باش بەت » تەۋىسيە ئۇسلۇب »

تەقلىدىي مېكروبلوگ ئۇسلۇبى asreteng

ۋاقىت: 2012-03-07 04:59 / كۆرۇلىشى: 3354 / باھا: 7 ئىنكاس يوللاش

ئۇسلۇب ئاپتورىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ئۇسلۇب QQ مېكرو بلوگىغا تەقلىد قىلىنغان دېيىپتۇ. مەنغۇ ھېچبىر ئۇنداق ھېس قىلمىدىم. لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن تۈزۈلىشى ئاددىي ئۆزى يەڭگىل بولۇش ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئۇسلۇب ئىكەن. ئارقا بەتكە ئاددىي SEO كۆزنىكى قوشۇپ قويۇلغان ئىكەن.
باشقا ئۇسلۇبلاردىن پەرىقلىق بىر يېرى، باش بەتتە يازمىلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە چىقىدىغان كىچىك رەسىم. بۇنى بەلكىم رەسىمنىڭ يازمىسى دەپ قىلىش مۈمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇ يازما تۈرۈشلۇق سەھىپىنىڭ رەسىمى. بۇ دېگەنلىك بىز ئالدى بىىلەن قىستۇرما قورالىدىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى سەھىپىلەرگە رەسىم بېكىتىمىز. ئاندىن يازما يوللىغاندا دەل شۈ رەسىم تۈرۈشلۇق سەھىپىنىڭ رەسىمىنى ئورۇنىدا كۆرۇنىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئورۇنىغا يازما رەسىمىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. ( كودنى ئۆزگەرتىپ قويساقلا ھەل بولىدۇ )
بىر قىسىم ئۆرنەكلەر بېرىلدى.
باش بەت رەسىمى:

ئارقا بەت رەسىمى:

مەزكۈر ئۇسلۇب ھەقسىز تارقىتىلدى. ئۇسلۇبتا كۆرۈلگەن ھەرقانداق مەسىلە ياكى كەمچىلىك بولسا پىقىر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساق بولىدۇ ( 744201670 پىنگىۋىن )
ئاستى قىسىمدىكى « ئۆزلەشتۈرگۈچى: پاراۋوز بلوگى » دېگەننى چىقىرۋىتىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىڭ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى: asreteng



无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچلەر:

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 7 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. نازپەرى مۇنداق يازغان:

    ئۆزى بەك چىرايلىق ئىكەن بۇ ئۇسلۇپ، ئەمما ئارقا بېتى نىمىشقا خەنزۇچە ؟ تايىنلىق ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتمەي…….
    لىكىن مەن چۈشۈرەلمىدىم.

    • parawoz مۇنداق يازغان:

      ئارقا بەتنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلاپتىمەن. theme_options.php ھۆججەت ئىچىدىكى خەنچە گەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ قويسىڭىزلا تۈگەيدۇ.

  2. مەرۋايىت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، رەھمەت سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارغا.
    بۇ ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈپ قاچىلىيالمىدىم، ئۇسلۇب قاچىلاش مەغلۇب بولدى دەپلا چىقىۋالدى، بىرەر ئامالى بارمىدۇ؟ يەنە بىرسى، بۇنى يازما رەسىمىنى قوللايدىغان قىلغىلى بولارمۇ؟ ئۈستىدە كود ئۆزگەرتىشنىڭ گېپىنى قىپتىكەنسىز، لېكىن مەن ئۇ ئىشلارنى پەقەت بىلمەيدىغان ساۋاتسىز :mrgreen: :mrgreen:

    • parawoz مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت!
      بىرىنچى سوئالغا : قارىغاندا سىز باشقۇرۇش بېتىدىىكى ئۇسلۇب قاچىلاش دېگەن يەردىن بىۋاستا قاچىلىغان ئوخشايسىز…
      نېمىشقا يەنە بىر خىل ئۇسۇلنى، يەنى پىرىستىن يېشىپ ئاندىن ھاسىل بولغان ھۆججەتنى themes/ ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قاچىلاپ باقمايسىز؟ مېنىڭچە بۇ ئۇسلۇب قاچىلاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
      ئىككىنچى سوئالغا: سىز دېمەكچى، ئاۋۇ سەھىپە ( كاتېگورىيە ) رەسىمنىڭ ئورنىغا يازما رەسىمنى چىقارغىلى بولامدۇ ؟ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. مەندە ئۇ كود بولىدىغان، ئىزدەپ باقاي.

  3. تىلەك مۇنداق يازغان:

    پاكىز چىرايلىق ئۇسلۇپكەن، رەھمەت سىزگە.

  4. قارا مۈشۈك مۇنداق يازغان:

    تىخىمۇ ياخشى ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلغايسىز،بۇلارمۇ بەك ياقتى

ئىنكاس يوللاش

ئېلان

回到页首