1902- يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: تىيودور مومسېن
1902– يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى
تىيودور مومسېن
ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى
نامايەندە شەكلىدىكى بۈيۈك تارىخىي ئەسەر
رىم تارىخى (History of Rome)
مۇكاپاتلاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ باھاسى :
مومسېننىڭ «رىم تارىخى» دېگەن بۇ كاتتا ئەسىرى ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى تارىخ يېزىقچىلىقىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئۇستاز ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى .
مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تەسىراتى
بۇ ئۆتكۈر ئەمما شەپقەتلىك قارار ھاياتىمدىكى جىمى كىشىلەر غولغۇلا قىلىشىۋاتقان تەرەپلىرىمنى تۇيۇقسىز يوق قىلغاندا ، بىزمۇ ھاياتلىقنىڭ چېكىگە ئۇلاشقان بولىمىز . شۇ تاپتا قەلبىمدە دەۋرەپ كېلىۋاتقان ھاياجىنىمنى ئىپادىلەشكە مۇشۇنىڭدىن ئۆزگە گەپ تاپالماي قالدىم . ھالبۇكى ، ئۇ پەيىت تېخى يېتىپ كەلمىدى . راستىنى دېسەم ، شۇ تاپتا مەن قانۇن ئەسىرىم ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋاتىمەن . كاللام مۇشۇ بۇرچنى تاماملاش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىلھام ئىزدەيدۇ ، ئەمما تۇرۇپ – تۇرۇپلا يەنە تۇتۇلۇپ قالىدۇ . ھازىر ھايات بىز گېرمانىيىلىكلەر ئۈچۈن قىيىنچىلىقتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ قالدى . لېكىن ، ئۇشبۇ بۈيۈك شان – شەرەپ تۈپەيلى ، ئەمدى ئاشۇ ئازابلىق كۈنلەر كەلمەسكە كېتىدىغان بولدى .
مۇكاپات ساھىبى ھەققىدە
تيودور مومسېن(Theodor Mommsen,1817-1903) گېرمانىيىنىڭ شلەيسۇدىۋگ(ئەينى چاغدا دانىيىگە تەۋە ئىدى) نىڭ كاردىن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان . دادىسى يېزا باستېرى ، ئاپىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى . ئائىلىسىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ، كىچىكىدىلا رىم تارىخىغا قىزىقىپ قالغان ھەمدە پىششىق ئۆگىنىۋالغان . 1842 – يىلى دانىيىنىڭ كىيېل ئۇنىۋېرسىتىتېنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، قانۇن دوكتورلۇقى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . كىيىنكى يىلى ، دانىيە پادىشاھىنىڭ ئىنئامىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئىتالىيىگە بېرىپ قەدىمكى رىم قانۇنىنى تەتقىق قىلىش خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان .
1847 – يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ بېرىپ ، لېيپىزىگ ئۇنىۋېرىسىتېتىدا قانۇن ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن . كېيىن ، بىسماركنى سۆكۈپ نۇتۇق سۆزلەشنى خالىمىغاچقا ، خىزمەتتىن بوشىتىلغان . شۇنىڭدىن كېيىن ، شىۋېتسارىيىنىڭ سىيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى ، بىرېسلاۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇتقۇچى بولغان ، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قەدىمكى زامان تارىخى پروفسسورى بولغان ھەمدە بېرلىن خان جەمەتى ئىنىستىتۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئەدەبىي قامۇس» ژۇرنىلىدا باش مۇھەررىرلىك قىلغان . 1874 – يىلى لېيپىزىگ ئۇنىۋېرىسىتېتىغا قايتىدىن تەكلىپ قىلىنغان . 1873 – يىلىدىن 1882 – يىلىغىچە ، گېرمان ئىمپېرىيىسى پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولغان . پارلامېنىتتا ئۇ دائىم لېبىرالسىتلار داھىيسى سالاھىيىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ ، بىسماركنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى سۆككەن . «تۆھمەت قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ پارلامېنىتتىن چېكىنىپ چىقىپ ، ئېتىراز بىلدۈرگەن .
شۇ يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلەر : تولستوي (رۇسىيە) ، زۇلا (فرانسىيە) ، يىتىز (ئېرلاندىيە) ، چۆپىتمان (گېرمانىيە) ، مومسېن (گېرمانىيە)
قىسقىچە ئەسلەتمە: قەدىمكى رىم شەھىرى خارابىسى
رىم – دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى . مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500 – يىلى برونزا قۇراللار دەۋرىدە ئادەملەر ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 8 – 4 ئەسىرلەردە رىملىقلار تېۋرى دەرياسى نىڭ سول قىرغىقىدا شەھەر قۇرغان . 4 – ئەسىردە ھىروما ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان . 1420 – يىلى رىم پاپاسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن . 14 – 15 – ئەسىرلەردە ئەدەبىيات – سەنئەت گۈللىنىشىنىڭ مەركىزى بولغان . 1867 – يىلى بىرلىككە كەلگەن ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان .
ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەسەرلىرى :
«رىمدىكى بوران – چاپقۇن» ، تيودور مومسېن ، ۋاڭ جىيەندېڭ تەرجىمىسى ، لىجىياڭ نەشرىياتى ، 1997 – يىل
«رىم تارىخى» ، تيودور مومسېن ، لى جىيانىيەن تەرجىمىسى ، شاڭۋۇ كىتابچىلىق مەھكىمىسى ، 1994 – يىلى
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى ئۈستىدە تەھلىل
قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىش مومسېننىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى . ئۇ 30 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە تاماملىغان بەش توملۇق «رىم تارىخى» (1854 – 1885 ، تۆتىنچى تومى پۈتمىگەن) دېگەن بۇ ئەسەر تارىخشۇناسلىق جەھەتتىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ .
مومسېن رىملىقلارنىڭ دۆلەتكە سادىق بولۇشتەك مىجەز – خاراكتېرىنى ئىخچام ، پىشقان تىل بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەن . رىملىقلارنىڭ دەسلەپتىكى كىچىككىنە بىر قەبىلىدىن چوڭ بىر ئىمپېرىيىگە ئايلىنىش جەريانىنى ناھايىتى يوقىرى ماھارەت بىلەن نامايەن قىلغان . ئۇ ئىمپېرىيىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ : ئىمپېرىيە ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدا كونا ، بېكىنمە تۈزۈلمە يېڭى ۋەزىپىلەرگە ماسلىشالماي قالدى ؛ «پۇقرالار قۇرۇلتىيى» بەزى ھاللاردا سىياسىي كۈشكۈرتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەندىن باشقا ، تەدرىجىي ئىسمى بار ، جىسىمى يوق قۇرۇق جاھازىغا ئايلىنىپ قالدى ؛ ئەسلىدىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئومۇمنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان تۆھپىكارلار پالاتاسى ئاستا – ئاستا زاۋاللىققا يۈز تۇتتى ؛ دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبارسىز قارايدىغان بۇژۇئازىيىنى تىرىلدۈرگۈچىلەر سىياسىي تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا باشلىدى ؛ ئەركىن دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇشى پۈتكۈل جۇمھۇرىيەتنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
ئۇ ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ دائىم ئالمىشىپ تۇرۇشى ئۇرۇشقا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشقا يامان تەسىر كۆرسىتىپ ، رىملىقلارنىڭ ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، گېنىراللارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى . گەرچە قەيسەرىزمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، ئەڭ مۇھىم سەۋەب – بىر مۇكەممەل تۈزۈمنىڭ يوق بولغانلىقىدا . سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق ، مۇستەبىتلىكنىڭ كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇشتۇمزور سىياسىي تۈزۈمگە قارىغاندا ، ئۇچرايدىغان ئوڭۇشسىزلىقلىرى ئاز بولىدۇ . ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن بۇ تارىخشۇناس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شانلىق ساختا نىقابىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلاپ ، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇ دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىش كېرەكلىكىنى ، شۇندىلا كىشىلەرنىڭ خىيالىي تۇيغۇلار تەرىپىدىن قايمۇقۇپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى .
مومسېننىڭ ھەممە جەھەتتە توشقان بىلىمى ۋە دېموكراتىزىمغا بولغان چىن ئىخلاسى گويا يېڭى بىر شانلىق نۇرنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي جەمئىيەتنى يورۇتقانلىقىغا ئوخشايدۇ . ئۇ دېموكراتىيە روھىغا باي ، ئىلىم – پەن ۋە سەنئەتنىڭ يۈكسىلىشىنى قوللايدىغان قەيسەرنى قىزغىن مەدھىيىلەيدۇ ، پومپېينى بولسا پەقەت ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇشقىلا يارايدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفتېسىر قاتارىدا كۆرىدۇ . قامۇس تۈسىنى ئالغان بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ ، قەدىمكى رىم جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ، ئىقتىساد ، ھەربىي ئىشلار ، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى قاتارلىق تەرەپلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، ئەسەرنىڭ يېزىلىشى ناھايىتى ئىخچام ، تەسۋىرلەر جانلىق ، دىرامماتىك خۇسۇسىيەتكە باي ، پېرسۇناژلار ئوبرازى ناھايىتى يارقىن بولۇپ ، ناھايىتى يوقىرى ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە . «رىم تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئەنە شۇنداق كاتتا مۇۋەپپەقىيىتى ئاپتورنى ناھايىتى يۈكسەك ئابرويغا ئىگە قىلغان .
بۇنىڭدىن باشقا ، مومسېننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن «لاتىن ئويما يېزىقى قامۇسى» ناھايىتى مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي ، يەنە يوقىرى بەدىئىي قىممەتكىمۇ ئىگە . ئۇنىڭ مۇشۇ كىتاب ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن بېغشلىمىسى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ قالتىس يېزىلغان لاتىنچە نەسىرلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ كەلمەكتە .
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ باھاسى
«<رىم تارىخى> دېگەن بۇ شاھانە ئەسەرنى يېنىش – يېنىشلاپ ئوقۇدۇم . مانا قاراڭ ، تولا ۋاراقلاۋېرىپ مۇقاۋىلىرىمۇ تىتىلىپ كېتەي دەپ قالدى . »
– بىسمارك
«مۇشۇ رەسىملەر بولغاچقا ، <رىم تارىخى> ناملىق بۇ ئەسەر 19 – ئەسىردىكى ئەڭ نادىر تارىخ ئەسىرى بولۇپ قالدى . مومسېننىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قەيسەر بىلەن خەننىبال ياشلارغا نىسبەتەن ئىلھام ، ھەربىيلەرگە نىسبەتەن بىر قىزغىنلىقتىن دېرەك بېرىدۇ .»
– تېرىسچاك
ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى
1845 – يىل – «ئوسكىنىڭ تىل تەتقىقاتى» ؛
1850 – يىل – «ئىتالىيە جەنۇپ دېئالېكتى» ؛
1854 – 1885 – يىل – «رىم تارىخى» (بەش توملۇق) ؛
1859 – يىل – «رىمنىڭ يىلنامە تارىخى» ؛
1860 – يىل – «رىمنىڭ قۇيما پۇل تارىخى» ؛
1866 – 1870 – يىل – «ھەق تەلەپ قانۇنى توپلىمى» ؛
1888 – يىل – «رىمنىڭ ئومۇمىي قانۇنى» ؛
1863 – 1902 – يىل – مومسېننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن « لاتىن ئويما يېزىقى قامۇسى » (16 توم) ؛
1899 – يىل – «رىمنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»
يازما ھوقۇقى: پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگى
يازما ئادىرىسى: /?p=11546