باش بەت » كەسپىي ئۇسلۇبلار »
[چوققىلانغان]wordpress خەۋەر تورى 2- ئۇسلۇبى تارقىتىلدى!
ئالدىنقى قېتىم « خەۋەر تورى » ئۇسلۇبنىڭ بىرىنچى ئۇسلۇبى يامان ئەمەس چىققان. مانە بۈگۈن ئۇنىڭ ئىككىنچىسىمۇ تارقىتىلدى. بۇمۇ ئالدىنقىسىغا ئوخشاش چەتئەلنىڭ 69 دوللارلىق ھەقلىق ئۇسلۇبى بولۇپ cms تۈرىگە تەۋە. خەۋەر تورى ( بلوگى ) لىرىغا ماس كېلىشى مۈمكىن.
ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1) باش بەتكە رەسىملىك تەۋىسيە يازما ( سەھىپە ) قۇرۇشقا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز ياقتۇرغان سەھىپىلەرنى تەۋىسيە قاتارىغا قوشۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز. مەزكۈر سەھىپە يارمىلىرىنى ھەركەتلىك ۋە ھەركەتسىز ھالەتتە تەڭشەشكە بولىدۇ.
2) باش بەتكە ئالبۇم قوشۇشقا بولىدۇ، يەنى خالىغان سەھىپىلەر ئالبۇم قاتارىغا كىرگۈزۈلسە، بەلگىلىگەن سەھىپىلەردىكى بىرىنچى يازما تېمىسى ۋە يازما رەسىمى كۆرۇنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى سەھىپىلەردىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغىلى بولىدۇ.
3) باش بەتتە خالىغان سەھىپىنى قوشۇش ۋە شۇ سەھىپىدە كۆرسىتىدىغان يازما سانىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ. باش بەتتە بەلگىلەنگەن سەھىپىلەر 2 بۆلەككە بۆلىنىپ كۆرسىتىلىدۇ.
4) باش بەتتە يېڭى يازمىلار تىزىملىكىنى كۆرسىتىش ياكى يۇشۇرۇشقا بولىدۇ.
5) يان ستونغا نىسبەتەن ئازىراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم. مەسىلەن: يان ستون ۋېجىتلىرى تاق ستون ۋە جۈپ ستون قىلىپ لاھىيلەندى. بۇنداق بولغاندا « بىكەت سەھىپىلىرى ( كاتېگورىيلەر)، خەتكۈچلەر، ئۇلىنىشلار ۋە باشقىلار » نى قوش ستون ياكى تاق ستون شەكلىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يان ستوننى ئىخچاملاش ۋە گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
6) ۋىجېتلارنى نورمال قوللايدۇ.
7) ئارقا سەپتىن ئېلانلارنى بىۋاستە قوشقىلى بولىدۇ.
8. سەھىپە تىزىملىكى بالا سەھىپە ( ئىككىنچى تەرىجىلىك سەھىپە ) قوللايدۇ.
9) رەسىملىك يازما يوللىغاندا رەسىمنى كۆرسىتىش تەرتىپى: ئاۋال نادىر رەسىمنى تاللايدۇ. نادىر رەسىم بەلگىلەنمىگەن ئەھۋالدا يازمىنىڭ بىرىنچى رەسىمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇمۇ يوق ئەھۋالدا ئالدىن بەلگىلەپ قويغان رەسىمنى يازما رەسىمى ئورۇندا كۆرسىتىدۇ.
10) يازما يوللىغاندا بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقلار قوشۇلغان. يەنى مەزكۈر يازمىدا « ئاپتور ئۇچۇرى كۆرسىتىش ياكى يۇشۇرۇش »، « يان ستون ( تەرەپ ) نى ئوڭ ياكى سولدا كۆرسىتىش، مەزكۈر يازمىنى ستونسىز تۈتۈن ھالەتتە كۆرتىش قاتارلىقلار.
ئۇسلۇب كۆرۈنىشىدىن بىر قىسىم تاللانما ئۆرنەكلەر:
ئۇسلۇب باھاسى: يۈز سوم
سىناق ئادىرىس:
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 4 دانە ئىنكاس يوللاش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ماڭا بۇ ئۇسلۇپ لازىم بولۇپ قالغان ئىدى. ھەقسىز يوللاپ بېرىشكە مۇمكىن بولارمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم، ئەسسالام. بۇ ھەقلىق ئۇسلۇب، تېخى ھەقسىز تەمىنلەنمىدى. كەچۈرسىز…
بۇ ئۇسلۇپ ھەقسىز مۇ يا ھەقلىق
ئۇسلۇب ھەقلىق. ئۇستىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويغان ئىدىم، دېققەت قىلمىغان ئوخشايسىز.