باش بەت » cms ئۇسلۇبلار »

ئاددىي تەقلىدىي مۇنبەر ئۇسلۇبى

ۋاقىت: 2012-03-07 07:55 / كۆرۇلىشى: 2570 / باھا: 2 ئىنكاس يوللاش

ئالدىنقى قېتىم « dedecms گە تەقلىد wordpress ئۇسلۇبى » نى يوللانغان، لېكىن ئۇ ئۇسلۇب بىر خىل ئېغىر ھەم ئېچىشى ئاستا بولۇپ چىققان. ھەم بىر قىسىم خاتالىقلار كۆرۈلگەن.
مەسىلەن، باش بەتتىكى ھەر قايسى سەھىپىلەرنىڭ ( خەتكۈچ قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ) يازمىلار تىزىملىكىدىكى بىرىنچى يازمىدا كۆرۈندىغان رەسىم نورمال ئېچىلمىغان. يازمىغا نادىر سۈرەت قوشقاندا « ئالبوم » ئورۇندىكى رەسىملەردە ئېگىز-پەسلىك كۆرۈلگەن. بالا سەھىپە قوشقاندا سەھىپە تىزىملىكى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ۋە باشقىلار.
شۇ سەۋەبتىن مەزكۈر ئۇسلۇب تەمىنلەشتىن توختىتىلدى.
dedecms نى سېتىۋالغانلارغا يېڭىدىن تارقىتىلغان « ئاددىي تەقلىدىي مۇنبەر ئۇسلۇبى » ھەقسىز تەمىنلەنمەكچى. ئەگەر dedecms نى مەزكۈر ئۇسلۇبقا ئالماشتۇرۋەتمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ تاپشۇرۋالسىڭىز بولىدۇ. ( چ چ : 744201670 )
« ئاددىي تەقلىدىي مۇنبەر ئۇسلۇبى » نى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ چىقاي.
1) قۇرۇلما جەھەتتىن dedecms گە ئوخشاپ كېتىدۇ. تۈزۈلىشى ئاددىي، چوڭ سۈپەت. ئۆزى يەڭگىل، ئېچىشى تېز.
ئۇسلۇبنىڭ 4 خىل رەڭلىك شەكلى بار. قارا، يېشىل، كۆك دېگەندەك. خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشىلتىشكە بولىدۇ. ( ئارقا سەپتىن تەڭشىلىدۇ )
نادىر سۈرەت قوشۇلغان يازمىلاردىكى رەسىم « ئالبوم » ئورۇنىدا نورمال كۆرۇنىدۇ.
2) مۇنبەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن باش بەتتىكى « يېڭى تېما، ئاۋات تېما…..» ئورۇنىغا ئەسىلدىكى ئۇسلۇبتا يوق بولغان رەڭىلىق رەقەم قوشۇلغان، شۇنداقلا ھەر قايسى سەھىپىلەردىكى يازما تېمىسىنىڭ ئالدىغىمۇ 24 سائەت ئىچىدە يوللانغان يېڭى يازمىغا رەڭلىك، كونا يازمىغا رەڭسىز ئالمىشىدىغان رەسىم قوشۇلغان.
3) ھەر قايسى سەھىپىلەرنى ئاچقاندا يازمىلارنىڭ باش تېمىسىنىلا كۆرسىتىش ياكى قىسقىچە مەزمۈن شەكلىدە كۆرسىتىش قوللىنىلغان. ( ئارقا سەپتىن تەڭشىلىدۇ )
4) كۆرۈپ بولغان يازمىلار بىلەن كۆرۈلمىگەن يازمىلارنى ئايرىش. بۇ دېگەنلىك: مەسىلەن، خالىغان بىر سەھىگە كىرگەندە يازما تېمىسىغا چاشقانچاقنى توغىرلىغاندا، ئەگەر بۇ يازمىنى كۆرۇپ بولغان بولسىڭىز يازما تېمىسىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ، كۆرمىگەن بولسىڭىز رەڭگى مۇناسىپ رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
5) ۋىجېتلارنى قوللىشى ياخشى.
6) sina ۋە qq تاقارلىقلارنىڭ مېكرو بلوگقا ئۇلاش ۋىجېتلىرى قوشۇلغان.
7) ئېلان قويۇش ۋە باشقۇرۇش قولايلاشتۇرۇلغان. ( ئارقا سەپتىن تەڭشىگىلى بولىدۇ )
مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرۇپ تۇراي، قالغان ئارتۇقچىلىقى ياكى كەمچىلىكى بولسا سىناق ئادىرىستىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكىلىرى ئۇسلۇبنىڭ كۆرۇنىش شەكلى ئارقا بەتدىن بىر قىسىم ئۆرنەكلەر:

سىناق ئادىرىسى:
ئۇسلۇب باھاسى: يەتمىش سوم
ئالىم بىز بلوگى

باش بەت كۆرۇنىشىللىرى:





无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچلەر:

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 2 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. ھەسەن مۇنداق يازغان:

    بەك پەيزى ئكەن

  2. huxhuy مۇنداق يازغان:

    ئېسىل ئۇسلۇپكەن. جاپا چېكىپسىز.

ئىنكاس يوللاش

ئېلان

回到页首