باش بەت » ئۇنىۋېرسال »
function ھۆججىتىدىكى چاتاقنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى
يىقىندن بۇيان كۆپ قىسىم بلوگېرلار ئۆزلىرىنىڭ function.php ھۆججىتىدىن چاتاق چىققانلىقى توغرىسىدا ياردەم تەلەپ قىلغان. قارىسام ھەممىسىدىكى مەسىلە ئوخشاش ئىكەن. شۇ سەۋەب بۇ يازمىنى يوللاپ قويدۇم.
كۆرۈلگەن خاتالىقنىڭ مەزمۇنى ئېسىلدە قالماپتۇ، لېكىن سەۋەبى ئېسىمدا بار. ئەگەر مۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويچە بىر تەرەپ قىلىڭ. بۇنى قانداق چۈشەندۈرسەم بولار !؟
« ئالدى بىلەن ھازىر سىز بىر نورمال ئۇسلۇبىنى ئىشىلتىۋاتىسىز دەپ پەرەز قىلايلى، كېيىن توردىن مەلۈم بىر ئۇسلۇبنى چۈشۈردىڭىز. قارىسىڭىز ئۇمۇ نورمال قاچىلاندى ( بەزى ئەھۋالدا خاتالىق چىقىدۇ ) بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئەسىلدىكى ئۇسلۇبنى ئىشلەتمەكچى ياكى باشقىدىن يەنە بىر ئۇسلۇب قاچىلماقچى بولدىكىز، ئەپسۈس بۇ ۋاقىتتا بىر خىل خاتالىق چىقىۋىلىپ ( خاتالىق مەزمۇنى ئېسىمدە يوق، لېكىن function.php دىن خاتالىق چىقتى پالانى قۇردا خاتالىق بار دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ ) ھېچنىمە ئىشلىمەس بولۇپ كېتىدۇ. ھەتتا ئارقا سەپمۇ ئېچىلماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئالدىراپلا wordpress سېستىمىسىنى قايتا قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق، يۈز مىڭ قېتىم قاچىلىسىمۇ بۇ ھەل بولمايدۇ. تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن function.php نى ئوڭشاش كېرەك. بۇ بەك ئاسان.
function.php نى ئېچىۋالىمىز، يۇقۇردا كۆرسەتكەن پالانى-پوكۇنى قۇردىكى خاتالىق بار يەرنى تاپىمىز. شۇ قۇرلارغا قارايدىغان بولسا
function _check_isactive_widget(){
...............
يۇقارقى قۇرلاردىن تۈزىلگەن قودلارنى كۆرىمىز. ( بۇ كودلار ئادەتتىكى ئەھۋالدا function.php ئەڭ ئاخىرغا قوشۇلۋالىدۇ، يېقىندىن بۇيان ماڭا ھۈجۈم قىلغانلىرى ئارلىق قىسىملىرىغا قوشۇلۋالغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. ) ئەسىلدىكى نورمال function.php بىلەن بۈزۈلغاننى سېلىشتۈرسىڭىز مانە مەن دەپ چىقىپلا تۈرىدۇ. يەنە قارايدىغان بولساق
function _get_allwidgetcont($wids,$items=array()){
.............................................
function __popular_posts($no_posts=6, $before="
”, $show_pass_post=false, $duration=“") {
………………………………………………..
بۇلارغا ئوخشاش نۇرغۇن بۇزغۇنچى كودلارنى بايقايسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ.
دېققەت: نۆۋەتتىكى worpdpress ئۇسلۇبىنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئۇسلۇبلارنىڭ function.php لارنى يۇقارقى ئۇسۇل بويچە ئوڭشاپ چىقىسىز، شۇنىڭ بىلەن نورماللىشىدۇ.
ئەگەر ئىچىڭىز ئاغىرىپ بىرەتال ئۇسلۇبتىكى بۈزۈلغان function.php نى ساقلاپ قالسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممە ئۇسلۇبىڭىزنى بۈزۈپ تاشلىۋىتىدۇ. بۇنىڭغا رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەن شۇنداق قىلغان. جاپاسىنى ئاز تاتمىدىم.
يۇقارقى ئۇسۇلنى سىناپ باققۇسى بارلارغا:
1. ئايرىم wordpress دىن بىرنى قاچىلايمىز، ئاندىن نورمال ئۇسلۇبتىن بىر قانچىنى چاقىلايمىز. ( خاتىرجەم بولۇڭ، باشقا ئورۇندىكى worpress زىيانغا ئۇچۇرمايدۇ )
2. بۇزغۇنچى ئۇسلۇبنى چۈشۈرىمىز، ئاندىن قوزغىتىمىز. ئاندىن يەنە نورمال ئۇسلۇبنى قوزغىتىمىز. خاتالىق چىقىشقا باشلايدۇ.
3. خاتالىقنى يۇقارقى ئۇسۇل بويچە ھەل قىلىمىز.
بۇزغۇنچى ئۇسلۇب: http://code.google.com/p/uyubuntu/downloads/detail?name=janeway-uyubuntu.com.rar&can=2&q=
بۇزغۇنچى ئۇسلۇبنىڭ نورمال ئەسلى ئۇسلۇبى: http://code.google.com/p/uyubuntu/downloads/detail?name=janeway.rar&can=2&q=
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 3 دانە ئىنكاس يوللاش
ئىسىل ئۇسلۇبلار بارتى، مۇشۇ function نى دەپ تاشلىۋېتىپتىمەن،ئىسىت
ۋاي مەنمۇ دەل مۇشۇ ئەھۋالغا ئۇچرىدىم ، سىز ماڭا بەرگەن qintang ئۇسلۇبى دەل مۇشۇنداق بوپ قالدى … ياردەم قىلسىڭىز
ۋاي مەنمۇ دەل مۇشۇ ئەھۋالغا ئۇچرىدىم ، سىز ماڭا بەرگەن qintang ئۇسلۇبى دەل مۇشۇنداق بوپ قالدى …