باش بەت » كەسپىي ئۇسلۇبلار »
[چوققىلانغان]wordpress خەۋەر تورى ئۇسلۇبى
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇسلۇبلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئىشىلتىۋاتقان بلوگېرلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.
بۇ قېتىمى ئۇسلۇب چەتئەلنىڭ 40 دوللارلىق ھەقلىق ئۇسلۇبى. تور ئارلاۋىتىپ ئۇچىراپ قالغان. بۇ ئۇسلۇب cms تۈرىگە تەۋە. ھېس قىلىشىمچە خەۋەر تورى ( بلوگى ) لىرىغا ماس كېلىدىكەن.
ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1) باش بەتكە رەسىملىك تەۋىسيە يازما ( سەھىپە ) قۇرۇشقا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز ياقتۇرغان سەھىپىلەرنى تەۋىسيە قاتارىغا قوشۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
2) باش بەتتە خالىغان سەھىپىنى قوشۇش ۋە كۆرسىتىدىغان يازما سانىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ.
3) يان ستون ( تەرەپ ) ئالاھىدە تەڭشەلگەن، يەنى:
باش بەت يان ستونى، يازما بەت يان ستونى ۋە ھەرقايسى بەت يان ستونلىرىغا خالىغانچە تۈر قوشۇشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەر قايسى بەتلەرنىڭ يان ستونلىرىنى خالىغان تۈر بويچە بېزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4) يان ستونغا نىسبەتەن ئازىراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم. مەسىلەن: يان ستون ۋېجىتلىرى تاق ستون ۋە جۈپ ستون قىلىپ لاھىيلەندى. بۇنداق بولغاندا « بىكەت سەھىپىلىرى ( كاتېگورىيلەر)، خەتكۈچلەر، ئۇلىنىشلار ۋە باشقىلار » نى قوش ستون ياكى تاق ستون شەكلىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يان ستوننى ئىخچاملاش ۋە گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇلاردىن سىرىت يەنە 新浪,腾讯 قاتارلىقلارنىڭ مېكرو بلوگىغا ئۇلاش ئىقتىدارى ۋە بىكەت ستاستىكىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىقلارنى قوشۇپ قويدۇم.
ئۇلانما تورىدا كۆرستىش ئىقتىدارى قوشۇپ قويۇلدى.
5) ۋىجېتلارنى نورمال قوللايدۇ.
6) ئارقا سەپتىن ئېلانلارنى بىۋاستە قوشقىلى بولىدۇ.
7) سەھىپە تىزىملىكى بالا سەھىپە ( ئىككىنچى تەرىجىلىك سەھىپە ) قوللىمايدۇ.
8. يېڭىدىن گۈگۈك بلوگ ئاسقۇ ۋىجېتى ۋە ئۇلانما تورى ھەمبەھىر ۋىجېتى قوشۇپ قويۇلدى
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش