-
2008-08-08
يالغۇزلۇقنى يېڭەلەمسىز؟ - [ماقالىلەر]
يالغۇزلۇق، غېرىبلىق ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مۇبادا سىز ھەقىقەتەن غېرىبسىنىپ، كەيپىياتىڭىز تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا، تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ:
1 – بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. نېمىگە قىزىقسىڭىز، كۆڭلىڭىز نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ بېقىڭ، پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كەتسىڭىز، تەبىئىيلا ھەممىنى ئۇنتۇيسىز. ئاستا يۈگۈرۈش، يېزىقچىلىق، رويال چېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنى ئويناڭ. -
2008-07-31
«ۋال - مارت» نىڭ دەۋرگە ماسلىشىشى - [ماقالىلەر]
1962- يىلى سام ۋالتوننىڭ «ۋال - مارت» تاللا بازىرىنى ئاچقاندا تۇتقان تىجارەت يولى ئاددىي ھەم يېڭىچە بولۇپ، ئەڭ چوڭ سارايدا باھانى ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈپ، تۈرى ئەڭ كۆپ تاۋارلارنى سېتىش ئىدى.
پارچە سېتىش تىجارىتى باشقىلارنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئالماق ناھايىتى ئاسان، شۇنداقلا پايدا ئالغىلى بولىدىغان تىجارەت ئىدى. سام ۋالتون تاللا بازىرى ئېچىشقا بەل بەغلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ كىچىك شەھەر، بازارلىرىنىڭ ھەممىسىدە دۇكان ئاچسام، غايەت زور پاپدا ئالالايمەن، دەپ ئويلىغانىدى. سام ۋالتون پىلان بويىچە تاللا بازارلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيتىۋاتقاندا، باشقىلارمۇ «ۋال - مارت» تاللا بازىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، تاللا بازىرى ئېچىش دولقۇنى قوزغىۋەتتى ھەمدە بۇ دولقۇن «ۋال - مارت» تاللا بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولدى. -
2008-07-31
رېئاللىقتىن ھالقىغان كىتابخانا - «ئامازون» - [ماقالىلەر]
«ئامازون» دۇنيادىكى تۇنجى تور كىتابخانىسى، 1995 - يىلى ئېچىلغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بولمىغاچقا، 1997 - يىلىغا كەلگەندە «ئامازون» نىڭ سېتىش سوممىسى 66 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
«ئامازون» كىتابخانىسىنى ئاچقان جېف بېزوۋس ئاكسىيە سودىسى قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، كومپيۇتېر تورى بارلىققا كەلگەندە، تور قانداق نەرسە سېتىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغاندۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى تورنىڭ كىتاب سېتىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: توردا 2 مىليارد 500 مىليون كىتاب بار كىتابخانا ئاچقىلى بولىدۇ، ئەمما رېئاللىقتا بۇنچىۋالا كۆپ كىتاب سىغىدىغان كىتابخانا ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.