باش بەت » cms ئۇسلۇبلار »
[چوققىلانغان]wordpress مۇنبەر ئۇسلۇبى ( يېڭى نوسقا )
يېقىندىن بۇيان بىر نەچچە تۈرلۇق تەقلىدىي مۇنبەر ئۇسلۇبلىرىنى تەڭشەپ چىقتىم. تەڭشەلگەن ئۇسلۇبلار ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكىنى يەنىلا شۇ مۇنبەرگە تەقلىد ئۇسلۇبلىرى بولىدى. ئەڭ كۆپ ئىشىلتىلگىنى « dedecms گە تەقلىد ئۇسلۇب» ، « ئاددىي تەقلىدىي مۇنبەر ئۇسلۇبى » قاتارلىقلار بولدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى مەزكۈر ئۇسلۇبمۇ يەنىلا شۇ تەقلىدىي مۇنبەر ئۇسلۇبى دېيىشكە بولىدۇ. تۈزىلىشى ئاددىي، بولۇپ disuz نىڭ 7.0 نەشىردىن كېيىنكى ئۇسلۇبلىرىغا ئوخشاپراق كېتىدۇ. مۇنبەرگە ئەڭ روز دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان ئۇسلۇب. . . .
ئۇسلۇب ھەققىدە:
1) تۈرى cms گە تەۋە تەقلىدىي مۇنبەر ئۇسلۇبى. مۇنبەرلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئوخشاش باش بەتكە سەھىپىلەرنى خالىغانچە قۇرۇش ۋە سەھىپە چۈشەندۇرۇلىشلىرىنى ( ھەققىدە ) يېزىشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
2) مۇنبەرلەرگە ئوخشاش ھەر قايسى سەھىپىلەردىكى يازما ۋە ئىنكاس سانىلىرى…..قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3) ئارقا بەتتىن تەڭشەش ئارقىلىق ئەزالار تىزىملىتىش ياكى تىزىملاتماي تۇرۇپ يازما يوللاشقا بولىدۇ.
4) يازمىلارنى پاش قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
5) مۇنبەرلەردا بولغان ئىقتىدار يەنى « ئىمزا قويۇش » قوشۇلغان
6) تېمىلاردا تۇرۇپلا بىۋاستە تېما يوللاش ، ئىنكاس يوللاشلارغا ئۆتكىلى بولىدۇ. خۇددى مۇنبەرلەردەك.
7) ۋە باشقىلار….
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 8 دانە ئىنكاس يوللاش
ئەسسالام، پاراۋۇز!
مەزكۇر ئۇسلۇبتا، يېڭى يازمىلار، يېڭى ئىنكاسلىق يازمىلار… قاتارلىق ئۈچ سىتوننىڭ تېما سانىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا نەچچىگە بەلگىلىگىلى بولىدۇ؟ ئاۋۇ سىناق مۇنبەر ئۇسلۇبىدا 9 تېما باركەن. شۇ تېمىلاردا ماڭا ئۇچرىغان بىر مەسىلە، ئۇزۇنراق تېما ئىسمى بولسا ئىككى قۇرنى ئىگەللەپ كېتىپتۇ.
ۋەئەلەيكۇم سالام !
يازما سانىنى خالىغانچە بەلگىلەشكە بولىدۇ. يېنىدىكى سان سېفىرغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەن 9 تال قىلىپ بەلگىلەپ قويغان.
ئۇزۇنراق تېمىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. مەن تەڭشەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايمەن.
ھە، چۈشەندىم. مەزكۇر ئۇسلۇب ھەققىدە يەنە بىرنەچچە سوئالىم بار:
1. بۇ ئۇسلۇبتا سەھىپىلەرگە كىرگەندىن كېيىن تېما ئىسمى، ئىنكاس سانى ۋە يوللىغۇچى نامى كۆرىنىدىكەن. «مانچە قېتىم ئوقۇلدى» دېگەن ساننىمۇ قاتقىلى بولامدۇ؟
2. ئۇلانما قاتقاندا، ئۇلانمىلارنى كەسپىي ئالاھىدىلىكى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ تىزغىلى بولامدۇ؟
3. ئەزالىققا تىزىملىتىشنىڭ سان چەكلىمىسى قانچە؟
4. سەھىپە تىزىملىكلىرى بىلەن يېڭى تېمىلار… نىڭ ئاستىدىكى «قىزىل رەڭلىك رەسىم»نى بەت ئاستىدىكى ئۇلانمىلار بىلەن سەھىپە تېزىملىرىكلىرى ئارىسىغىمۇ قىستۇرغىلى بولامدۇ؟
5. زىيارەت سىتاستېكىسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە بەت ئاستى تەرەپكە توغرسىغا ئورۇنلاشتۇرىمىزمۇ؟
بۇ ئۇسلۇب بەكلا ياراپ قالغانلىقتىن كۆپ سوراپ كەتتىم. توغرا چۈشىنەرسىز-ھە!
سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئاساسەن ئورۇندىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئازىراق ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزشىڭىز كېرەك.
1) مېنىڭ بۇنىڭغا قېتىم سانىنى كۆرسىتىدىغان قىستۇرما قاچىلاپ كودنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا چىقىشى مۈمكىن.
2) بۇمۇ بولىشى مۈمكىن، لېكىن مەن سىناپ باقمىغانتىم.
3) ئادەتتە سان چەكلىمە قويمايدۇ، لېكىن بىر مەسىلە سىز ئىشىلتىۋاتقان مۇلازىمىتىر چەكلەش سەۋەبلىك تىزىملاتقان ئۇچۇرلارنى ئۇدۇللا ئەخلەت ساندۇققا يوللايدىغان ئىش بولغان. مەن بۇنىڭغا يوللىقان.
4) ئۇ ئېلان كودى، ئۇنىڭ ئوروننى ئالماشتۇرۇپ قويسىلا ھەل بولىدۇ.
5) ئاستى قىسىمنىڭ كودى ۋە css نى تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىغىلى بولىدۇ.
ئۇسلۇب سېتىۋالغاندا تەپسىلىي كۆرۈپ ئاندىن سېتىۋاىلىش ئەڭ توغرا.
مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق بلوگىرلارغا سەمىىي رەھمىتىمنى بىلدۇرمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاراۋوز.
ئۇسلۇبلار بىر-بىرىدىن سەرخىل ئىكەن. مۇنبەر ئۇسلۇبى بەكلا قولاي، كۆركەم چىقىپتۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
قوللاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈرلەر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ياخشى تۇردۇم، ئۆزىڭىزچۇ؟
قەدىمىڭىزگە مەرھابا !