولىدۇ. «غۇۋا كۆرۈش سەزگۈم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىمنىمۇ «كېچىلىك ئىسمېنا» ناملىق شېئىر بىلەن باشلىغانمەن.
سۇئال: بەزىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپسىز. مەسىلەن، يۇڭ خوكانسىن سىزنى «دىنغا بولغان ھۆرمىتىنى شېئىرلىرىدىكى تۇتۇقلۇق ئارىسىغا سىڭدۈرۈۋېتىدۇ» دەپتىكەن. ئۇنىڭ مۇشۇ گېپى توغرىمۇ؟
جاۋاب: بۇ، كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆزۈمنى مىستىتىزمچى دېسەممۇ بولىدۇ. لېكىن ئېتىقادقا بولغان كۆز قارىشىم بەك تۇتۇق.
سۇئال: 60- يىللار نۇرغۇن يازغۇچىلارنى بەكلا سىياسىيىلاشتۇرۇۋېتىپتىكەن. شۇ يىللاردا يازغان شېئىرلىرىڭىزدا بۇنداق ئۆزگىرىش ئانچە زور ئەمەسكەن، لېكىن شېئىرلىرىڭىز سىياسىي مەيدانى يوق دەپ تەنقىد قىلىنىدىكەن.
جاۋاب: شېئىرلىرىمدا چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە كۈچەيمەن. ئۆزۈمگە كونكرېت تۇيۇلغان، ئۆزۈم ھېس قىلغان نەرسىلىرىمنى سىياسىي ئەندىزىنىڭ ئالدىغا قويۇشۇم مۇمكىن، سىياسىي ئەندىزە ياكى لايىھە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى خىزمەت جەريانىدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تولا ئۇچراپ تۇرىمەن. شۇڭا مەندە ئازراقمۇ «ناچار ئۆزۈمچىلىك» ئىپادىسى كۆرۈلمەيدۇ.
سۇئال: شېئىرلىرىڭىزدا ئىپادىلەنگەن مۇزىكىلىق تۇيغۇ ھەققىدە جىق مۇنازىرىلەر بولۇندى. مۇزىكا ئىلھام مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىز ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
جاۋاب: مەن ئۈچۈن مۇزىكىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. مۇزىكا ماڭا كۈچلۈك ھېس- تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. مۇزىكىسىز ياشىيالمايمەن. ئەكسىچە ئېيتسام، مۇزىكىلىق شەكىلنى دوگمىلارچە شېئىرغا ئايلاندۇرۇۋېتىشنى قۇۋۋەتلىمەيمەن. مۇزىكا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئاللىقاچان تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى. شېئىرلىرىمدا ھەمىشە سىمفونىيەلىك تۇيغۇ ئىپادىلىنىپ تۇرۇشى مۇمكىن. مۇزىكا بىلەن شېئىرنىڭ ئورتاقلىقى بار، ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ ھەم باشلىنىش ھەم ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولىدۇ. بۇ ئوبراز سەنئىتى بىلەن ئوخشىمايدۇ.
سۇئال: يېقىندا نەشردىن چىققان «بالتىق دېڭىزى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىڭىز نەچچە بۆلەك داستانغا بۆلۈنگەن ئىكەن. سىز مۇشۇ شېئىرلىرىڭىز ئارقىلىق نېمىنى ئىپادىلىمەكچى بولدىڭىز؟
جاۋاب: بالتىق دېڭىزىنى ئوراپ تۇرغان، ھازىر بار بولغان ھەم بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بىئولوگىيەلىك ھاياتلىق ئارقىلىق بالتىق دېڭىزىنى تەسۋىرلىمەكچى بولدۇم، 1970- يىلى بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا بارغان چېغىمدىكى تۇيغۇلىرىمنى يېڭى ھېس قىلغان شەخسىي تەجرىبىلىرىمنىڭ ئۈستىگە دەسسەتمەكچى بولدۇم. ۋۇجۇدۇمدا ئېقىۋاتقىنى ئاراللاردا ياشايدىغان دېڭىز خەلقلىرىنىڭ قېنى بولغاچقا شۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىمۇ ئانچە- مۇنچە ئەكىس ئەتتۈردۈم.
بۇ سۆھبەت «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=10652