باش بەت » ئۇنىۋېرسال »

ئۇسلۇبچىلار بازار ئېچىڭلار ( ئۇسلۇبقا چاپان كىيگۈزۈش )

ۋاقىت: 2012-03-07 08:39 / كۆرۇلىشى: 717 / باھا: 2 ئىنكاس يوللاش

ئۆتكەندە بەگ غوجام قىلغان گەپ خېلى تەسىر قىلىدى: « ھەقسىز ئۇسلۇبنى كۆپرەڭ تەمىنلەپ خېرىدار توپلاڭ…. ئۇسلۇب بازىرى بىر قۇر تويۇندى …. قاتارلىقلار ) شۇ سەۋەب تۈپەيلى يەنە ئىزدىنىپ بېقىش ئويى تۇغۇلدى. نەق گەپنى قىلغاندا ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۈپ مەقسەتمۇ ئازىراق كىرىم قىلىش. دېمىسىمۇ شۈنچە يىل توردىن پۇل پېتىپ بېقىش ھەۋىسى شۇنداقلا ۋەسۋەسىسىدە ھەر خىل بىكەتلەرنىڭ ئېلانلىرىنى قويۇپ باققانمۇ بولدۇق، ئاخىردا بولغىنى بىكەتنى ئېغىرلاشتۈرغاندىن باشقا ئىش بولىمىدى. ماۋۇ ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىپ بۇنىمۇ قىلىپ باقتۇق. گۈگۈلغا قارىغاندا كۆپ مەنپەتى تەگدى. قىززىقچىلىقتا ئۇسلۇبلار دېگەننى زاۋۇتتىن چاپان چىقارغاندەك چىقىرىشقا باشلىدۇق. نەتىجىدە بولسا تويۇنۇش ھالىتىگە كېلىشكە باشلىدى.
شۇ سەۋەب ئۇسلۇب ھەۋەسكارلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىپ باققۇم كېلىپ قالدى. كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
1) ئۇسلۇب بازىرىنى قانداق كىڭەيتىش كېرەك؟
( كۆپلەپ ئۆزلەشتۈرىۋىرىش كېرەكمۇ ياكى باشقىلارنى بلوگ قۇرۇشغا دەۋەت قىلىش كېرەكمۇ ( بلوگنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشى ئەلۋەتتە ھەر جەھەتتىن ياخشى ئىش، توردىكى ماتېرىيال بايلىقى كۆپىيىدۇ ))
2) بىر بلوگقا بىر نەچچە خىل ئۇسلۇبنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشىلتىش ئامالىنى تېپىش كېرەكمۇ؟
ھازىرچە كاللامغا كەلگىنى مۇشۇنچىلىك قالغىننى كۆپچىلىك ئورتاقلاشساق دېگەن ئۈمىدتە مەن

مەن يۇقۇردىكى 2-چارىنى تېپىپ چىقتىم
بلوگىمغا دائىم كىرىپ تۈرغانلار دېققەت قىلغان بولسا كېرەك. تۈرايىمىزدا بىر مەزگىل « كىچىك چاپان » نىڭ سۈرىتى پەيدا بولۇپ قالغان، ئىشىلتىپ باققانلارمۇ بولىشى مۈمكىن. بۇ دەل ئۇسلۇب ئالماشتۈرۈش قورالىدىن ئىبارەت. بلوگقا بىر نەچچە خىل ئۇسلۇب يوللاپ بولۇپ ئاشۇ چاپاننى كەيگۈزۈپ قويساق زىيارەتچىلەر ئۆزىگە يارىغان ئۇسلۇبتا بلوگنى بىمالال زىيارەت قىلالايدۇ. بۇنداق بولغان بىر چاپاننى ئۈزۈن يىل كىيىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. زىيارەتچىلەرنىڭمۇ رەڭ قارشى ئوخشاش بولىماچ ئۇسلۇب يارتىش قارشىمۇ ئوخشاش بولماسلىقى ئېنىق. ماۋۇ چاپان ئارقىلىق ئۇسلۇب ئالماشتۈرۈش، بلوگ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىش، ئەڭ ئاخىردا بولسا بىزدەك ئۇسلۇب ھەۋەسكارلىرىغا بازار ئېچىش مەقسىتىگە تەڭ يەتكىلى بولىدۇ. بىر چالمىدا بىر نەچچە پاختەك تەڭ بىر تەرەپ بولىدۇ
گەپنى مۇشۇ يەرگىچە قىلاي قالغىنى ئاكتىپ ئىنكاسچىلاردىن ئاڭلايلى ^_^
چاپان چۈشۈرۈش ئادىرىسى: ئۇسلۇب چاپىنى
تېخىمۇ كۆپ جابتۇقلار: http://code.google.com/p/uyubuntu/downloads/list



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچلەر:

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 2 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. پاسئان مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ھەربىر شەخس ئۆزىنىڭ خۇسۇسى تور بېتى (بلوگى ياكى يازمىخانىسى)نىڭ ئىنتېرنېت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىۋاتقانلىقىنى، قىزىقىش، كەسىپ دائىرىسى ئوخشاش نۇرغۇن دوستلارنى بىر يەرگە جەملەۋاتقانلىقىنى بىلگەنسىرى، بلوگ قۇرغۇچىلار ھەسسىلىپ كۆپىيىدۇ. بىلىشىمچە، يۇقىرىدا سىز قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك، بلوگ قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەشۋىقات خاراكتېرلىك يازمىلارغا، ۋىدىئو خەۋەرلىرىگە، مەتبۇئاتلارغا يەنىمۇ تايىنىش كېرەك. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىرقەدەر مەشھۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئېنتېرنىت دۇنياسىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان بلوگى (سورۇن)ى بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى بىلوگگىرلارنىڭ سەييارە مۇھاكىمىسىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. يەنە بىرى ھەريىلى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «10 چوڭ بلوگ»نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ كۆلىمىنى، تەشۋىقاتىنى، يەنىمۇ داغدۇغىلىق قىلىش كېرەك. سىلەردەك بىلوگگىرلار باش بولۇپ، بىلوگ ساھەسىدە ئۆزۈڭلار بېسىپ ئۆتكەن مۇشەققەتلىك جەريانلارنى، ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ئاممىباب ئوقۇشلۇق شەكلىدە يېزىپ، ماس كېلىدىغان مەتبۇئاتلارغا قەرەللىك ئەۋەتىپ تۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. بۇلار ئەلۋەتتە يۈزە قاراشلىرىم.
    يەنە بىرى، ئاۋۇ «ئۇسلۇپ چاپىنى» ناھايتى زۆرۈر قورالكەن. مېنىڭمۇ شۇ تاپتا بىرنەچچە ئۇسلۇپقا تەڭلا كۆزۈم چۈشكەن ئىدى. قانداق قىلسام بولار دەپ باش قاشلاۋاتىمەن. … :smile:

    • parawoz مۇنداق يازغان:

      يۇقۇردا ئېيىتقانلىرىڭىز ناھايتى ئورۇنلۇق. ھازىر ئېنتىرنېتنىڭ رولىمۇ ناھايتى مۇھىم بولۇپ قالدى. يېقىندىن بۇيان بلوگ قۇرۇدىغانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. لېكىن ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردىغان ئازلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
      مېنىڭچە ئۇسلۇب تاللىغاندا بلوگ خاراكتېرىگە ماس كەلگۈدەك ئۇسلۇب تاللىسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

ئىنكاس يوللاش

ئېلان

回到页首
网站统计代码