باش بەت » ئۇسلۇب ياماقلىرى »
wordpress نىڭ video ئۇسلۇبىغا ياماق ئۇرۇلدى
ئالدىنقى قېتىم يوللىغان « wordpress نىڭ video ئۇسلۇبى » غا ياماق ئۇرۇلدى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالماشتۇرۋىلىشىنى سورايمەن. يەنە باشقا ياماقلار چىقسا مۇشۇ يازما ئاستىغا داۋاملىق تەھرىرلىنىپ ماڭىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئارا ئۇقتۇرۇپ قويۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن. خاتالىق بايقىغانلارنىڭ خەۋەردار قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن. ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقتىن كەچۈرۈم سورايمەن. ^_^
بىرىنچى ياماق ( 2012 -يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى )
ئۇسلۇبنىڭ باش بەتتىكى ھەركەتچان video ئورۇندىكى سىن ئىسمى ئەسىلدە سول تەرەپتە، stop دېگەن خەت ئوڭ تەرەپتە ئىدى. بۇ يەردە بىر خاتالىق كۆرۈلگەن، يەنى ئەگەر سىن video ئىسمى ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچە ھەرىپلەر ئارلىشىپ كەلگەندە ئېنگىلىزچە خەتلەر كەينىگە، ئۇيغۇرچە خەتلەر ئالدىغا كېلىپ قالايمىقان چىققان. بۇ خىل ئەھۋالنى ئوخشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن video سىن ئىسمىنى ئوڭ تەرەپكە ، stop دېگەن خەتنى سول تەرەپكە ئاپىرۋەتتىم. ھەمدە ئىسىمدىكى قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ قويدۇم. بۇنى مۇنداق ھەل قىلىمىز.
ئالدى بىلەن style.css ھۆججەتنى ئاچىمىز، ئاندىن تۆۋەندىكى ئورۇننى تاپىمىز
بىرىنچى: slider .anythingSlider h4 ( ئادەتتە editplus دېتالىدا ئاچساق 98 – قۇرغا توغرا كېلىدۇ )
#slider .anythingSlider h4 {direction:rtl; position:relative; right:13px; top:-10px; font:bold 12px ukij tuz tom, Arial, Helvetica, sans-serif; }
ماۋۇنىڭغا ئالماشتۇرۇپ قويمىز.
ئىككىنچى: بۇنىڭ ئاستىدىكى thumbNav، thumbNav a، start-stop قاتارلىق ئۇچ ئورۇننى ئالماشتۇرۇپ قويمىز، يەنى ماۋۇلارغا…
#thumbNav { position: relative; top:350px; left:38px; float:left; text-align: left; z-index:9999; text-align:left; }
#thumbNav a { color: black; float:right; font: 11px ukij tuz tom, Arial, Helvetica, sans-serif; display:block; padding:0; width:16px; height:16px; margin: 0 5px 0 0; text-align: center;
text-indent:-9009px; }
#start-stop { display:block; position:relative; z-index:999; display:block; float:right; padding:5px; font:bold 11px ukij tuz tom, Arial, Helvetica, sans-serif;
top:343px; right:601px; }
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 3 دانە ئىنكاس يوللاش
ئاكتىپ ئوقۇرمەندىكى ئوقۇرمەنلەر سۇرىتى چورگلىەپ سان چىقىدىغان تىېخنىكىنى سۆزلىۋەتسىڭىز بەھىرلەنسەك بولاتتى
بۇنى تازا چۈشۇنەلمىدىمغۇ، قايسى قەيەردىكى ئاكتىپ ئوقۇرمەنلەرنى دەيسىز؟
ئىزتىل كۇلۇبىنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ياماقلىرىنى يامىۋالسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ئەمدى ، رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز .