ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 3065|ئىنكاس: 166
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەرسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم (پوۋىست )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا




ھەر قېتىم يامغۇر ياققان چاغدا يامغۇردا يالغۇز مېڭىش ماڭا ئادەتكە ئايلانغان ئېدى . بۇ قىلىقىمدىن باشقىلار  ‹ يامغۇردا جېنى يايرايدۇ بۇنىڭ › دەپ زاڭلىق قىلىشاتتى ، ئۇلار نېمىنى چۈشۈنىدۇ ؟ بۇنى پەقەت ئۆزەملا بېلىمەن . مەن يامغۇردا يۈرسەم خۇددى ئۇ قېشىمدا پەيدا بولغاندەك ، بىر -بىرىمىزنى قولتۇقلىشىپ يامغۇر سەيلىسى قىلىۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ . يامغۇرنىڭ بىر خىل رېتىمدا شىۋىرلاپ يېغىشى خۇددى قاغجىرىغان يۈرىكىمدىن چىقىۋاتقان سېغىنىش مۇقاملىرىمنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسىدەك بىلىنسە  ، يۇپۇرماقلار يۈزىدىكى تامچىلار بولسا  شۇ مۇقامدىن تۈكۈلگەن ئادىمىلىك دۇردانىلىرىدەك تۇيۇلاتتى .

1.


ماشىنىنىڭ يىلان باغرى كەتكەن   يولدا كېتىۋاتقىنىغا 4 سائەت بۇلۇپ قالدى ، دېرىزىدىن سىرتقا تىكىلىپ قارىغىنىمچە كىتىپ باراتتىم . يول بۇيىدىكى گۈزەل مەنزىرلەرمۇ مېنى ئۆزىگە تارتالمايتتى . گەرچە كۆزۈم دېرىزە سىرتىدا بولغىنى بىلەن خىياللىرىم ئاللىقاچان ئاشۇ توپىلىق مەھەللەمدە ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇينىغان ئالمىلىق باغلاردا ئېدى . مەھەللەمگە ئاياق باسمىغىلى مانا ھەش- پەش دېگىچە 8 يىل بوپتۇ . ‹ بىزنىڭ ئوينىڭ كەينىدىكى قېرى جىگدە دەرىخى ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟  ئىليار  نېمە ئىشلار بىلەن يۈرگەندۇ ؟ ئۇ توي قىلغانمىدۇ ؟ دەريا بۇيىدىكى تېرەككە ئۇيۇپ قويغان ئىسمىمىز ھازىرمۇ بارمىدۇ ؟  ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالسام قانداق قىلارمەن ؟ تۇنىمىغانغا سېلىپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ ياكى ئۇنىڭغا 8 يىلدىن بېرى مۇشۇ كۈننى كۈتىۋاتقىنىمنى ئېيتايمۇ ؟ ›
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئاپتۇۋۇزنىڭ بىكەتكە كىرگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن . يېنىمدىكى ئايالنىڭ ‹ ئاي خېنىم  كەلدۇق ، ماۋۇ ئۇزۇن يولدا مۇڭدىشىپ زېرىكمەي ماڭامىزمىكىن دېسەم ، دېرىزىدىن كۆزىڭىزنى ئۈزمەيلا ئولتۇردىڭىز ، تەبىئەت گادىيى ئەمەستۇرسىز  › دېگەن قوپال ئەمما يۇمۇرىستىك سۆزلىرىگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ قۇيۇپلا ، يۈك -تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشەلدىم .
—ھەدە ، ماۋۇ سومكا سىزنىڭمۇ ؟
كەينىمدىن چىققان بۇ ئاۋازدىن ئىتتىك كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ،16 ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىز ماڭا كۈلۈمسىرگىنىچە بىر سومكىنى تۇتۇپ تۇراتتى .
— ياق سىڭلىم ، بۇ سومكا مېنىڭ ئەمەس ، بەلكىم يېنىمدا ئولتۇرغان ھەدەشنىڭ بۇلىشى مۇمكىن ، ھەي ھەدە ... ھەدە سۇمكىڭىز ، — دېدىم ماشىندىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان بايامقى ئايالغا .
— ھە ، قارىمامسىز ماۋۇ ئۆيدىكىنى كۆرۈپلا سومكامنىمۇ تاشلاپ ماڭغىنىمنى ھى ھى ھى
بۇ ئايالنىڭ قىزىقچىلىقىدىن ئاپتۇۋۇزدىكىلەرمۇ تەڭلا كۈلۈشتۇق .
ئەمما ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپلا ئالدىمدا تۇرغان ئىيارنى  كۆرۈپ ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم .توۋا ، مۇشۇنداقمۇ تاسادىبىلىك بۇلامدۇ ؟ يەنە تېخى بايام يېنىمدا ئولتۇرغان ئايالنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان يىقىنچىلىقىدىن ‹ بىزنىڭ ئۆيدىكى › دېگىنىنى چاقماق تېزلىگىدە چۈشۈنىپمۇ يەتتىم .
ئىليار مېنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى بولغاي  ، ھەيرانلىقتىن كەينىگە مۈدۈرلۈپ كەتتى  . يۈرىكىم   قانچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ھېجرانىدا پۇچىلانغان بولسا ،مانا ھازىرقى بۇ رىياللىقتىن تېخىمۇ پۇچىلانماقتا ئېدى . مەن  يۈك تاقلىرىمنى سۆرەشتۈرۈپ بۇ يەردىن تېزراق كېتىشكە ئالدىردىم .  ئەمدى ماشىنا توساپ ، چىقاي دەپ تۇرسام كەينىمدىن ئىنتايىن تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى  .
— گۈزەلئاي  بۇ سىزمۇ ؟ توختاپ تۇرىڭە ...
قەدەملىرىم جايىدىلا توختاپ قالدى ، شۇنچە يىل ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان يىقىملىق ئاۋاز ، كۆزلىرىمگە سۈرتكىدەك بولغان ئاشۇ نۇر يىغىپ تۇردىغان چىراي ماڭا يىقىنلاپ كەلمەكتە . مانا ئىككى قەدەم ، بىر قەدەم ...
مەن چىداپ تۇرالماي كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . كۆزلىرىمدىن  تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمنى يۇشۇرۇپمۇ  ئالالمىدىم . ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى شۇنداق ئاتقۇم  كەلدىيۇ ، ئەمما يەنىلا ئۆزەمنى تۇتىۋالدىم .
—ئىليار ، ياخشى تۇردۇڭىزمۇ ،   — ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ تەسلىكتە مۇشۇ گەپنىلا قىلالىدىم .
— توۋا ، بۈگۈن چۈش كۆرمىگەندىمەن . بۇ ... بۇ ...  ئەستا  !  شوپۇر ئۇستام بىر دەم ساقلاپ تۇرامسىز ، مەن ئاۋۇ سىڭلىمنى ماشىنىڭىزغا سېلىپ قۇياي .  سىزنى مەن ئاپىرىپ قۇياي گۈزەلئاي ...  
—بولدى ئىليار ، سىز ئۆز ئىشىڭىزغا بېرىۋېرىڭ ، ئايالىڭىز ساقلاپ قالدى .
— نېمە ئايالىڭىز ؟ ۋاي نېمە دەيدىغانسىز  ، ئۇ بايامقى يېنىمدا تۇرغان ئاغىنەمنىڭ ئايالى ، مەن سىڭلىمنىڭ ئالدىغا چىققانتىم ، قارىڭە ئۇياقتا تۇرغان سىڭلىم ئاسىيە بۇلىدۇ ، تۇنۇيالمىدىڭىزما ؟
ئەسلىدە بايامقى قىز ئىليارنىڭ سىڭلىسى ئاسىيە ئىكەن . شۇنچە يىللاردىن بېرى بۇ ئۇماققىنە بودەك قىز بوي تارتىپ  ، ئەمدىلىكتە كۆزنىڭ يېغىنى يىگىدەك گۈزەل قىزغا ئايلىنىپ كەتكىنىدىن راسلا تۇنۇيالماي قالغان ئىكەنمەن .
ئىليار يەنىلا بۇرۇنقىدەك تېتىك كۆرۈنەتتى ، گەرچە يىللار ئۇنىڭ نۇر يېغىپ تۇرىدىغان چىرايىغا نۇرغۇن ئىزنالارنى سالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ چېھرىدىكى  تەبەسسۇم يەنىلا بۇرۇنقىدەك جىلۋىلنىپ تۇراتتى .
ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي سىڭلىسىنى بايامقى تاكسىغا سېلىپ قۇيۇپ ، مېنى ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ماشىنىسىنى قوزغاتتى .
— توغرا گۈزەلئاي ، سىزنى كىمنىڭكىگە ئاپىرىپ قۇياي ؟
— موماملارنىڭ  ئۆيىگە .
— نېمە ؟ ئۇ ئۆيدە ھازىر ئادەم بولمىسا ؟
— بۇنى بىلىمەن ، ئەمما شۇ ئۆيگە بارغىم بار ، كىچىكىمدىن  شۇ ئۆيدە چوڭ بولغان ئېدىم ، سىزمۇ بىلىسىز ئۇلاردىن باشقىمۇ ئۇرۇق -تۇققىنىم يوق  .
— لېكىن ئۇ ئۆيدە ئادەم تۇرمىغىلى  خېلى يىللار بۇلۇپ كەتتى .  ئادەم يوق ئۆينىڭ قانداق بۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بەلكىم ..
مەن ئىليارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ باياتىدىن ئاران تەستە تۇتىۋاتقان توۋغۇنىم بىراقلا ئېلىپ ، كۆزلىرىمدىن ياشلار چېلەك بىلەن قويغاندەك تۈكۈلىشكە باشلىدى . ئىليارمۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى بولغاي ،ماشىنىسىنى توختۇتىپ ؛
— گۈزەلئاي ، ناۋادا مېنى يەنىلا بۇرۇنقى ئىليار دەپ بىلسىڭىز  ، سىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇياي ، ئۇ يەرگە بارىمەن دېسىڭىز ئاپىرىمەن ، لېكىن كۆرۈپ بۇلۇپ ياتاققا قايتىپ كېلىڭ . ھازىر بۇ ناھىيەدىمۇ ئۆزگىرىش زور ، نۇرغۇن جايلارنى چېقىپ بولدى . مومىڭىزنىڭ ئۆيىمۇ بۇلتۇر چېقىلىپ ، ئورنىغا بىنا ئۆي چۈشۈپ كەتتى .
مەن ئۈمتسىزلىك ئىچىدە ئىليارغا قارىدىم ، ماڭا شۇنداق قىلماقتىنمۇ باشقا ئامال يوق ئېدى ،  ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ بېشىمنى لېڭشىتىپ قويدۇم .



داۋامى بار




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2شۆھرەت +30 بايلىق +35 تۆھپە +45 يىغىش سەۋەبى
ئۇدۇن + 10 + 15 + 25 قوللاش!
ئاي بەرگى + 20 + 20 + 20 ساقلاۋاتىمەن.........

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-3-24 18:00:45 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا قىسقىغۇ. تويمايلا قالدىم.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-3-24 18:03:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-24 18:07  

داۋامى پۈتۈپ بولغانكىن قوشۇپلا يوللىۋەتسىڭزمۇ بوپتىكەن ....ھەممىنى قوشۇپلا ئوقۇغان بوساق باشقىچە بۇلاتتدە لىكىن.........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-24 18:05:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-24 18:03
دۋدامى پۈتۈپ بولغانكىن قوشۇپلا يوللىۋەتسىڭزمۇ بوپتىك ...

ئەمىسە جانىم ئۆچۈرۋېتىپ تۇرىڭ ، مەن پۈتكەندە بىراقلا يوللاي . شۇ چاغدا سىزگە ئۇچۇر قىلىمەن .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-3-24 18:06:59 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-24 18:08  
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-24 18:05
ئەمىسە جانىم ئۆچۈرۋېتىپ تۇرىڭ ، مەن پۈتكەندە بىراقلا  ...


خېلى كۆپ قىسمىنى يېزىپ بولغاندەك كۆرگەن ئېسىمدە.مەن شۇنى دېمەكچىدىم.تۇرېۋەرسۇن بولدى.داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدەيوللارسىز،قىزىقىپ ئوقۇۋاتقانلارغا سۇغۇق سۇ سەپمەيلى ھە؟
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

19

تېما

141

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
141
تىللا:
6559
تۆھپە:
4056
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
218 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-25

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر ئاتىسىكۆيۈمچان تىخنىك

6#
ۋاقتى: 2015-3-24 19:01:39 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-24 18:05
ئەمىسە جانىم ئۆچۈرۋېتىپ تۇرىڭ ، مەن پۈتكەندە بىراقلا  ...

مىنىڭچە سىزنىڭ مۇشۇنداق داۋامى بار شەكىلدە داۋاملاشتۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئۇتۇقلۇق باشلىنىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭىز بەركەتلىك بولسۇن .

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-3-24 19:36:45 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق  قىزقىپ  ئوقۇۋاتاتتىم   تۈگەپ كەتتى  دە  ،  داۋامنى  كۈتمە  ……

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-3-24 21:02:32 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى كۈتىمىز .شۇنداق ياخشى باشلىنىپتۇ.باش قەھرىماننىڭ ئورنىغا ئۆزۈمنى قويۇپ خىيال قىلىپ كەتتىمغۇ ھى ھى ھى

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-3-24 21:38:41 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا ياخشى باشلىنىپتۇ . كىيىن قانداق بولار ئىليار  بىلەن ئۇ قىز توي قىلالامۇ؟ كۆرۈپلا خاتا چۈشىنىپ قالدى ھە ئۇ قىز .....ھى......ھى....بۇ قىزلارنىزە  بەكلا قىزىقىپ ئوقۇۋەتتىم جىما ئاخىرىنى تىزرەك يوللارسىز كۆزۈم تۆت ھە.....
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-3-25 07:48:10 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى يەنە قاچانغىچە ساقلايمىز.....تىزراق يوللاڭ
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:28 , Processed in 0.147899 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش