باش بەت » ئۇنىۋېرسال »

ئۇسلۇبلار تورى قايتا قۇرۇلدى !

ۋاقىت: 2012-12-27 10:37 / كۆرۇلىشى: 1493 / باھا: 3 ئىنكاس يوللاش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ تور ئەھلى !
ئۇسلۇبلار تورى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئانچە مۇنچە بلوگ ئۇسلۇبلىرى تارقىتىلىپ تۇردى. بۇ جەرياندا تارقىتىلغان ئۇسلۇبلارنىڭ زور كۆپىچىلىكى ئاساسلىقى wordpress ئۇسلۇبى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. نامدا كەڭ مەنىدە بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە يەككە تۈر بويچە چەكلىنىپ قالغان. دەسلەپ ئۇسلۇبلارنى ئاساسلىقى ئەلشات ئەپەندىم بىلەن پاراۋوز بلوگى تەمىنلەپ تۇردى. پېقىر ئۇسلۇبلار تورىنى ئۆتكۈۋالغاندىن بۇيان كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ھەقىقىي بىر ئۇسلۇب تورى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۈتۈك خام خىيالنى ئويلاشتىم ۋە قارار قىلدىم. ئەلۋەتتە كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى بولمىسا بۇ خام خىيالنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش.
نۆۋەتتىكى پىلاندا discuz مۇنبەر سېستىمىنى ئىشىلتىش ئارقىلىق كۆپچىلىككە تېخىمۇ قولايلىق يارتىشتىن ئىبارەت. پەقەت ئۇسلۇبلارغىلا مۇناسىۋەتلىك خاسلىقنى ساقلاپ قېلىشنى كۆپ ئويلاشتۇق. كەڭ تور باشلىقلىرى ۋە ئاتامانلارنىڭ ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىغان، تەڭشىگەن ۋە ياكى توردا ئۇچۇراتقان ئېسىل ھەم نادىر ئۇسلۇبلىرىنى بۇ يەرگە يېغىشىنى ، ئۆز-ئارا كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق نامايەن قىلىشىنى ھەمدە ئۇسلۇبلار تورىنى بىرلىكتە تېخىمۇ جانلاندۇرۇشىنى چىن دىلىمىزدىن سورايمىز.
مۇنبەرگە ئۇسلۇب يوللاش باشلىنىپ بولدى ! نۆۋەتتىكى مەسىلە مۇنبەرگە ماس كەلگۈدەك ئۇسلۇب تاللاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق مەسىلەر قالدى. پات ئارىدا پۈتكۈسى. ئەمسە ئۇسلۇب يوللاش كۆپچىلىككە قالدى. ^_^

ئۆز-ئارا خەۋەردار قىلىپ قويۇشنى، بوش ئورۇنلار بولسا ئېلان سۈپىتىدە قىستۇرۇپ قويۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ !
باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغانلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ، قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئاخىردا بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
ئۇسلۇبلار تورىنىڭ نۆۋەتتىكى ئادىرىسى: http://uslublar.com/bbs



无觅相关文章插件,快速提升流量

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 3 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. مۇئەللىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

    • parawoz مۇنداق يازغان:

      مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. يېڭى يىلدا ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق، بەركەت، ئائىلەڭلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن !

  2. تورسودا مۇنداق يازغان:

    توردۇنياسىدىكى نادىر ئۇسلۇبلار بىر جايغىلا يىغىلغۇدەك، ياخشى باشلىنىش….قىزغىن قوللايمىز

ئىنكاس يوللاش

ئېلان

回到页首