باش بەت » بلوگ بىلىملىرى »
wordpress گە قىستۇرمىسىز فىلىم قويغۇچ قوشۇش ( 优酷,土豆,56 ) نى قوللايدۇ
بۇ ئىقتىدارنى قوشماقچى بولسىڭىز تەپسىلىي ئوقۇڭ، مېنىڭ ئويلىغان ۋە قوللانغان ئۇسۇلۇم سىزگە ماس كېلىمدۇ يوق ، ئاندىن قوللىنىڭ !
ئەگەر پەقەتلا قىلمىسڭىز ھەر قانداق ئۇسلۇبقا ھەقلىق ئورۇنتۇپ بەرسىەم بولىدۇ.
ئۆزخان تورىنىڭ ئۇسلۇبنى ياساش جەريانىدا فىلىم قويغۇچ لازىم بولۇپ قالدى. گەرچە توردا بۇ خىلدىكى قىستۇرمىلار ساماندەك جىق بولىسىمۇ مېنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمدىن چىقالمايدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەقسەت مۇنداق.
1) فىلىملەر ئاساسەن دۆلەت ئىچىدىكى فىلىم بىكەتلىرىدىن كەلگەن، مەسىلەن: 优酷,土豆,56,ku6 , Letv قاتارلىقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنى قوللىشى كېرەك. توردىكىلىرى بولسا ئاساسەن چەتئەلنىڭ قىستۇرمىلىرى ھەممىسى دىگۈدەك youtube نى ئاساس قىلغان.
2) مەن بەك ھورۇن ھەم فىلىم يوللىغاندا فىلىم ئادىرىسىدىن مەلۇم بۆلەكنى ئېلىپ ئاندىن چاپلاش ياكى ھەمبەھىرلەش دېگەن يەردىن swf ئادىرىسىنى ۋە باشقا ھەمبەھىر كودىنى ئېلىپ ئاندىن چاپلاش دېگەندەك ئىشلار بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق. بۇ يەردە سىز http://xxxxx.com دېگەن فىلىم ئادىرىسنى چاپلاپلا قويسا تۈگەيدۇ. ( ئالدىرىش تورىغا فىلىم يوللىغاندا تويغان بۇنداق ئىشلاردىن )
3) فىلىم ئادىرىسىنى « ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى » ئارقىلىق چىقىرىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق بولغاندا قالايمىقانچىلىق چىقمايدۇ. چۈنكى ئۇسلۇبنىڭ كېنو كۆرۈش بېتى ئۇستىگە پەقەت فىلىملا چىقىدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن. بۇنى ئويلاشقاندا « ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى » ئارقىلىق كىرگۈزۈش ئەڭ مۇۋاپىق.
4) يۇقارقى ئادىرىسلاردىن كەلگەن قاسماق مەينەت ئېلانلار يوقالغان بولىشى كېرەك.
5) ئۆزۈمگە خاس فىلىم قويغۇچ بولىشى كېرەك.
كۆپ ئىزدەش ۋە تاللاش ئارقىلىق ckplayer نى تاللىدىم.
ئۇ بىر قسىتۇرمىسىز ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى، ياساش جەريانى ۋە قەدەم باشقۇچلىرى:
بىرىنچى بۆلەك :
1) ئالدى بىلەن ckplayer نى چۈشۈرمىز. چۈشۈرۈش ئادىرىسى بۇ يەردە: ckplayer
2) ھۆججەتنى پرىستىن يېشىپ بوشلۇققا يوللايمىز. دېققەت: باش مۇندەرىجىنى يوللايمىز، بۇنىڭ ئىچىدە 2 تال ھۆججەت بار. مەن wordpress نى قاچىلىغان يەرگىلا يوللىغان. يەنە بىر ئىش، بۇنىڭ ئىچىدكى xml ھۆججەتلەردىكى ئادىرىسلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادىرىسغا ئالماشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
3) ئۇسلۇبنىڭ function.php ھۆججىتىگە تۆۋەندىكى كودنى قوشىمىز. ماۋۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ function.php دىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا چاپلاپ قويۇڭ.
4) يازما يوللىغاندا «youku code=“XXX“ width=“480″ height=“400″» بۇ خىل شەكىلدە فىلىم يوللىسڭىزلا فىلىم كۆرۈنىدۇ.
بۇ يەردىكى XXX بولسا فىلىمنىڭ تولۇق ئادىرىسى، مەسىلەن: http://v.youku.com/v_show/id_XNjE5Nzk0ODEy.html
ئەگەر 土豆 تورى ۋە باشقا تورنىڭ فىلىمىنى يوللىسڭىز ئاۋۇ youku دېگەن خەتنى مۇناسىپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئىنككىنچى بۆلەك:
ئەگەر فىلىمگە مۇقىم ئورۇن بېكىتىپ ئاشۇ يەردىلا كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز « ئۆزى بەلگىلەش بۆلەك » 自定义字段 ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئۇسۇلى مۇنداق:
1) يۇقارقى بىرىنچى باسقۇچتىكى ئالدىنقى 3 جەريان ئوخشاش ھەم مۇقىم چوقۇم قىلىسىز.
2) ئۇسلۇبقا ئۆزى بەلگىلەش بۆلەك قوشۇش. ماۋۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ function.php نىڭ مۇۋاپىق ئورۇنغا كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويۇڭ.
3) فىلىم قويغۇچ ئورۇننى مۇقىم بېكىتىش ۋە قويۇش
ئادەتتە single.php غا قويۇلدۇ. بۇ كود بايامقى ئۆزى بەلگىلەش بۆلەكىگە كىرگۈزگەن ئادىرىسنى ئەكىلىدۇ.
بۇ يەردە مەن ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇنداق شەكىلدە قويدۇم، قالغىننى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگەرتىپ تەڭشىۋىلىڭ.
ID, ”youku_value“, true); $youku = trim(strip_tags($youku)); ?>
4) يۇقارقى كودتىكى ئادىرىسنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادىرسىغا ئۆزگەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
- يېڭىلاش مەغلۇپ بولۇشتىكى بىر خاتالىق 2013-10-08
- wordpress نىڭ ئۇنتۇپ پارولنى ساندان ئارقىلىق بېكىتىش 2013-12-28
- Avatar رەسىمنى قىستۇرمىسىز چىقىرىش ئۇسۇلى 2013-10-03
- بىر قىسىم Ping ئادىرىسلار 2013-01-22
- wordpress دە بىر نەچچە « خىل سۈرەت » قوشۇش ئۇسۇلى 2013-12-10
تەۋىسيە يازمىلار
- wordpress نىڭ video ئۇسلۇبى 2012-05-15
- flash ئويۇن ئۇسلۇبى 2012-03-11
- wordpress ئويۇن تورى ئۇسلۇبى ( ئۆزى ئاپتوماتېك ئويۇن يىغىدۇ ) 2013-11-24
- بىر قىسىم ھەقلىق ئۇسلۇبلار ھەقسىز تارقىتىلدى. 2013-09-19
- wp ئۇسلۇبى: نامەلۇم جىسىم 2012-03-07
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش